• نەچچە يىل بۇرۇن (قايسى ئىكەنلىكى ئېسىمدە قالماپتۇ) بىر پروگراممىدا «تەكلىماكان» سۆزىنى «تەكتى ماكان»، تەكتىدە بايلىقلار كۆمۈلگەن ماكان دەپ چۈشەندۈرگەن. بىراق بۈگۈن كىتاب ئوقۇۋېتىپ (تارىخى مۇسىقىييۇن، 18 - ئەسىردە يېزىلغان تارىخنامە)دىكى تۆۋەندىكى قۇرلارنى ئۇچرىتىپ قالدىم:

    ھازىرقى ئۇيغۇر يېزىقىدا يېزىپ بېرەي:

    ئانداغ دۇر كىم سۇلتان ۋەزىر، ئەمىر، لەشكەرلەرى بىلەن پاي تەخت ياركەند دىن ئاتلانىپ، تارىم دەرياسەنى بويلاپ، تەرك مەكان دەشتىگە شىكارغا يۈزلەندىلەر.
     دېمەك، ئەگەر بۇ تارىخنامىدە خاتا خاتىرلىنىپلا قالمىغان بولسا، «تەكلىماكان» دېگەن سۆز ئەسلىدە ئەرەبچە «تەرك» ئەتمەك، يەنى تاشلىۋەتمەك، تاشلاندۇق دېگەن مەنىنى بىلدۈرىدىغان سۆزگە، ئورۇن دېگەن مەنىنى بىلدۈرىدىغان ئەرەبچە سۆز «ماكان»نىڭ قوشۇلۇشى بىلەن پۈتۈنلەي ئەرەبچە ياسالغان «تاشلاندۇق يەر» دېگەن مەنىنى بىلدۈرىدىغان سۆزكەن. (قىياس)

  • تەكلىماكان بلوگ زۇكام بولۇپ قاپتىكەن، بۈگۈن ساقايدى....
  •    بۈگۈن قاراپ باقسام Wordpress شىركىتىنىڭ ئۇيغۇرچە بېتى رەسمى ئىشقا كىرىشىپتۇ. بۇنىڭدىن ئىلگىرى wordpress تەمىنلىگەن ئۇيغۇرچە بلوگ قۇرۇش سۇپىسى ug.wordpress.com بىلەن باش بېكىتى ug.wordpress.org ئېچىلمايتتى. سىز wordpress باش بېكىتىدىن پايدىلىنىپ ئەڭ يېڭى wordpress ئۇسلۇبلىرىنى چۈشۈرەلەيسىز ۋە بلوگىڭىزنى ئىلغارلاشتۇرالايسىز.
    ئادرېسى: http://ug.wordpress.org

  •   ئالىپ ئەپەندى ئۆتكەندە Windows Live Messenger 2011 نى ئۇيغۇرچىگە تەرجىمە قىلىپ تارقاتقان ئىدى. بىلىك كۇلۇبىدىكى بۈركۈت ئەپەندى بەرگەن مەلۇماتقا قارىغاندا مىكروسوفت شىركىتى ئۇيغۇرچە نۇسخىدىكى Messenger نى ئىشلەشكە كىرىشىپتۇ. شۇنداق قىلىپ رەسمى نۇسخىدىكى MSN چىقىدىكەن.
    خەۋەرنىڭ مەنبەسى

  • سىز Google ياكى Yahoo دەك يوغان-يوغان داڭدار تور بېكەتلەرنىڭ كىرىمى قەيەردىن كېلىدىغانلىقىنى بىلەمسىز؟ ئېلاندىن كېلىدۇ. ھازىرغا قەدەر پەقەت Wikipedia لا ھېچقانداق ئېلان بىلەن شۇغۇللانمىدى. Wikipedia نىڭ كىرىمى ئىئانە توپلاشتىن كېلىدۇ. ئۇنىڭدىن باشقا يۇقىرى كىرىملىك تور بېكەتلەرنىڭ كىرىمى ئاساسەن ئېلاندىن كېلىدۇ. ئۇنداقتا بۇلار قانداق ئېلان؟

  • بۈگۈن ئۈرۈمچى ۋاقتى چۈشتىن كېيىن سائەت 5 دىن باشلاپ Google نىڭ Adsense دىن باشقا مۇلازىمەت بەتلىرىنىڭ ھەممىسىنى ئاچقىلى بولماس بوپ قالدى. سائەت 5 يېرىمدىن كېيىن Adsense مۇ ئېچىلماس بوپ قالدى. گۇگول جۇڭگو بلوگمۇ ئېچىلمىغاچقا نىمە ئىش بولغانلىقى ھەققىدە ھىچقانداق خەۋەر يوق. ئېچىلماس بوپ قالغان مۇلازىمەتلەر ئىچىدە Gmail بىلەن Ymail مۇ بار. بۇ قېتىم Google نىڭ بارلىق تورنامى ئېچىلماس بوپ قاپتۇ.. cn, com,hk , com قاتارلىقلارنىڭ ھىچقايسى ئىشلىمىدى. Yahoo نىڭمۇ ھەممە مۇلازىمەتلىرى بىراقلا توختاپ قاپتۇ......

