-
Windows ئۈچۈن ئەڭ ياخشى يۇمشاق دېتاللار
2010-12-27
داۋاملىق سېستىمىنى قايتا قاچىلىغاندا بىر مۇنچە كېرەكلىك يۇمشاق دېتاللارنى قايتا قاچىلاشقا توغرا كېلىدۇ. مەن بۇ كېرەكلىك يۇمشاق دېتاللارنى تولا قاچىلاپ، ئۇلارنىڭ ئىچىدە ئەڭ ياخشىلىرىنى تاللاپ چىقتىم. مەندەك يۇمشاق دېتالچىلىقتىن خەۋرى يوق، ئەمما ئىشلىتىشنى بىلىدىغان ئادەملەر يۇمشاق دېتالنىڭ قولايلىق بولۇشىغا ئاساسەن توغرا باھا بېرەلەيدۇ. بۇلارنىڭ ھەممىسى ئوخشاش تۈردىكى ئونلىغان دېتاللار ئىچىدىن ئىنچىكىلىك بىلەن تاللاپ چىقىلغان.
1. ئەڭ ياخشى قويغۇچ Media Player Classic
تۆۋەندە بۇنى MPC دەپ ئاتايلى. بۇ بەك پاكىزە قويغۇچ، باۋفېڭ دىگەنلەر ھەرقانداق ھۆججەت قويساق ماس كەلمىگەنلىك ئۇچۇرى چىقارماي سورىمايلا قويىدۇ، ئەمما سىغىمى بەك چوڭ، ھەم تورغا ئۇلىنىمەن دەپ تۇرىۋالىدۇ. Real Player مۇ بەك چوڭ، ھەم جېق ھۆججەتلەرنى ياماق قاچىلىمىسا تونۇمايدۇ. VLC ۋە KMplayer مۇ خېلى ياخشىكەن. ئەمما يەنىلا MPC غا يېتەلمەيدىكەن.
MPC نىڭ ئالاھىدىلىكى: بەك پاكىزە، تورغا ئۇلانمايدۇ. چوڭلۇقى (يېشىل نۇسخا) ئاران 5mb كېلىدۇ. ھەرقانداق شەكىلدىكى ئۈن-سىن ھۆججىتىنى قويالايدۇ. (ئەگەر مەلۇم ھۆججەت شەكلىنى قويالمىسا، ئاۋال شۇ ھۆججەت ئۈستىدە مائۇس ئوڭ كونۇپكىنى چېكىپ، ئېچىش ئۇسۇلىنى تاللاپ، MPC قويغۇچنى كۆرسىتىپ بەرسىڭىز قويىدىكەن.)
يېشىل نۇسخىنى چۈشۈرۈش ئورنى
MPC باش بېتى
2. ئەڭ ياخشى تور كۆرگۈچ Mozilla Firefox
بۇ ھەقتە بۇرۇن بىر تېما يازغان. شۇڭا ئارتۇق گەپ قىلمايلى
Mozilla باش بېتى3. ئەڭ ياخشى پرېسلاش قورالى winrar
باش بېتى
www.winrar.com.cn
4. ئەڭ ياخشى PDF ئوقۇغۇچ Adobe Reader X
Adobe Reader باش بېتى5. ئەڭ ياخشى IM (مۇڭداشقۇ) - GoogleTalk
GoogleTalk باش بېتى
ئەلۋەتتە بۇ نەرسىنى ھىندىستاندىن باشقا جايدا بېكار گەپلىشىدىغانلار ئىشلەتمەيدۇ. ئەمما شىركەتلەرنىڭ ئىچكى قىسمىدا، يىراق ئارلىقتا تۇرىدىغان ئىشداشلار ئىشلەتسە بولىدۇ. بېكار گەپ سوقۇدىغانغا MSN 2011 مۇ خېلى بوپ قويىدۇ. يېقىندىلا تېخى ئۇيغۇرچە نۇسخىسى چىقتى.
گۇگۇل Talk ئاران 2 مېگابايتلا كېلىدۇ، ئۇنىڭدا QQ ۋە MSN لاردا بار ئىقتىدارنىڭ ھەممىسى بار. ھەمدە ئوخشىمىغان تىللىق كىشىلەر بىر توپ بولۇپ پاراڭلاشقاندا ئۆز-ئارا تەرجىمە قىلىپ بېرىدۇ. سىغىمى بەك كىچىك بولغاچقا كومپيوتېرغا پەقەت ئېغىر كەلمەيدۇ. Gmail Notifier نىڭ ئىقتىدارى سەپلەنگەن. ئامېرىكىدا تۇرۇپ، ئامېرىكا ۋە كاناداغا ھەقسىز تېلفون ئۇرغىلى بولىدۇ. ئۇيغۇرچىنى ناھايىتى ياخشى قوللايدۇ.
