• ئۈرۈمچىدە يار ياغمىدى... خېلى ئۇزۇن ساقلىدىم.

    2010-12-27

    تەڭرىتاغ تورىنىڭ 22 دېكابىر بەرگەن خەۋرىدە ئۈرۈمچىدە ئەتە قاتتىق يار ياغىدۇ دىيىلىپتىكەن، يارسىز تۇرمۇشتىن زېرىكىپ تۇرغاندا بۇ خەۋەرنى ئاڭلاپ، ئەگەر راستلا قاتتىق يار يېغىپ قالسا، مەنمۇ بىرەر سېۋەت تېرىپ ئەكىلەي دەپ ئۈرۈمچىنىڭ كوچىلىرىدا تاڭ ئاتاردىن كۈن پاتارغىچە ئايلىنىپ يۈردۈم. نەدىكىنى ھىچنىمە يوق.
       ئۆتكەندە مۇنبەردە بىرسى تەڭرىتاغ تورى ئىملاغا پەقەت دىققەت قىلمايدىكەن. مۇشۇنداقمۇ يازامدۇ... دەپ بىر مىسال ئەپ قويۇپتىكەن. ئۇلىنىش قىلغان خەۋەر ئادرېسىغا كىرسەم تۈزىتىپ قويۇپتۇ. مانا ئۈرۈمچىدە قاتتىق يار ياغىدۇ دىگەن خەۋەر چىقىپ، تەڭرىتاغ تورىدا تۇرىۋاتقىلى بۈگۈن ساپساق 5 كۈن بولدى. شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونۇم رايونىدىكى  ئاپتونۇم رايونلۇق خەلق ھۆكۈمىتى تەشۋىقات بۆلۈمىگە بىۋاستە قاراشلىق بىردىنبىر نوپۇزلۇق ئۇيغۇرچە تور ئاخبارات ۋاستىسى بولغان تەڭرىتاغ تورى بۇنداق سەۋەنلىك ئۆتكۈزسە بولمايتتى .
    تۆۋەندىكى رەسىم 27 -دېكابىر تارتىلغان. (سۈرەتتە : تەڭرىتاغ تورىنىڭ بىر بۇرجىكى)

    分享到:

ئىنكاس يېزىش رامكىسى كۆرۈنمىسە F5 نى بېسىڭ.

    评论

  • ma temini korup yerim sa'et kuluptimen dise
  • مەن يازما تىمىسىنى كورۇپلا تەكلىماكان ئەپەندى خەتنى خاتا يازدىمۇ قانداق دەپ ئويلاپتىمەن،تولۇق ئوقۇپ كۆرسەم ئەسلى ئۇنداق ئەمەسكەن.
  • تېلىفون قىلسام قەرزكەن.......قايتۇرامسىز؟
  • haha!! manmu bazida muxundak hatalik sadir kilattim , bundak qong bekat sadir jikgan bolsa man anqa bakmu hata kilmaptiman likin tuzitimann
  • ئاپلا بۇ توغۇرلۇق ئۆزەممۇ خاتا خەت يېزىپ قويۇپتىمەنغۇ ..... يۇقىرىدىكى < تەقىدى > دېگەن ئەسلىدە تەنقىدى دېگەن گەپتى ، ئەجەپ سەت بولدى ....
  • ھا ھا ھا! توغرا دەيسىز . تەڭرىتاغ تورى تەقىدى پىكىرلەرنى قۇبۇل قىلىپ، بۇنداق سەۋەنلىكتىن ساقلىنىشىن ئۈمۈد قىلمەن، ھەم باشقا تورداشلارنىڭمۇ بۇنداق ھەھۋاللارغا دېققەت قىلىشىنى ئۈمۈد قىلىمەن .