• Gmail ۋە Hotmail دە ئۇيغۇرچە ئېلخەت يېزىش ھەققىدە - [ئۇيغۇرچە]

    2010-12-21

    Tag:Google-ug UG

    ھەقسىز، مۇقىم، بىخەتەر ۋە ئىقتىدارى كۆڭۈلدىكىدەك ئېلخەت تەمىنلىگۈچىلەر ئىچىدە Gmail ۋە Hotmail ئوخشاشلا ئالدىنقى قاتاردا تۇرىدۇ. Gmail دا POP3 ۋە iiMap ئارقىلىق باشقا ئېلخەت ئادرېسى ياكى يانفونغا ئوخشاش ئۈسكۈنىلەردە خەت تاپشۇرۋالغىلى بولىدۇ. يېقىندا Hotmail مۇ ھەقسىز باشقا ئېلخەت ئادرېسىغا ئالماشتۇرۇپ يوللاش Forwardding مۇلازىمىتىنى ئاچتى. ھەم ئازراقلا دىققەت قىلساق بۇ ئىككىلى ئېلخەت سېستىمىسى ئۇيغۇرچىنى ناھايىتى ياخشى قوللايدۇ.
       Gmail ۋە Hotmail نىڭ ھەر ئىككىلىسى خەت يازغاندا Rich Format شەكىلدە يېزىشنى قوللايدۇ. بۇ ئارقىلىق خەت نۇسخىسىنى تاللاشقا بولىدۇ. سىز پەقەت Gmail ياكى Hotmail دە ئېلخەت يازغاندا Email يازىدىغان رامكىنىڭ ئىچىدىكى خەت نۇسخىسىنى بارلىق ئەرەب ھەرپلىرىنى ئىشلىتىدىغان يېزىقلارغا ئورتاق بولغان Tahoma ياكى Sans serif كە تەڭشەپ قويسىڭىزلا بولىدۇ.
      تۆۋەندىكى رەسىم Gmail دە يېزىلغان ۋە تاپشۇرۋېلىنغان ئۇيغۇرچە ئېلخەت. كومپيوتېردا ھىچقانداق ئۇيغۇرچە خەت نۇسخىسى بولمىسىمۇ بولىدۇ. بۇ ئېلخەت سېستىمىسنىڭ خەت نۇسخىسى كومپيوتېرنىڭ Fonts مۇندەرىجىسىدىكى خەت نۇسخىسى بىلەن مۇناسىۋەتسىز.
      تۆۋەندىكى رەسىم ئۈستىدىكى بىر قانچە قۇر Sans Serif قا ، ئاستىدىكى بىر قانچە قۇر Tahoma غا توغىرلانغان. ئەھۋالدىن قارىغاندا Tahoma نىڭ قوليازمىلاردەك چىقىدۇ. سەل ئوماق. Sans Serif سەل ئۇستىخانلىق.

    Hotmail ۋە Gmail دە ئۇيغۇرچە خەت يازغاندا دىققەت قىلىدىغان نۇقتىلار:
    بۇ Email سېستىمىسىنىڭ ھىچقايسىسى تېخى بىر قۇردا ئوڭدىن ۋە سولدىن يېزىلىدىغان يېزىقلارنى ئارلاش بىر تەرەپ قىلىشنى قوللىمايدۇ. شۇڭلاشقا ئەگەر خېتىڭىزنىڭ ئارىسىدا خەنزۇچە ياكى شۇنىڭغا ئوخشاش سولدىن يېزىلىدىغان يېزىقلار بولسا، ئۇنى چوقۇم ئۇيغۇرچە خەتلەردىن ئايرىپ ئايرىم قۇرغا يېزىڭ.
       ئۇيغۇرچە خەت يېزىشتىن بۇرۇن ياكى يېزىپ بولۇپ، ھەممىنى تاللاپ خەتلەرنى ئوڭغا توغىرلاڭ. ئوڭغا توغىرلاش كونۇپكىسىمۇ Word نىڭ يۆلىنىش توغىرلاش كونۇپكىسغا ئوخشايدۇ. خەت يېزىش رامكىسىنىڭ ئۈستىدە بار.
    خەت يازغاندا ئەڭ ئاخىرقى تىنىش بەلگىسىنى قويماڭ. تىنىش بەلگىلىرى Tahoma ۋە sans serif لار ئۈچۈن ئايرىم ياسالمىغان چېغى. سولدىن باشلىنىدىغان يېزىقلارغا ئوخشاش قۇرنىڭ ئەڭ ئاخىرىدىكى تىنىش بەلگىسى باشقا جايغا بېرىۋالىدىكەن. پەقەت ھەر بىر ئابزاسنىڭ ئەڭ ئاخىرىدىكى تىنىش بەلگىسىنى قويۇشتىن ۋاز كەچسىڭىزلا قالايمىقانچىلىق كۆرۈلمەيدۇ.
    Hotmail ياكى Gmail نىڭ ھىچقايسىسى تېخى ئۇيغۇرچە خەتلەرنىڭ ئىملاسىنى تەكشۈرەلمەيدۇ. شۇڭلاشقا خەت يازغاندا ئىملانى قول سېلىپ تەكشۈرۈش كېرەك.





ئىنكاس يېزىش رامكىسى كۆرۈنمىسە F5 نى بېسىڭ.

    评论

  • بۇ بەك ياخشى ئۇسۇلكەن. ئەمدى ئۇيغۇرچە خەت يازالايدىغان بوپتۇق
  • تورخانىدا قانداق يازىمىز....
    Gmail نىڭ ئىچىگە ئۇيغۇرچە خەت يازغىلى بولامدۇ .. مۇشۇ ئىنكاسنى يازغاندەك
  • كومپيوتېردا ئۇيغۇرچە كىرگۈزگۈچ بولمىسا بومايدىكەن.
  • ئاغىنىلەرنىڭ كۆپۈنچىسى QQ خەت ساندۇقى ئىشلىتىدۇ. كيۇكيۇ خەت ساندۇقىدا ئۇيغۇرچە خەت كۆرۈنمەيدىكە
  • رەھمەت. بۇنىمۇ ئۆگىنىۋالدىم.
  • Hotmail نى قانداق قىلىپ باشقا ئېلخەت ئادرېسىغا ئاپتوماتىك يوللايدىغان قىلىمىز؟
  • dimakqi bolginim sizning bu inkas koznikigizga
  • uyghurqa yazgili bolmaydigu
  • ۋاھ نىمىدىگەن ياخشى .
    ئەمدى تازا Hotmail ۋە gmail نىڭ ھۇزۇرىنى سۇرمەيدىغان بولسام ھى ھى ھى ....