Windows Live Messanger ئۇيغۇرچە باش بېتى6. ئەڭ ياخشى ئېكران باشقۇرۇش قورالى StarDock
ئەلۋەتتە Dell ماركىلىق ئەمەس كومپيوتېرلارغىمۇ قاچىلاشقا بولىدۇ. بۇ قورالنى StarDock شىركىتى چىقارغان بولۇپ، ھەقسىز، پەقەت 20 نەچچە مېگابايتلىق بۇ دېتال بىلەن ئېكراننى پاكىزە باشقۇرغىلى بولىدۇ.
DellDock باش بېتى7. ئەڭ ياخشى چۈشۈرۈش قورالى - Thunder (شۈنلېي)
ھازىر FlashGet ، eMule ۋە باشقا نۇرغۇن مەنبەلەرنى شۈنلېي ئارقىلىق چۈشۈرگىلى بولىدىكەن. شۈنلېي7 نىڭ كۆرۈنمە يۈزى تېخىمۇ كۆركەن. بەزىلەر شۈنلېينى كومپيوتېردىن بەك كۆپ يوچۇق ئاچىدۇ دەيدۇ، مېنىڭچە ھەممە چۈشۈرۈش قورالى ئوخشاش. ۋىرۇسخور بولسىلا چوڭ ئىش يوق. شۈنلېينىڭ ئادەمنى بىزار قىلىدىغان ئېلانلىرىدىن باشقا ھەممە يېرى بولىدۇ.
dl.xunlei.com8. ئەڭ ياخشى لۇغەت UighurSoft - ئۇيغۇرسوفت
stardict ۋە lingo دىگەنلەر بەكلا قالايمىقان. تور يوق شارائىتتا ئىشلىتىدىغانغا يەنىلا ئۇيغۇرسوفت 2008 ياخشىكەن. سۆزلۈكى مول ھەم رەتلىك. يېقىندا تور ھەقسىز نۇسخىسى ئېلان قىلىنىپتۇ.
ئۇيغۇرسوفت تور لۇغىتى باش بېتى
ئۇيغۇر سوفت لۇغىتى 2008 باش بېتى9. ئەڭ ياخشى ئۇيغۇرچە كىرگۈزگۈچ Oyghan Unicode
ئەلكاتىپنى ياخشى دەي دىسەم، ئۇ ھەق ئالىدۇ. بۇ يازما ئاساسەن ھەقسىز يۇمشاق دېتاللارنى تونۇشتۇرغان بولغاچقا مېنىڭچە ئۇيغۇرچە ھەقسىز كىرگۈزگۈچلەرنىڭ ئىچىدە ئەڭ ياخشىسى Oyghan Unicode كىرگۈزگۈچ. بۇنى ئۇيغۇر كومپيوتېر ئىلمىي جەمئىيىتى تەمىنلىگەن. Windows Vista ۋە Windows 7 نى ئىشلىتىۋاتقان بولسىڭىز ئەلۋەتتە ئۇيغۇرچە كىرگۈزگۈچ قاچىلاش ھاجەتسىز.
ئويغان كىرگۈزگۈچ باش بېتى10 . ئەڭ ياخشى خەنزۇچە كىرگۈزگۈچ - سوۋگوۋ پىنيىن
يەنە گۇگول پىنيىن كىرگۈزگۈچمۇ خېلى بوپ قويىدۇ. مەن قارىسام ھەر ئىككىلىسىنىڭ ئىقتىدارى ئانچە پەرقلىنىپ كەتمەيدىكەن. ئەمما سوۋگوۋنىڭ يېڭىلىنىش ۋە خەت ئامبىرىنى تولۇقلاش جەھەتتە سەل ئالدىدا مېڭىۋاتىدۇ. گۇگولنىڭ ئىشى بەك جېق بولغاچقا يېتىشىپ بولالمايۋاتقان چېغى.
سوۋگوۋ پىنيىن كىرگۈزگۈچ باش بېتى
ئىنكاس يېزىش رامكىسى كۆرۈنمىسە F5 نى بېسىڭ.
评论
-------------------
كەچۈرۈڭ. ئۇيغۇر سوفت لۇغىتىنىڭ تور نۇسخىسى ھەقسىز.
============
. بۇ يازما ئاساسەن ھەقسىز يۇمشاق دېتاللارنى
-------------------------------
ئەمىسە 8-تۈردە تونۇشتۇرغان ئۇيغۇرسوفت لۇغىتى ھەقسىزما؟