• بلوگنىڭ (ئۇيغۇرچە) خەت نۇسخىسىنى نورماللاشتۇرۇش

    2011-01-26

    بۈگۈنكى كۈندە Chrome ۋە Mozilla ئوخشاش تور كۆرگۈچلەرنى ئىشلىتىشمۇ ئومۇملىشىپ قالدى. شۇڭلاشقا Weft دىن ئۆتكۈزۈشلا ئۇيغۇرچە تور بېكەتلەرنىڭ خېتى نورمال كۆرۈنۈش مەسلىسىنى تولۇق ھەل قىلالمايدۇ. گەرچە Vista دىن باشلاپ ئۇيغۇرچە خەت نۇسخىسى قوشۇلغان بولسىمۇ Vista ۋە Windows 7 لەرنىڭ ئومۇملىشىشى تېخى ئاستا. بۇنداق ئەھۋالدا قانداق قىلىپ بارلىق مەشغۇلات سېستىمىسى ۋە بارلىق تور كۆرگۈچلەردە ئۇيغۇرچە خەتلەرنى نورمال كۆرۈنىدىغان تەڭشەيمىز ؟ بۇ يازمىدا ھەل قىلىش چارىسىنى ئوتتۇرغا قويۇلدى:
    1. Weft دىن ئۆتكۈزۈش ئالدىنقى تاللاش ئەمەس.
       بلوگ ئوقۇيدىغانلارنىڭ كۆپۈنچىسى ئۆزىنىڭ شەخسى كومپيوتېرىدا تورغا چىقىدۇ. دېمەك ئۇلاردا ئەلكاتىپ ياكى ھەرقانداق بىر ئۇيغۇرچە خەت نۇسخىسى بار بولۇشى مۇمكىن. شەخسى كومپيوتېر ئىشلىتىدىغانلار كۆپۈنچە ئەڭ يېڭى مەشغۇلات سېستىمىسىنى ئىشلىتىشى مۇمكىن.  شۇڭا Weft دىن ئۆتكۈزWindows 7 دە ئۇيغۇرچە خەت نۇسخىسى بار، شۇڭا بلوگ ئۈچۈن eot دېگەنلەرنى بەك ئويلىشىپ كەتمىسىمۇ بولىدۇ. ئەگەر ئۆتكۈزۈشكە توغرا كەلسە UKIJ Tuz Tom ۋە ئەلپىدا ئېكران خەت نۇسخىسى كۆپرەك ئومۇملاشقاندەك تۇرىدۇ. EOT ئۇلانغان تور بېكەتلەر پەقەت Windows xp ياكى ئۇنىڭدىن تۆۋەن نەشىرى قاچىلانغان، ھېچقانداق ئۇيغۇرچە خەت نۇسخىسى يوق ۋە پەقەت IE تور كۆرگۈچىلا بار كومپىيوتېرلاردا تور بېكەتنىڭ نورمال كۆرۈنىشى ئۈچۈن شۇنداق eot ئۇلىغان. بۇنداق كومپيوتېرلار پەقەت تورخانىدىلا بولۇشى مۇمكىن.
    2. Microsoft Uighur نى چوقۇم تور بېكەت كودىغا يېزىش كېرەك.
      مەيلى بۇ خەت نۇسخىسى سەل كىچىك بولسىمۇ، سېستىما ئۆزى تەمىنلىگەن. شۇڭا تور بېكەت كودىغا چوقۇم Microsoft Uighur نى قوشۇپ يېزىش كېرەك. بىر تور بېكەت ئۈچۈن لايھەلىگىلى بولىدىغان خەت نۇسخىلىرىنىڭ چېكى بولمايدۇ. كۆپرەك خەت نۇسخىسىنى بىراقلا يېزىپ قويساق، كومپيوتېردا قايسى خەت نۇسخىسى بولسا تور بېكەت شۇنىڭدا كۆرۈنىدۇ.
    3. باشقا ئۇيغۇرچە قوللايدىغان خەت نۇسخىلىرى
    Tahoma خەت نۇسخىسى Windows XP دىمۇ بار، ئۇيغۇرچىنى ناھايىتى ياخشى قوللايدۇ. Sans Serif خەتنى سەل ئۇستىخانلىق كۆرسىتىپ قويغاننى ھېسابقا ئالمىغاندا نورمال ئوقۇغىلى بولىدۇ. شۇڭا بۇ ئىككى خەت نۇسخىسىنمۇ قوشۇپ قويۇش كېرەك.
    4. شۇنداق قىلىپ.....
        شۇنداق قىلىپ ئۇيغۇرچىنى ھەرقانداق كومپيوتېردا نورمال كۆرسىتىمەن دەيدىغان ئۇيغۇرچە تور بېكەتلەرنىڭ خەت نۇسخا كودى تۆۋەندىكىدەك بولىدۇ:
    font-family:  Arial, Microsoft Uighur, UKIJ Tuz Tom, Tahoma, Alpida Unicode System, sans-serif;
    ئەلۋەتتە، ئەگەر يۇقارقى خەت نۇسخىلىرىنىڭ ھېچقايسى يوق كومپيوتېرلار بولۇپ قالسا، ئۇ چاغدا ئامال يوق. Weft دىن ئۆتكۈزۈش كېرەك. لېكىن مېنىڭچە ئۇنداق كومپيوتېر ئاز ئۇچرايدۇ. ھېچ بولمىغاندا Sans serif بىلەن Tahoma ھەممە كومپيوتېردا بار.

    分享到:

ئىنكاس يېزىش رامكىسى كۆرۈنمىسە F5 نى بېسىڭ.

    评论

  • bakla yahxi
  • بلوگ سۇپىسىدا ئۆزگىرىش بولدىمۇ قانداق سىز تەمىنلىگەن ئۇسلۇپنىڭ ھەممەيىرى يىشىل ھالەتتە كۆرۈنىدىغان بوپ قاپتۇ،تەكلىماكان بلوگىمۇ شۇنداق قاراپ باقسىڭىز بوپتىكەن.
  • سالام ، مېنىڭ بلوگىمنى كۆرۈپ باقسىڭىز بوپتىكەن ، سەل بىنورمالمۇ قانداق ؟ نىمە قىلىپ قويغىنىمنى بىلمىدىم يول كۆرسەتكەن بولسىڭىز ! رەخمەت !
  • u c# kodi idi muxu tohurluk yazmakqi idim bolsa kandak kilsak muxu 代码 ni ulqamlik qikargili bolidu dap bargan bolsigiz awara kildim
  • yahximusiz blogbus ka 代码xakildiki makala awatmakqi idim likin awatsam kattila ulqamlik amas