• بۇ ئۇسلۇبنى ئۆزۈم ياسىدىم

    2010-12-07

    Tag:

    ئىلگىرى Blog*Spot دىكى جەفرېي ئەپەندى ئىشلىگەن son of moto ئۇسلۇبىنى بلوگباسقا باشقىلارنىڭ ياردىمىدە يۆتكەپ ئەكەلگەن ئىدىم، بۇ ئۇسلۇبنى تولا ئۆزگەرتىپ، ئاخىرى بۇزلۇپ كەتتى. ئىنەك ئۇسلۇبىنى كەيدۈرۈپ قويسام تازا ياراشمىغانتى. بۈگۈن زادى جېدەللىشىپ، Blogspot دىكى ئەسلى ئۇسلۇبقا ئوخشايدىغان بۇ ئۇسلۇبنى ئۆزۈم ئۆزگەرتىپ ياساپ چىقتىم. ئۇسلۇب ياساشتا دەسلەپ Blogbus نىڭ Default كودىنى ئىشلەتتىم ۋە بۇ كودنى ئۆرۈپ - چۆرۈپ، تەھرىرلەپ، ئۆزگەرتىپ يۈرۈپ، 3 سائەت ۋاقت ئىچىدە بۇ ئۇسلۇب پۈتۈپ چىقتى. ئەھۋالدىن قارىغاندا ھىچقانداق مەسلە يوق. بۇ ئۇسلۇب قولۇم بىكار بولغاندا ھەقسىز تارقىتىلىدۇ.





ئىنكاس يېزىش رامكىسى كۆرۈنمىسە F5 نى بېسىڭ.

    评论

  • بۇ ئۇسلۇب تولىمۇ چىرايلىق ئىكەن،بەك پەيزى قىلىۋاپسىز. مەن بىلىكقا تىزىملىتاي دىگەن ،قانداق تىزىملىتىمەن، ياردەم قىلسىڭىز.
    تەكلىماكان回复بۆرەيار说:
    بىلىك كۇلۇبىدىكى خالىغان باشقۇرغۇچىغا ئېلخەت يېزىڭ، ۋە تەكلىپ نومۇرى ئەۋەتىپ بېرىشنى سوراڭ. تەكلىپ نومۇرى بولمىسا تىزىملاتقىلى بولمايدۇ، مېنىڭ بىلىكتىكى دەرىجەم تەكلىپ نومۇرى ئەۋەتىشكە توشمايدىكەن. كەچۈرۈڭ.
    2011-01-02 23:48:04
  • بارخان ئەپەندىگە جاۋاب:
    تەلىپىڭىز بويىچە ئۇسلۇب ئەۋەتىلدى. ۋە قاچىلاش ئۇسۇلى چۈشەندۈرۈلدى. تەپسىلى ئوقۇپ ئاندىن قاچىلاڭ.
  • دىگىنىڭىز بويىچە ئېلخىەت يوللىۋەتتىم ،ئۇسلۇبنى ئەۋەتىپ بەرسىڭىز.
    تەكلىماكان回复بارخان说:
    بىر سائەت تەخىر قىلىڭ.
    2010-12-08 17:17:38
  • مەن بلوگ ئۇسلۇبىنى ئۆزگەرتەي دىسەممۇ يىشىل دالا ئۇسلۇبىدە ياقىدىغان ئۇسلۇب چىقمىغانتى،بۇ ئۇنىمۇ نىسىپ چۇشكىدەك.
    تەكلىماكان回复بارخان说:
    بولدىلا،،،، بۇ ئۇسلۇبنى ئەڭ ياخشىسى تارقاتماي.


    بلوگىمنىڭ كۇزۇر ئۇسلۇبى بولۇپ تۇرۇپ قالسۇن. تارقىتىۋەتسەم،،، تەكلىماكان بلوگنىڭ ئىناۋىتى قالمىغۇدەك. ھازىرلا ماڭا بىر پارچە ئېلخەت يېزىڭ. سىزگە ئەۋەتىپ بېرەي. خەتتە قاتئى ھەقسىز تارقاتمايدىغانلىقىڭىز ياكى باشقىلارغا تارقاتمايدىغانلىقىڭىز ھەققىدە گەپلەر بولسۇن.
    ئېلخەت ئادرېسىم، بىز كىم دىگەن سەھىپە ئاستىدا بار
    2010-12-08 15:49:07
  • بۇ ئۇسلۇبنى تىزراق تارقىتىڭ تەكلىماكان ئەپەندى،ئىلگىرىكى ئۇسلۇبنىمۇ ئەۋەتىپ بىرەي دەپ ئەۋەتىپ بەرمىگەنتىڭىز،
  • بۇ مەن كۆرگەن ئەڭ چىرايلىق ، ئەڭ پاكىز ئۇسلۇب !!!!
    تەخسىر !، بولسا بلوگ بېزەش ھۈنەرلىرى توغۇرلۇق يازمىلارنى كۆپرەك يازسىلا !!!
    مەن كۈندە يوقلاپ تۇرۇشقا كاپالەتلىك قىلىمەن .
  • ئەسسالام، يېڭى ئۇسلۇب كۆرۈنۈشى ئاددى ھەم چىرايلىق بولۇپتۇ. ئەمما ئۇيغۇرچە خەتلەر بەك كىچىك، ياپونچە خەتلەر بەك چوڭ بولۇپ كۆرۈندى.
    تەكلىماكان回复گۈل说:
    تەكلىپ بەرگىنىڭىزگە كۆپ رەھمەت.
    شۇنداق ئۇيغۇرچە خەتلەر كىچىك. بۇنىڭ سەەۋەبى ماۋۇ تېمىدا:
    http://bilik.biz/bbs/thread-23023-1-1.html
    ۋاقت بولسا بىلىكتىكى ئاۋۇ تېمىنى بىر قېتىم ئوقۇپ، سىزدە ۋىندوۋزدىكى ئۇيغۇرچىگە نىسبەتەن تەكلىپلەر بولسا، بىلىكتىكى ماۋۇ تېما ئاستىغا ئىنكاس يېزىپ قويۇڭ. رەھمەت.
    http://bilik.co/bbs/thread-23032-1-1.html
    ئەگەر ۋىندوۋز مەشغۇلات سېستىمىسىدكى ئۇيغۇرچە خەت نۇسخىسى ئوڭشىلىپ كەتسە، ئۇيغۇر يېزىقى كومپيوتېردا قالايمىقان كۆرۈنىدىغان ئىشلار تۈگەيدۇ.
    2010-12-07 03:27:26