-
پىكاسانىڭ ئۇيغۇرچىسى باركەن - [ئۇيغۇرچە يۇمتال]
2010-11-29
Picasa مېنىڭچە ئەڭ ياخشى تور ئالبومى، ئامما پات-پات ئېچىلماس بولۇپ قالغاندىن بۇيان، سىرىتقى ئۇلىنىشنى قوللايدىغان، ھەقسىز، مۇقىم، تۈزۈكرەك تور ئالبومى تاپالمىدىم. SkyDrive نىڭ رەسىم يوللاشنى قوللايدۇ بىراق سەل ئاۋارچىلىق. Picasa ئوچۇق چاغلاردا ئۇنىڭ رەسىم تەھرىرلەش كۆرۈش دېتالىنى دائىم ئىشلەتكەن. نوچى دېتال بۇ، بولۇپمۇ كومپيوتېردىكى ھەرقانداق رەسىمنى ئىزدەيدۇ. رەسىمگە ئانچە-مۇنچە ئۆزگەرتىش كىرگۈزگىلى بولىدۇ. Picasa Web غا تۈركۈملەپ يوللىغىلى بولىدۇ. بۈگۈن كونا ئادەت بويىچە ناشتىلىق تور ئارلاۋېتىپ، ئالىپ تورىدا (alip.tk) ئۇچرىتىپ قالدىم. پۈتۈنلەي ئۇيغۇرچىگە ئۆزلەشتۈرۈلگەنكەن.
共1页 1