• Blogbus دا قوشۇمچە كودلارنى قىستۇرۇش ئورنى Order of AdditionalCodes - [بلوگ ھۈنەرلىرى]

    2010-12-08

    Tag:blogging blog

    ئىنكاس رامكىسىغا قوشقان تور ئۈستى ئۇيغۇرچە كىرگۈزگۈچى پەقەتلا ئىشلىمەي تۇرىۋالدى.كودنى قانچە قېتىم پارچىلاپ كۆرسەممۇ ھىچ ئۈنۈمى يوق. ئورۇن ئالماشتۇرۇپ باقسام ئوڭشالدى. ئەسلىدە بىز قىستۇرىدىغان قوشۇمچە كودلارنىڭ ئورۇن تەرتىپى بولىدىكەن. تۆۋەندە بلوگنى ئۇيغۇرچىلاشتۇرۇش ئۈچۈن قىستۇرىدىغان كودلارنىڭ ئورنىنى تەپسىلى يېزىپ قوياي.
    css ھۆججىتى ئىچىگە قىستۇرىدىغان كودلار:
    css ھۆججىتىنىڭ ئەڭ ئۈستىگە ئوڭغا توغىرلاش كودى قىستۇرىلىدۇ.
    css ھۆججىتىدىكى ئوڭغا توغىرلاش كودىنىڭ ئاستىغا eot كودى قىستۇرىلىدۇ.
     head ھۆججىتىگە قىستۇرىلىدىغان كودلار:
    بلوگباسنىڭ head ھۆججىتىدە ئەسلىدە كود بولسا ئۆچۈرۋەتسىڭىز بولىدۇ. ئەسلىدىكى كودنىڭ رولى سىز يازمىغا رەسىم قىستۇرۇپ يوللىغاندا رەسىملەرنىڭ كەڭلىكىنى بلوگ ئەمەلى كەڭلىكىدىن ئاشۇرۋەتمەسلىك. سىز ھەر قېتىم رەسىم قىستۇرغاندا رەسىم كەڭلىكىنى تەڭشەپ يوللىسىڭىز بولىدۇ. ياكى head ھۆججىتىدىكى كودلارنى ئۆچۈرمەي قويسىڭىزمۇ بولىدۇ. بۇ چاغدا رەسىم ھۆججىتىدىكى رەسىم كەڭلىكىنى ئۆزگەرتىش ئارقىلىقلا پۈتۈن يازمىلاردىكى رەسىم كەڭلىكىنى چەكلەشكە بولىدۇ. دائىم ئۇسلۇب ئالماشتۇرۇپ تۇرىدىغانلار بۇ كودنى ئۆچۈرمەي قويغان ياخشى. ئۇسلۇبنى ئالماشتۇرمايدىغانلار... ئۆچۈرۋەتسىمۇ بولىدۇ.
    head ھۆججىتىدىنىڭ ئەڭ ئۈستىگە favico كودى قىستۇرىمىز. (زۆرۈر بولسا)
    head ھۆججىتىنىڭ 2 - قۇرىغا تەرجىمە كودى قىستۇرىمىز.
    تەرجىمە كودىنىڭ ئاستىغا ياكى باشقا كودلار بولسا ئەڭ ئاستىغا ئاندىن تور ئۈستى كىرگۈزگۈچ كودى قىستۇرىمىز.
      مۇشۇ تەرتىپ بويىچە بولسا بلوگدا خاتالىق كۆرۈلمەيدۇ.
    word order of additional codes in blogbus system.





ئىنكاس يېزىش رامكىسى كۆرۈنمىسە F5 نى بېسىڭ.