-
بۈگۈن Blogbus تەڭشىلىۋاتىدۇ.
2010-12-06
-
Google سودىگەر مەركىزى (جۇڭگو) ئېچىلدى
2010-12-06
گۇگول سودا مەركىزى توردا سودا قىلىدىغانلارنىڭ سودىسىنى راۋاجلاندۇرۇشقا ئالاھىدە ياردىمى بولىدىغان قورال
. Adsense مۇلازىمىتى Adwords غا ئۇلانغانغا ئوخشاش، Google سودىگەرلەر مەركىزى Google تاۋار ئىزدەش مەركىزىگە ئۇلانغان. گۇگول باش بېتىدىلا تاۋار ئىزدەش تۈرى بار. مال سېتىۋالغۇچىلار بۇ جايدىن مۇناسىۋەتلىك ئۇچۇرلارنى كىرگۈزۈپ ئىزدىگەندە Ebay ، تاۋباۋ، ئەلى بابا، ئامازون ۋە باشقا سودا تورلىرىدىكى تاۋارلارنى ئىزدەپ تاپىدۇ. گۇگول تاۋار ئىزدەش مەركىزىدە سىزنىڭ تاۋارلىرىڭىزنىڭ ئىزدەش نەتىجىسىگە چىقىشى ئۈچۈن Google سودىگەرلەر مەركىزىگە كىرىپ، تاۋارنى تىزىمغا ئالدۇرىشڭىز كېرەك. تاۋار ئۇچۇرلىرىنى گۇگول خادىملىرى تەستىقلىغاندىن كېيىن ئىزدەش نەتىجىسىگە قوشۇپ
-
Google Chrome 8.0 نۇسخا ئېلان قىلىندى
2010-12-05
گۇگول توركۆرگۈچ 8.0 ئېلان قىلىندى. ئۇنىڭ باشقا نەشىرلىرىگە قارىغاندا ئەڭ يوغان ئالاھىدىلىكى شۇكى PDF ھۆججەتلەرنى ئوقۇيالايدۇ. PDF ھۆججەتلەرنى كۆرگەندە تورغا چىقىش ھاجەتسىز. ئەمدى ئېغىرلىقى 50 مېگابايت كېلىدىغان Adobe ئوقۇغۇچنى قاچىلىمىساقمۇ، تور كۆرگۈچ بىلەنلا كىتاب ئوقۇشقا بولىدىغان بولدى.گۇگول تور كۆرگۈچى ھازىرغىچە ئېلان قىلىنغان توركۆرگۈچلەرنىڭ ئىناۋىتى ۋە ئىشلىتىلىش نىسبىتنى سېلىشتۇرغاندا دۇنيادا 2-ئورۇندا تۇرغان. 1 - ئورۇندا تۇرىدىغىنى موزىللا شىركىتىنىڭ Firefox .
-
ئۇيغۇرچە بلوگ ئىزدەش ماتورى موللا تاپقاق ئېلان قىلىندى
بارلىق ئۇيغۇرچە بلوگلاردىكى مەزمۇنلارنى ئىزدەپ تاپالايدۇ
پەقەت ئۇيغۇرچە بلوگنىلا ئىزدەيدۇ،توربېكەتنى ئىزدىمەيدۇ
مەرھەمەت:
http://molla.blogbus.com
ئەگەر بلوگىڭىزنى تاپالمىسا مۇشۇ يازمىغا ئىنكاس يېزىڭ. قوشۇۋالىمىز -
ئەلۋەتتە بۇھەقتە بىرنىمە يېزىش زۆرۈر ئەمەس. ئەلۋەتتە ئەگەر يۇرتىمىزدىكى IT ساھەسىدىكى مىللى كارخانىلارنى رەتكە تىزىپ باق دەپ ماڭا قويۇپ بەرسە تۆۋەندىكىدەك تىزىشىم مۇمكىن.
