• Gmail قاچان ئۇيغۇرچە چىقىدۇ - [Google ئۇيغۇرچە]

    2010-12-12

    Tag:Google-ug UG

    يۇلغۇن تور بېكىتى ئېلخەت مۇلازىمىتى يولغا قويغان ئىدى، ئەمما ئانچە مۇقىم بولمىدى. ھوتمەيىل ۋە Gmail ئۇيغۇر يېزىقىنى ئىنتايىن ياخشى قوللايدۇ. ئەمما كۆرۈنۈش يۈزى ئۇيغۇرچە ئەمەس. ھازىر گۇگولنىڭ ئىزدەش باش بېتى 70 پېرسەنتتىن ئارتۇق ئۇيغۇرچىلاشتى. يېقىندا بىر مەسلە بايقىدىم.  بۇرۇن Google مۇلازىمەتلىرىنى تەرجىمە قىلماقچى بولساق، خالىغان مۇلازىمەتكە كىرىپ تەرجىمە قىلغىلى بولاتتى. ھازىر ئۇنداق ئەمەسكەن. ھازىر ئاۋال گۇگول باش ئىزدەش بېتىنى تەرجىمە قىلىڭ دەپ چىقىۋالىدىكەن.
       ھازىر گۇگول باش بېتىدە تەرجىمە قىلىنمىغان يەنە 29 پېرسەنت ئەتراپىدا ئورۇن بار، گۇگول رەسىم ئىزدەش ماتورىدا يەنە 500 دىن ئارتۇق جاي تەرجىمە قىلىنمىغان. بارلىق گۇگولنىڭ باش بېتىدە بىۋاستە ئۇلىنىدىغان مۇلازىمەتلىرى ئۇيغۇرچىگە تەرجىمە قىلىنماي تۇرۇپ Gmail قاتارلىق مۇلازىمەتلەرنى تەرجىمە قىلىش ئورنىغا كىرگىلى بولمايدىكەن. شۇڭلاشقا گۇگول باش بېتى قانچە بۇرۇن پۈتسە.. Gmail نىڭ ئۇيغۇرچە نۇسخىسىمۇ شۇنچە بالدۇر چىقىدۇ.
      گۇگول ئۇيغۇرچە باش بېتى:
    http://www.google.com.hk/ug
    ئەگەر سىز windows ۋىستا ياكى windows 7 ئىشلىتىپ، ئۇنىڭ ۋاقتىنى ئۈرۈمچى ۋاقتىغا، تىلىنى ئۇيغۇر تىلىغا توغىرلاپ www.google.com نى ئاچسىڭىز بەت بىۋاستە ئۇيغۇرچە ئېچىلىدۇ.
      ئەگەر سىزدە ئۇيغۇرچە كىرگۈزگۈچ يوق بولۇپ، گۇگولدا ئۇيغۇرچە ئىزدىمەكچى بولسىڭىز google.com.hk/ug نى ئېچىپ، ئىزدەش رامكىسى سول تەرىپىدىكى كىچىك كۇنۇپكا تاختىسىنى چېكىپ قويۇپ، ئىزدەش رامكىسىغا خەت يازسىڭىز بىۋاستە ئۇيغۇرچە چىقىدۇ.
      ئەگەر سىز Google نىڭ بارلىق مۇلازىمەتلىرىنى ئۇيغۇرچىگە تەرجىمە قىلىشقا قاتناشماقچى بولسىڭىزgoogle.com/transconsole دىن كىرىپ، Gmail ھىساباتىڭىزنى كىرگۈزۈڭ. ۋە چىققان تاللاش ئىچىدىن Uighur تىلىنى تاللاڭ. سىز ئېنگلىزچە، خەنزۇچە، تۈركچە، ئەرەبچە، رۇسچە ... ياكى خەلقئارالىق چوڭ تىللارنىڭ خالىغان بىرىنى بىلسىڭىز بۇ ئىشنى قىلالايسىز.
      ئەگەر سىزدە Gmail ھىساباتى يوق بولسا www.gmail.com دىن كىرىپ تىزىملىتىڭ. Gmail ھازىر 8G دىن ئارتۇق بوشلۇق بېرىدۇ. ئېلخەت ساندۇقى ئىچىدە رەڭلىك ئېلانلار يوق، سۈرئىتى تېز، pop3 ۋە iMap نى قوللايدۇ، يانفون ۋە باشقا كۆچمە ئۈسكۈنىلەر ئارقىلىق ئېلخەت تاپشۇرۇپ ئالالايسىز. Gmail دە يوللىغلى بولىدىغان يەككە ھۆججەت چوڭلۇقى 15 مېگابايتقا يېتىدۇ. تاپشۇرۋالغىلى بولىدىغان يەككە ھۆججەت چوڭلۇقى 20 مېگابايتقا يېتىدۇ. symbian, iphone ، مىكروسوفت Windows Mobile ۋە Java قاتارلىق سېستىمىدىكى نۇرغۇن يانفونلارغا قاچىلاپ ئىشلەتكىلى بولىدىغان ئاددى Gmail پروگراممىسى بار. بۇ ئارقىلىق يانفوندا ئېلخەت يېزىش تاپشۇرۋېلىش قىسقا ئۇچۇر يوللاش-تاپشۇرۋېلىشتىنمۇ ئاسان ھەم قولايلىق... مۇھىمى ھەقسىز ! 





ئىنكاس يېزىش رامكىسى كۆرۈنمىسە F5 نى بېسىڭ.

    评论

  • ياق. تېخى ئۇيغۇرچە قوشۇلمىدى. ئەمما گۇگول تەرجىمانىغا ئۇيغۇرچىنى قوشۇش ئۈچۈن كۆپلىگەن ئىككى خىل تىلدىكى جۈملىلەرنى يوللاش كېرەك.
  • Google Terjimanda ilgiri Uyghurche bar idi dep yeqinda anglidim, lekin menning bayqishiimche texi uchritip baqmidim. buni siz bilem siz?
  • چۈشەندىم. گۇگول ئارىيال خەت نۇسخىسىنى ئىشلەتكەندەك تۇرىدۇ. بارلىق تىللارنىڭ خەت نۇسخىسى ئوخشاشلا ئارىيالغا توغىرلانغان بولۇشى مۇمكىن. تور كۆرگۈچنىڭ خەت نۇسخىسىنى ئۇيغۇرچىگە توغىرلىساق بولىدۇ.
  • Google نىڭ ئۇيغۇرچىسىدىكى خەتلەر توغرا ئۇلانمايدىكەن، شۇنى دىمەكچى
  • سىز قايسى خەتلەرنى نورمال كۆرۈنمەيدۇ دىمەكچى ؟
  • Google نىڭ ئۇيغۇرچە بېتىدە خەتلەر نىمىشقا نورمال كۆرۈنمەيدۇ ؟