-
«تەكتى ماكان» ئەمەس «تاشلاندۇق ماكان» ئىكەن. - [تىل]
2011-03-16
نەچچە يىل بۇرۇن (قايسى ئىكەنلىكى ئېسىمدە قالماپتۇ) بىر پروگراممىدا «تەكلىماكان» سۆزىنى «تەكتى ماكان»، تەكتىدە بايلىقلار كۆمۈلگەن ماكان دەپ چۈشەندۈرگەن. بىراق بۈگۈن كىتاب ئوقۇۋېتىپ (تارىخى مۇسىقىييۇن، 18 - ئەسىردە يېزىلغان تارىخنامە)دىكى تۆۋەندىكى قۇرلارنى ئۇچرىتىپ قالدىم:
ھازىرقى ئۇيغۇر يېزىقىدا يېزىپ بېرەي: ئانداغ دۇر كىم سۇلتان ۋەزىر، ئەمىر، لەشكەرلەرى بىلەن پاي تەخت ياركەند دىن ئاتلانىپ، تارىم دەرياسەنى بويلاپ، تەرك مەكان دەشتىگە شىكارغا يۈزلەندىلەر.
دېمەك، ئەگەر بۇ تارىخنامىدە خاتا خاتىرلىنىپلا قالمىغان بولسا، «تەكلىماكان» دېگەن سۆز ئەسلىدە ئەرەبچە «تەرك» ئەتمەك، يەنى تاشلىۋەتمەك، تاشلاندۇق دېگەن مەنىنى بىلدۈرىدىغان سۆزگە، ئورۇن دېگەن مەنىنى بىلدۈرىدىغان ئەرەبچە سۆز «ماكان»نىڭ قوشۇلۇشى بىلەن پۈتۈنلەي ئەرەبچە ياسالغان «تاشلاندۇق يەر» دېگەن مەنىنى بىلدۈرىدىغان سۆزكەن. (قىياس)
ئىنكاس يېزىش رامكىسى كۆرۈنمىسە F5 نى بېسىڭ.
评论
سىزمۇ دەرھال ئۇيغۇر بىلوگ مۇنبىرىگە سىز ئۇ مۇنبەردە يوككەنسىز بىللە بىلوەتوغۇرلۇق پىكىرلىشىلى http://bbs.uyblog.cn
software programme .can you tell me your QQnumber plz?hello!i have some quetions about