  • تەڭرىتاغ تورىنىڭ 22 دېكابىر بەرگەن خەۋرىدە ئۈرۈمچىدە ئەتە قاتتىق يار ياغىدۇ دىيىلىپتىكەن، يارسىز تۇرمۇشتىن زېرىكىپ تۇرغاندا بۇ خەۋەرنى ئاڭلاپ، ئەگەر راستلا قاتتىق يار يېغىپ قالسا، مەنمۇ بىرەر سېۋەت تېرىپ ئەكىلەي دەپ ئۈرۈمچىنىڭ كوچىلىرىدا تاڭ ئاتاردىن كۈن پاتارغىچە ئايلىنىپ يۈردۈم. نەدىكىنى ھىچنىمە يوق.

  • موزىللا Firefox ئەڭ كۆپ ئىشلىتىلىدىغان توركۆرگۈچ. ئۇنىڭ ئىناۋىتى IE دىن كۆپ يۇقىرى، بۇ يىلقى راي سىناشتا Firefox بىرىنچى، Google Chrome ئىككىنچى، IE ئۈچۈنچى بولغان. ئەلۋەتتە Mozilla Firefox نىڭ ئۇيغۇرچە نۇسخىسى پۈتكىنى ھازىر يېڭىلىق ئەمەسكەن. بۇ 2008 -يىلىلا پۈتۈپتىكەن. بىر ئاي بۇرۇن يەنە 3.6 نۇسخىنىڭمۇ ئۇيغۇرچە تىل ھۆججىتى تەييار بوپتۇ. تېخى موزىللا شىركىتىنىڭ Firefox قا مۇناسىۋەتلىك باشقا مەھسۇلاتلىرى مەسلەن Seamonkey قاتارلىقلارنىڭ ئۇيغۇرچىسى تېخى پۈتمىگەچكە ئۇيغۇرچە نۇسخىدىكى Firefox نى بىۋاستە تىل تاللاپ چۈشۈرۈش ئورنىدىن

  • Blog*Bus دا ئىككىدىن ئارتۇق گۇگول ئېلانى قويۇشقا بولمايدۇ

    Blogbus نىڭ يازما بېتىنىڭ ئاستىدا بىر ئېلان بار. بۇ ئېلان Blogbus ئۆزى قويىۋالغان ئېلان. بۇ ئېلانغا Blogbus بەزىدە گۇگول ئېلانىنى ئالماشتۇرۇپ قويدىكەن. سىز بىلگەندەك Google بىر بەتكە ئۈچتىن ئارتۇق ئېلان قويۇشقا رۇخسەت قىلمايدۇ. ئەگەر سىز ئۆز تورتۇرايىڭىزنىڭ مەلۇم بېتىدە ئۈچ دانە گۇگول مەزمۇن ئېلانى تەڭ كۆرىنىدىغان تەڭشەپ قويسىڭىز. Blogbus نىڭ ئېلانىدىمۇ گۇگول ئېلانى كۆرۈنسە.. بۇ ئېلانلارنىڭ نورمال كۆرۈنىشىگە تەسىر يېتىپلا قالماي، گۇگول سىزنى كىلشىمگە خىلاپلىق قىلدى دەپ قاراپ ھىسابىڭىزنى توختىتىۋېتىشى مۇمكىن. Blogbus ئۆزى قويىۋالغان ئېلانلارنى يوقىتىدىغان ئىككى خىل ئۇسۇل بار.

  • ئىلگىرى Blog*Spot دىكى جەفرېي ئەپەندى ئىشلىگەن son of moto ئۇسلۇبىنى بلوگباسقا باشقىلارنىڭ ياردىمىدە يۆتكەپ ئەكەلگەن ئىدىم، بۇ ئۇسلۇبنى تولا ئۆزگەرتىپ، ئاخىرى بۇزلۇپ كەتتى. ئىنەك ئۇسلۇبىنى كەيدۈرۈپ قويسام تازا ياراشمىغانتى. بۈگۈن زادى جېدەللىشىپ، Blogspot دىكى ئەسلى ئۇسلۇبقا ئوخشايدىغان بۇ ئۇسلۇبنى ئۆزۈم ئۆزگەرتىپ ياساپ چىقتىم. ئۇسلۇب ياساشتا دەسلەپ Blogbus نىڭ Default كودىنى ئىشلەتتىم ۋە بۇ كودنى ئۆرۈپ - چۆرۈپ، تەھرىرلەپ، ئۆزگەرتىپ يۈرۈپ، 3 سائەت ۋاقت ئىچىدە بۇ ئۇسلۇب پۈتۈپ چىقتى. ئەھۋالدىن قارىغاندا ھىچقانداق مەسلە يوق. بۇ ئۇسلۇب قولۇم بىكار بولغاندا ھەقسىز تارقىتىلىدۇ.