-
يۇرتىمىزدىكى مۇۋەپپەقىيەت قازانغان IT كارخانىلىرى
2010-12-03
ئەلۋەتتە بۇھەقتە بىرنىمە يېزىش زۆرۈر ئەمەس. ئەلۋەتتە ئەگەر يۇرتىمىزدىكى IT ساھەسىدىكى مىللى كارخانىلارنى رەتكە تىزىپ باق دەپ ماڭا قويۇپ بەرسە تۆۋەندىكىدەك تىزىشىم مۇمكىن.
1. ئۇيغۇر سوفت شىركىتى www.uighursoft.com
بۇ شىركەتنىڭ ئېرىشكەن ئۇششاق-چۈششەك شەرەپلىرىنى ئاۋۇ توربەتتىن كۆرىۋالالايسىز، ماڭا يارايدىغان يېرى بۇ شىركەت ئاپتونۇم رايونىمىزدىكى بانكىلارنىڭ ATM لىرىنىڭ ئۇيغۇرچە سېستىمىسىنى ئىشلەپ بەرگەن. 2008 - يىلى بۇ شىركەتنىڭ قۇرغۇچىسى ئالىم ئەھەت ئەپەندى ‹جۇڭگو يۇمشاق دېتال ساھەسىدىكى 10 - مۇنەۋۋەر شەخىس› بولغان. يەنى جۇڭگودا يۇمشاق دېتال ساھەسىدىكى ئەڭ كۆزگە كۆرۈنەرلىك ئون كىشىنىڭ بىرى ئالىم ئەھەت ئەپەندىدۇر.
2. ئىرپان ئېلىكترون شىركىتى www.irpan.com
بۇ شىركەت يۇمشاق دېتال بىلەن قاتتىق دېتال بىرلەشتۈرۈلگەن مەھسۇلاتلارنى ئىشلەپچىقىرىدىكەن. ئىرپان لۇغىتىدىن مەنمۇ بىرنى سېتىۋالغان. يېقىندا ئىرپان شىركىتى يەنە ھەردەم ماركىسىدىكى يانكومپيوتېر ئىشلەپچىقىرىپتۇ. قايسى يىلى ئىكەنلىكى ئېسىمدە قالماپتۇ ئىرپان شىركىتى جۇڭگودىكى ئەڭ ئىستىقباللىق ئېلىكترون كارخانىسى تىزىملىكىدىن ئورۇن ئالغان.
3. قارلۇق شىركىتى
قارلۇق شىركىتى كومپيوتېر گرافىك سەنئىتى ساھەسىدە يۇقىرى تېخنىكا ۋە ئەمەلى كۈچكە ئىگە. يېقىندا جۇڭگو كۈندىلىك گېزىتىدە قارلۇق ھەققىدە تۆۋەندىكى خەۋەر بېسىلدى:
http://www.chinadaily.com.cn/video/2010-10/26/content_11459451.htm
4. ئالىپسوفت شىركىتى www.alpsoft.cn
ئالپسوفت شىركىتى يۇرتىمىزدا ئاز سانلىق مىللەت تىل-يېزىقىدىكى يۇمشاق دېتال ئىشلەش مۇلازىمىتى بىلەن داڭلىقتۇر. كۆزگە كۆرۈنەرلىك يېرى يۇرتىمىزدىكى كۆپلىگەن رېستۇران ۋە ئاشپۇزۇللار ئالپسوفت شىركىتى لايھەلىگەن تاماق بۇيرۇتۇش سېستىمىسىنى ئىشلىتىدۇ.
ئەلۋەتتە يۇقارقىلار رەتكە تىزىش پەقەتلا مېنىڭ كۆز قارىشىم. يەنە نۇرغۇن يۇمشاق دېتال شىركەتلىرى بار. مەن پەقەت ئۆزەم كۆزگە كۆرۈنەرلىك دەپ ئويلىغانلىرىنىلا يېزىپ قويدۇم.
كۆرۈۋېلىشقا بولىدۇكى يۇمشاق دېتال ساھەسى يۇرتىمىزدا چوڭ بىر بوشلۇق. يالغۇز ئاز-سانلىق مىللەت تىل يېزىقىدىكى يۇمشاق دېتال ساھەسىلا بۇ شىركەتلەرگە ئېھتىياجلىق بولۇپ قالماستىن، ئاز سانلىق مىللەت پروگرامما ساھەسىدىكى كىشىلەرنىڭ كۆپ تىللىق بولۇشى جەمئىيەتنىڭ بۇ ساھەدىكى ئېھتىياجىنى قاندۇرۇشقا تولۇق ماس كېلىدۇ.
ئىنكاس يېزىش رامكىسى كۆرۈنمىسە F5 نى بېسىڭ.
评论