-
Blog*Bus تەرجىمە ھۆججىتڭىزنى يېڭىلاڭ 2010 - يىل 12 - ئاي Update Header File Blogbus - [بلوگ ھۈنەرلىرى]
2010-12-08
بۇ قېتىمقى تەرجىمە ھۆججىتىگە، ئىنكاس يېزىش رامكىسىغا چىقىۋالىدىغان، تىزىملىتىپ ئىنكاس يېزىش، نامسىز ئىنكاس يېزىش، تىزىملىتىپ كىرگەندىن كېيىنكى چېكىنىش، سىزنىڭ ھىسابىڭىز دىگەندەك Blogbus دا يېڭىدىن پەيدا بولغان ئۇسلۇب سۆزلىرى قوشۇلدى. ئەگەر ئۇسلۇبنى تەكلىماكان بلوگدىن چۈشۈرگەن بولسىڭىز يېڭىلاش ھاجەتسىز.
يېڭىلاش ئۇسۇلى:
ئاۋال تەرجىمە ھۆججىتىنى چۈشۈرۈڭ : بۇ يەردىن چۈشۈرۈڭ .
شۈنلېي قاتارلىق قوراللار ئارقىلىق چۈشمەيدۇ.
ئاندىن چۈشۈرگەن ھۆججەتنى پرېستىن يەشسىڭىز بىر TXT ھۆججىتى بار، شۇنىڭ ئىچىدە تەرجىمە كودى بار، بارلىق كودنى كۆچۈرۈڭ. Blogbus ئارقا سەھنىسىدىن ئۇسلۇب تەھرىرلەيدىغان ئورۇنغا كىرىپ، ئۇسلۇبنىڭ head ھۆججىتىدىكى ئەسلىدە بار بولغان تەرجىمە ھۆججىتىنى ئۆچۈرۋېتىڭ. ئاندىن بايىقى كودنى ئورنىغا چاپلاڭ.
ئەگەر تورتۇرايىڭىزدا ئەسلىدە تەرجىمە ھۆججىتى بولمىسا، بۇ تەرجىمە كودىنى Head ھۆججىتىنىڭ ئەڭ ئۈستىگە چاپلاپ قويسىڭىزلا بولىدۇ.
ئەسلىدە بار بولغان تەرجىمە ھۆججىتىنى ئۆچۈرۋەتكەندە توريۈزىدە ئۇيغۇرچە كىرگۈزگۈچ كودىنى قوشۇپ ئۆچۈرۋەتمەسلىككە دىققەت قىلىڭ. كېڭەيتىلگەن نامى js بىلەن ئاياغلاشقان URL ئادرېسىنى ئېچىپ كۆرۈپ باقسىڭىز (ئادەتتە تور كۆرگۈچتە ئاچقىلى بولىدۇ.) توريۈزى كىرگۈزگۈچ كودىدا ئادەتتە تىك شەكىلدە بارلىق ئۇيغۇرچە ھەرىپلەر بار.
ئىنكاس يېزىش رامكىسى كۆرۈنمىسە F5 نى بېسىڭ.
评论