• Google Chrome 8.0 نۇسخا ئېلان قىلىندى

    2010-12-05

    Tag:Google

    گۇگول توركۆرگۈچ 8.0 ئېلان قىلىندى. ئۇنىڭ باشقا نەشىرلىرىگە قارىغاندا ئەڭ يوغان ئالاھىدىلىكى شۇكى PDF ھۆججەتلەرنى ئوقۇيالايدۇ . PDF ھۆججەتلەرنى كۆرگەندە تورغا چىقىش ھاجەتسىز. ئەمدى ئېغىرلىقى 50 مېگابايت كېلىدىغان Adobe ئوقۇغۇچنى قاچىلىمىساقمۇ، تور كۆرگۈچ بىلەنلا كىتاب ئوقۇشقا بولىدىغان بولدى.
       گۇگول تور كۆرگۈچى ھازىرغىچە ئېلان قىلىنغان توركۆرگۈچلەرنىڭ ئىناۋىتى ۋە ئىشلىتىلىش نىسبىتنى سېلىشتۇرغاندا دۇنيادا 2-ئورۇندا تۇرغان. 1 - ئورۇندا تۇرىدىغىنى موزىللا شىركىتىنىڭ Firefox . ۋە 3 - ئورۇندا تۇرىدىغىنى مىكروسوفت شىركىتىنىڭ ھەممىمىزنىڭ كومپيتېرىدا تۇغما بار IE سى دۇر.
      ئەلۋەتتە موزىللاغا ئوخشاشلا گۇگول تور كۆرگۈچىمۇ EOT خەت نۇسخىسىغا ئۇلانغان توربېكەتلەرنىڭ خېتىنى نورمال كۆرسەتمەيدۇ. Win7 نىڭ ئومۇملىشىشىغا ئەگىشىپ Weft نىڭ زۆرۈرىيىتىمۇ قالمايدۇ ئەلۋەتتە....
      توردا قاچىلاش ئورنى: Google.com/Chrome
    چۈشۈرۈپ قاچىلاش (تىنچ ئوكيان) : Google Chrome 8.0 Download From PConline
    Google Chrome نىڭ مەن ياقتۇرىدىغان تەرەپلىرى:
    ھەجىمى كىچىك. بوشلۇق ئىگىلىمەيدۇ.
    ئايىغى چاققان، تورنى تېز ئاچىدۇ.
    ھۆسنى چىرايلىق. خالىغانچە تەڭشىگىلى بولىدۇ.
    IE دا بار ئىقتىدارلارنىڭ ھەممىسى بار.
    ________________
    IE غا يېتەلمەيدىغان تەرەپلىرى:
    EOT خەت نۇسخىسى (كومپيوتېردا ئەمەس بەلكى تور بېكەتنىڭ مۇلازىمىتېرىغا قويۇلغان خەت نۇسخىسى) غا تور بېكەتنى ئۇلاپ بەرمەيدۇ.
    Firefox غا يەتمەيدىغان تەرەپلىرى:
    موزىللادا ھەرقانداق (ھەتتا ئەسلى ئادرېسىنى كۆرۈش تاقالغان) رەسىملەرنىڭ ئۈستىگە مائۇس سول كونۇپكا چېكىپ، رەسىمنى كۆرۈشنى باسساق، رەسىم ئەسلى ئورنىنى كۆرسىتىپ بېرىدۇ. Chrome دا بۇ ئىقتىدار يوقكەن.

    Google Chrome 8.0 Released. You can view PDF files just on Google Chrome. It is no more nessacery downloading and installing big weight PDF readers on your computer. Via Google Chrome, Read your books and Browse the Web. Two birds with one stick.





ئىنكاس يېزىش رامكىسى كۆرۈنمىسە F5 نى بېسىڭ.

    评论

  • موللا تاپقاقنى ياخشى ياساپسىز، دەھشەت ئىزدەپ قويدىكەن.
  • مېنىڭ كومپيوتېرىمدا بار ئىدى. پ د ف ھۆججەت كۆرۈش ئۈچۈن يانا قايتا قاچىلايمەنمۇ ؟
    تەكلىماكان回复يۈسۈف说:
    قايتا چۈشۈرۈپ قاچىلاش ھاجەتسىز. گۇگول خۇرۇم تور كۆرگۈچىنى ئېچىپ، ئوڭ تەرەپ ئۈستىنكى بۇرجەككە قارىسڭىز بىر دانە كۇلۇچنىڭ سۈرىتى بار، شۇنى چەكسىڭىز خۇرۇمنىڭ يېڭىلاش دەپ تاللاش بار. شۇنى چەكسىڭىز يېڭى نەرسىلەرنى قوشىدۇ. قايتا قاچىلاش ھاجەتسىز.
    2010-12-05 15:38:41
  • ئەگەر كومپيوتېرىڭىزنىڭ سېستىمىسى ئېنگلىزچە بولسا ياكى سىز ئېنگلىز تىللىق دۆلەتلەردە بولسىڭىز ئېنگلىزچە قاچىلاپ قويىدۇ. سىزمۇ تىنچ ئوكياندىن چۈشۈرۈڭ.
  • بۇنى مەن چۈشۈرسەم ئېنگلىزچىسى چۈشىۋالدى. خەنزۇچىسىنى نەدىن چۈشۈرىمەن
    تەكلىماكان回复ئاتلان说:
    تىنچ ئوكياندىن چۈشۈرۈڭ.
    2010-12-05 15:26:15
  • يۇقارقى ئادرىستا تورغا ئۇلانغان ھالەتتە قاچىلايدىكەن. تورنىڭ سۈرئىتى ئاستا ئىدى. قاچىلاپ بولالمىدى. بولسا تورسىز قاچىلاش بولىقىنىڭ ئادرىسىنى قالدۇرۇپ قويامسىز؟
    تەكلىماكان回复ئۈزۈملۈك说:
    تىنچ ئوكياندىن تولۇق نۇسخىنى چۈشۈرۈش ئادرېسى تەمىنلەندى. رەھمەت
    2010-12-05 13:41:44