يېقىندا Coca Cola نىڭ تەركىبىدە قىزىل خانقىز (Cochineal) دەيدىغان مەينەت قۇرتنىڭ قېنى باركەن دىگەن گەپلەر تارقالدى. ۋە بۇ سەۋەبلىك كوكا-كولا شىركىتى سوتقا چىقىشقا مەجبۇر بولدى. ھەمدە بۇندىن بۇرۇن كوكا-كولا دىگەن سۆز ئەرەبچە مۇھەممەد ئەلەيھىسالام ۋە مەككە نى ئىنكار قىلغانلىق دىگەن بەزى قاراشلار، كوكا-كولا يەھۇدى دىينى ئۈچۈن خىزمەت قىلىدۇ دىگەن سۆزلەر بىلەن كوكا-كولا سوتقا چىقتى ياكى ئەيپلەندى. تەركىبىدىكى قۇرت يوقتىش دورسىنىڭ مىقدارى ئۆلچەمدىن ئېشىپ كەتكەن دىگەن ئەيپلەش بىلەن ھىندىستاندىن 20 يىل چېكىندى.بۇ شىركەت <كوكا-كولا> دىگەن سۆزنى ئۇيغۇرچە ماركا قىلىپ تىزىملىتىپ، نەچچە يىللاردىن بۇيان رايونىمىزدا تىجارەت قىلىۋاتىدۇ.. تۆۋەندە Coca Cola ئۈستىدىكى بۇ ۋە بۇنىڭدىن باشقا ئەيپلەشلەرنىڭ پاكتلىرىنىڭ راست-يالغانلىقى، كوكا-كولا شىركىتىنىڭ بۇ ھەقتە چىقارغان باياناتلىرى ھەققىدە تەپسىلى توختىلىمىز.