• Blogbus دا ئىنكاس يېزىش رامكىسى يوقاپ كېتىش ئەھۋالى - [بلوگ ھۈنەرلىرى]

    2010-12-21

    Blogbus نىڭ ماقالە بېتىدە بەزىدە ئىنكاس يېزىش رامكىسى كۆرۈنمەي قېلىۋاتىدۇ. ئۇنىڭدىن باشقا يەنە ئىشلەتكۈچىلەر قويغان ئېلانلار بەتنىڭ باشقا جايلىرىغا ئۇچۇپ بېرىۋالىدىغان ئەھۋاللار بار. توردىكى تەھلىللەر ۋە مېنىڭ كۆزىتىشىمدىن قارىغاندا بۇ Blogbus نىڭ ئۆزىنىڭ سېستىمىسىدىكى مەسلە بولۇپ، بۇ خىل ئەھۋال پەقەت نۇرغۇن يېڭى تېخنىكىلارنى قوللىمايدىغان IE6 تور كۆرگۈچىدىلا يۈز بېرىدۇ. Mozilla ۋە IE8 دە بۇنداق ئەھۋال يوق. ھەمدە Blogbus شىركىتىمۇ بۇ ئەھۋالغا قارتا ھىچقانداق ھەل قىلىش لايھەسى ئوتتۇرغا قويمىدى. جۇڭگودىكى كۆپلىگەن تورخانىلاردا يەنىلا IE6 ئىشلىتىۋاتقان بولغاچقا، تورخانىدىن بلوگنى زىيارەت قىلىدىغانلارغا قولايسىزلىق كەلتۈرىشى مۇمكىن.
        IE6 مۇھىتىدا ئىنكاس رامكىسى يوقاپ كېتىدىغان ئەھۋالنى بەتنى يېڭىلاش ئارقىلىق يەنى F5 كونۇپكىسىنى بېسىش ئارقىلىق ئوڭشىغىلى بولىدۇ. بەلكىم بلوگىڭىزنىڭ ئىنكاس يېزىش رامكىسى ئۈستى ياكى ئاستى تەرىپىگە بلوگ ئارقا سەھنىسىدىن ئىنكاس يېزىش رامكىسى كۆرۈنمىسە F5 نى بېسىڭ دەپ قوشۇپ قويۇش ئارقىلىق، بۇ مەسلىنى ۋاقتنىچە ھەل قىلىپ تۇرۇش مۇمكى.
       IE6 دە توربەت F5 كونۇپكىسىنى بېسىپ يېڭىلىغاندىن كېيىن، ئەسلىدە ئۆز ئورنىدىن ئۇچۇپ كېتىپ، بەتنىڭ باشقا يېرىدە لەيلەپ قالغان ئېلانمۇ ئۆز ئورنىغا قايتىپ كېلىدىكەن.
       بۇ مەسلە پەقەت IE8 نىڭ ۋە ئۇنىڭدىن يۇقىرى نەشىرىنىڭ ئومۇملىشى ياكى IE6 دەك بۇ كونا دوستنىڭ سەھنىدىن چۈشىشى بىلەن تولۇق ھەل بولۇشى مۇمكىن.





ئىنكاس يېزىش رامكىسى كۆرۈنمىسە F5 نى بېسىڭ.

    评论

  • detail-post نىڭ ئەڭ ئاستىغا قىستۇرىدىكەنسىز !
  • بۇ خەتنى قايسى كود رايۇنىغا قىستۇرغاندا بلوگىڭىزدىكىدەك چىقارغىلى بولىدۇ؟