1. ئۇيغۇر سوفت شىركىتى www.uighursoft.com -
ئېھتىمال
Google Earth نى ئىشلىتىپ باققان بولۇشىڭىز مۇمكىن. گۇگول ئوخشاشلا گۇگول شىركىتى يەنە Google Mars ۋە Google Moon قاتارلىق ھەقسىز مۇلازىمەتلەرنى چىقارغان. Google يەرشارىدا ئۆيىڭىزنىڭ ئۆۋزىسىنى كۆرەلىگەندەكلا ئاي ۋە مارىستىكى ‹بىنالار› نى ئېنىق كۆرەلەيسىز. ئۇنىڭدىن باشقا يەنە يۇلتۇزلارنى تەپسىلى يۈزەكى كۆزەتكىلى بولىدىغان Google Sky مۇ بار. قېنى مەرھەمەت
-
بلوگباستا بىر ھەپتىدىن بۇيان مۇلازىمىتېردىن چاتاق چىقىپ. يوللانغان ھۆججەتلەر ئېچىلمىغان ئىدى. بۇلارنىڭ ئىچىدە بلوگنى ئۇيغۇرچىلاشتۇرۇشقا ئىشلەتكەن js كودى ۋە eot ھۆججەتلىرىمۇ بار. شۇڭلاشقا نۇرغۇن ئۇيغۇرچە بلوگلار نورمال كۆرۈنمىگەن ئىدى. بۈگۈن بلوگباس خەت يېزىپ، يوقاپ كەتكەن ھۆججەتلەرنى تولۇق ئەسلىگە كەلتۈردۇق. مۇلازىمىتېرگە قايتىدىن رەتلەۋاتىمىز. تەخمىنەن بىر ھەپتە ئىچىدە سېستىما ئەسلىگە كېلىدۇ دەپتۇ. Blogbus نىڭ ھۆججەت سېستىمىسى تولۇق ئەسلىگە كەلگەندە ئۇيغۇرچىلاشتۇرۇلغان ئۇسلۇبلارنى داۋاملىق يوللايمىز.
-
بۇ لۇغەتنى تۆنۈگۈن چۈشۈرۈپ سىناپ باقتىم، ئۇيغۇرچە ۋە تۈركچىنى ئېنگلىزچىگە ياكى باشقا تىلغا ئۆرۈيدىغان سۆزلۈك ئامبىرى ئانچە مول ئەمەسكەن. ئەمما خەنزۇچە-ئۇيغۇرچە سۆزلۈك ئامبىرى خېلى بولىدىكەن. ئېنگلىزچە - تۈركچە؛ ئېنگلىزچە - ياپونچە؛ ئېنگلىزچە - خەنزۇچە ۋە بۇلارنىڭ ئەكسى ئاساسەن تولۇقكەن
English-Chinese-Japanese-Turkish-Uyghur Dictionary. Stardict
-
يانفوندا ئۇيغۇرچە ئۇچۇر ئىزدەش - [ئۇيغۇرچە]
2010-11-29
ئەگەر يانفوندا دائىم تورغا چىقىپ، ئۇيغۇرچە ئۇچۇر ئىزدەشكە مۇھتاج بولسىڭىز Yol.la تورى تامامەن ھاجىتىڭىزدىن چىقىدىكەن. www.yol.la ئادرېسنى يانفون توركۆرگۈچىنىڭ ئادرېس يېزىش ئورنىغا يازىپ كىرسىڭىزلا ئاپتوماتىك ھالدا يانفون ئىزدەش بېتىنى ئاچىدىكەن. ULY دا. ئىزدەش نەتىجىسىنى ھەم ULY دا كۆرسىتىپ بېرىدىكەن. ئەھۋالدىن قارىغاندا بۇ بىردىن-بىر يېڭىچە ئۇسۇلدا يانفوندا ئۇيغۇرچە ئۇچۇر ئىزدەشنى ھەل قىلغان توربېكەت.
-
پىكاسانىڭ ئۇيغۇرچىسى باركەن - [ئۇيغۇرچە يۇمتال]
2010-11-29
Picasa مېنىڭچە ئەڭ ياخشى تور ئالبومى، ئامما پات-پات ئېچىلماس بولۇپ قالغاندىن بۇيان، سىرىتقى ئۇلىنىشنى قوللايدىغان، ھەقسىز، مۇقىم، تۈزۈكرەك تور ئالبومى تاپالمىدىم. SkyDrive نىڭ رەسىم يوللاشنى قوللايدۇ بىراق سەل ئاۋارچىلىق. Picasa ئوچۇق چاغلاردا ئۇنىڭ رەسىم تەھرىرلەش كۆرۈش دېتالىنى دائىم ئىشلەتكەن. نوچى دېتال بۇ، بولۇپمۇ كومپيوتېردىكى ھەرقانداق رەسىمنى ئىزدەيدۇ. رەسىمگە ئانچە-مۇنچە ئۆزگەرتىش كىرگۈزگىلى بولىدۇ. Picasa Web غا تۈركۈملەپ يوللىغىلى بولىدۇ. بۈگۈن كونا ئادەت بويىچە ناشتىلىق تور ئارلاۋېتىپ، ئالىپ تورىدا (alip.tk) ئۇچرىتىپ قالدىم. پۈتۈنلەي ئۇيغۇرچىگە ئۆزلەشتۈرۈلگەنكەن.