-
Blogbus قويىۋالغان ئېلانلارنى تولۇق يوقىتىش - [بلوگ ھۈنەرلىرى]
2010-12-24
Blogbus دىكى بلوگنىڭ يان رامكا ئاستىدا مۇشتەرى بولۇش ئۇلانمىسى، ماقالە بېتىنىڭ ئاستىدا بىر تاياقچە ئېلان چىقىۋالىدۇ. يان رامكىدىكى ئېلاننى ئاسانلا ئۆچۈرگىلى بولسىمۇ، جەدۋەلنى چەكلەش كودى ئارقىلىق ماقالە بېتىدىكى ئېلاننى يوشۇرساق، ئۆزىمىز قىستۇرغان گۇگول ئېلانىمۇ كۆرۈنمەيدىغان ئەھۋال كېلىپ چىققان. بۈگۈن... ناھايىتى ئوڭۇشلۇق ھالدا ئۆزىمىزنىڭ ئېلانىغا تەسىر يەتكۈزمەي تۇرۇپ Blogbus نىڭ بارلىق ئېلانلىرىنى يوقاتتىم.
1. يان رامكىدىكى ئېلاننى يوقىتىش
يان رامكىدا ئېلان، rss ئۇلانمىلىرى قاتارلىق بىر مۇنچە قالايمىقان نەرسىلەر بار. تۆۋەندىكى رەسىمدىكىدەك.
بۇلارنى يوقىتىشى ئۈچۈن Index ۋە detail بېتىدىن كىرىپ، تۆۋەندىكى رەسىمدە كۆك رەڭدە بويالغان كودلارنىڭ ھەممىنى ئۆچۈرۈۋېتىڭ.
(ئەسكەرتىش: تەكلىماكان بلوگ تەمىنلىگەن ئۇيغۇرچە ئۇسلۇبلاردا بۇ كودلار ئاللىبۇرۇن ئۆچۈرۈلگەن.)
2. ماقالە تولۇق ئوقۇش بېتىدىكى ئاستىغا چىقىۋالغان ئېلاننى يوقىتىش
ماقالىنىڭ تولۇق ئوقۇش بېتىدە 468 ئۇزۇنلۇقتا بىر ئېلان بار. بۇ ئېلان كودى يوشۇرۇن، table ئىچىگە ئېلىنغان، ئەمما table نى چەكلەش كودى ئىشلەتكەندە سىز يازما بېتىگە گۇگول ئېلانى قىستۇرالمايسىز. شۇڭلاشقا ئەڭ ئۈنۈملۈك ئۇسۇل Detail-post بېتىنىڭ ئەڭ ئاستىغا تۆۋەندىكى كودنى قوشۇپ قويۇڭ. ھازىرلا يوقايدۇ. ئۆزىڭىز قوشقان گۇگول ئېلانىغا تەسىر يەتكۈزمەيدۇ. ھەمدە ئېلان يوقىغاندىن كېيىن ئورۇن بوش قالمايدۇ. ئەسلىدىكى بوش قالغان ئورۇننىمۇ قىسقارتىدۇ.
بۇ كودنى تولۇق كۆچۈرۈڭ. كود:
بلوگ بېتىنىڭ ئەڭ ئاستىدا مەزكۇر بلوگنى Blogbus تەمىنلىگەنلىكى ھەققىدە نەشىر ئۇچۇرى بار. بۇ ئۇچۇرلارنى ئۆز بلوگىڭىزنىڭ نەشىر ئۇچۇرىغا ئالماشتۇرۇش ئۈچۈن. index ۋە detail بېتىنى ئېچىپ ئەڭ ئاستىدىكى كودلارغا ئۆزگەرتىش ئېلىپ بارىسىز. blogbus ئارقا سەھنىسىدىن ئۇسلۇب تەھرىرلەش ئورنىغا كىرىپ، index ۋە detail بەتلىرىنى تەكشۈرسىڭىز ... كودلارنىڭ ئەڭ ئاستىدا تۆۋەندىكى رەسىمدە كۆك بويالغان كودلارنى تولۇق ئۆچۈرۈپ تاشلاپ، ئورنىغا ئۆز بلوگىڭىزنىڭ نەشىر ئۇچۇرىنى يازسىڭىز بولىدۇ. كود ئۆچۈرگەندە ئالدى كەينىدىكى كودلار ئۆچۈپ كەتمىسۇن. بۇ ئورۇنغا ئۆز بلوگىڭىزنىڭ نەشىر ئۇچۇرىنى قىستۇرمىسىڭىزمۇ بولىدۇ ئاق قالىدۇ.
ئىنكاس يېزىش رامكىسى كۆرۈنمىسە F5 نى بېسىڭ.
评论
Blogbus نىڭ ماقالە بېتىدە كودنى ئىجرا قىلىشنى چەكلەپ ئېلان قىلماق بەك تەسكەن.بارلىق ئاماللارنىڭ ھەممىنى ئىشلىتىپ، يامان تەستە چىقارغان... سولدىن ئوڭغا يېىزىلىدىغان كودلار، ئوڭدىن سولغا يېزىلغان يازما ئارىسىدا تېخىمۇ قالايمىقان بوپ كېتىدىكەن. كودنى سەل تۇرۇپ... TXT ھۆججىتى قىلىپ ساقلاپ، يوللاپ قوياي.