-
ئېلانلارنى خاتىرجەم چېكىڭ (2) - [توربېكەت كىرىمى]
2011-01-19
نۇرغۇنلىرىمىزنىڭ توربەت، بلوگلىرىدا ئېلان بار. شۇنداق ھالەتتە باشقىلارنىڭ ئېلانلىرىنى چەكسەك بولامدۇ؟ ئىدارە ياكى مەكتەپتىكى بارلىق تورغا چىققۇچىلارنىڭ IP سى ئوخشاش، بىر ئىدارە ياكى بىر مەكتەپتىكىلەر چەكسە ھېسابات توختاپ كېتەمدۇ دېگەن سۇئاللارغا جاۋاب:
1. بلوگىمدا ئېلان بار تۇرۇپ باشقىلارنىڭ ئېلانلىرىنى چەكسەم بولامدۇ؟
جاۋاب: ھەرقانداق قەستەن ئېلان چېكىش Adsense كىلشىمىگە خىلاپ. ئەمما سىزنىڭ باشقا تور بېكەتلەردىكى ئېلانلارنى چېكىش-چەكمەسلىكىڭىز ئۆزىڭىزنىڭ ئېلان ھىېساباتى بىلەن مۇناسىۋەتسىز. خەقنىڭ تور بېتىدىكى ئېلاننى چەككەنلىكىڭىز ئۈچۈن سىزنىڭ ھېساباتىڭىزغا تەسىر يەتمەيدۇ ۋە ھېچقانداق تەسىرى يوق. شۇڭلاشقا باشقىلارنىڭ تور بېكىتىدە سىز قىزىقىدىغان، چەككۈڭىز كەلگەن ئېلانلار بولسا خاتىرجەم چېكىۋەرسىڭىز بولىدۇ.
2. مەكتەپ ياكى ئىدارىدە IP ئوخشاش. تور بېتىمدىكى ئېلاننى بىر ئىدارىدىكىلەر چەكسە بولامدۇ؟
بۇ سۇئالنىڭ جاۋابىنى يۇقىرقىدەك. ھەرقانداق شەكىلدىكى قەستەن ئېلان چېكىش كىلشىمگە خىلاپ. ئۆزىنىڭ ئېلانىنى ئۆزى چېكىش ۋە باشقىلارنى قەستەن ئېلان چېكىشكە جەلىپ قىلىش قېتىمى چەكتىن ئاشقاندا ئاگاھلاندۇرۇش خېتى تاپشۇرىۋالىسىز ياكى ھېساباتىڭىز توختاپ كېتىدۇ.
ئەمما Google نىڭ ئىز قوغلاش، ئېلان ھېساباتىنىڭ كىلشىمگە ئۇيغۇن ھالدا داۋاملىشىش ئەھۋالىنى سۈرۈشتۈرۈش ئىقتىدارى IP غا تاينىشتىن ناھايىتى ئۇزاقتا تەرەققىي قىلغان. شۇڭلاشقا توربېتىڭىزگە قويۇلغان ئېلانلارنى ئۆزىڭىزلا چەكمىسڭىز ۋە باشقىلارنى كۈشكۈرتۈپ چەكتۈرمىسىڭىز، ئۆز ئىدارە ياكى مەكتىپىزىدىن چېكىلسىمۇ، ئوخشاش IP دىن چېكىلسىمۇ ھېچنىمە بولمايدۇ. ئەلۋەتتە ئەگەر سىزنىڭ ئېلانىڭىز پەقەت ۋە پەقەت بىر ئىدارە ياكى مەكتەپنىڭلا IP سىدىن چېكىلىپ، باشقا IP لاردىن چېكىلىش ئەھۋالى كۆرۈلمىسە ياكى سىرىتتىن چېكىلىشى بەك ئاز بولسا، تەبئىلا ئالدامچىلىق قىلغان بولىسىز.
شۇڭلاشقا ئوخشاش IP ئىشلىتىدىغانلارنىڭ تەساددىپى ياكى تور بېتىڭىزدىكى ئېلانلارغا قىزىقىپ، چېكىپ سېلىشىدىن ئەنسىرىمىسىڭىزمۇ بولىدۇ. ئەمما ئۇلارغا ئېلان چېكىپ قويۇش ھەققىدە تەشۋىقات قىلماڭ.
ئىنكاس يېزىش رامكىسى كۆرۈنمىسە F5 نى بېسىڭ.
评论
سىزدىن سوراپ باقسام، سىزنىڭچە سۈرەتلىك ئىلانلارنىڭ چىكىلىش كىرىمى يۇقرىمۇ ياكى خەتلىك ئىلانلارنىڭ چىكىلىش كىرىمى يۇقرىمۇ؟