-
ئۇيغۇرچە بلوگدا پۇل تاپقىلى بولامدۇ؟
2010-12-12
بۇ يازمىدا ئۇيغۇرچە بلوگلاردا پۇل تاپقىلى بولامدۇ يوق؟ قانداق تاپىدۇ دىگەن مەزمۇنلار ئۈستىدە قىسقا-قىسقا توختىلىپ ئۆتەي. بلوگقا ئېلان قويۇپ، ئانچە - مۇنچە پۇل ئېلىپ باققان بولغاچقا بۇنداق مەزمۇندا بىر تېما يېزىشقا سالاھىتىم توشىدۇ. ئەلۋەتتە نۇرغۇن دوستلار ئۆزىنىڭ بلوگىدا بىر كۈندە قانچىلىك كىرىم بولسا بولىدىغانلىقىنى بىلمەيدۇ...
يېقىندىن بۇيان پۈتۈن دۇنيادا بىر مۇنچە ئادەملەر بىر يەرگە كىلىپ گەپ قىلىدىغان توربەتلەر ئازلاپ، شەخسلەر تورى كۆپەيدى. بۇ خىل ھادىسىنى web 2.0 دەيمىز. يۇتيۇبقا چىقىرىپ قويغان بىر پارچە سىندىن پايدىلىنىپلا نەچچە مىڭ دوللار كىرىم قىلغاننى ئاڭلايمىز....
بلوگدا پۇل تېپىشنىڭ ئۇسۇللىرى :
1. بلوگ يېزىپ پۇل تېپىش: بۇ ئۇسۇل payperpost.com غا ئوخشاش مەھسۇلاتلارنى ماختاپ يازما يازغانلارنى مۇكاپاتلايدىغان ۋاستىچى شىركەتلەر ئارقىلىق ئەمەلگە ئاشىدۇ. ئەگەر بلوگىڭىز ئېنگلىزچە بولسا، ھەم زىيارەت ئېقىمى يۇقىرى بولسا، Payperpost دا يۇقىرسى 50 دوللارلىق، تۆۋىنى 5 دوللارلىق تېمىلار بار. ئەمەليەتتە ھەممىسى ھەرخىل مەھسۇلاتلارنىڭ ئېلانى. سىز شۇ مەھسۇلاتلارنىڭ ئالاھىدىلىكىنى قىزىقارلىق، ئوقۇشچان، باشقىلارغا ياقىدىغان ئۇسلۇبتا تونۇشتۇرۇپ يازىسىز. Payperpost سىزگە پۇل تۆلەيدۇ. مېنىڭچە بۇ خىل ئۇسۇلدا Payperpost ئەڭ ئىشەنچىلىك .. شۇڭلاشقا مەنمۇ شۇنى يېزىپ قويغان. Payperpost نىڭ بۇ ئۇسۇلى 2008 - يىلى فوربوس ژۇرنىلىدا ئالاھىدە تىلغا ئېلىنغان.
2. ئۆز مەھسۇلاتىنى تونۇشتۇرۇش ۋە سېتىش.
بۇ خىلدىكى بلوگدىن سەكسەن خالتا بلوگىنى مىسال ئېلىش مۇمكىن. ئەلۋەتتە باشقا تىلدا بۇ تۈردىكى بلوگلار ئىنتايىن كۆپ. 80halta.com كىرىم قىلىۋاتامدۇ يوق؟ بۇنى شۇلاردىن سوراپ باقساڭلارلا بىلىسىلەر. ئىچكىرىدكى نۇرغۇن بلوگ يازغۇچىلار تاۋباۋدىكى دۇكىنىغا ئۆز بلوگىنى بىرلەشتۈرىۋالغان. بلوگدا قانداق ئېلان بېرىشنى ئۆزىڭىز بەلگىلەيسىز. ئېلانلار كۆپۈنچە نازارەتكە ئۇچرىمايدۇ. ئەمما تاۋباۋدا چەكتىن ئاشقان، ئالاھىدە خەقنى جەلىپ قىلىدىغان ئېلانلارنى خالىغانچە قويغىلى قويمايدۇ.
ئەلۋەتتە ئەگەر سىز دۇكاندار، سودىگەر، كارخانىچى بولسىڭىز بۇ ئۇسۇلنى قوللانسىڭىز ئىنتايىن مۇۋاپىق. ئۆز مەھسۇلاتىڭىزنى توردا تونۇشتۇرىسىز، دۇكان ئۆزىنىڭ ماكاندىكى چەكلىمىسىنى بۇزۇپ تاشلاپ پۈتۈن دۇنيادىن خېرىدارلىق بولۇشى مۇمكىن. ۋاقتى كەلگەندە ... توردىن سېتىۋالماقچى بولغانلارغا ulinix.cn دەك تور بەتلەرگە ئېلان بېرىپ ئۇقتۇرۇش قىلسىڭىز. كەڭ كۆلەملىك بولسا تېلۋۇزۇرغا ئېلان بەرسىڭىزمۇ بولىدۇ.
3 . ئېلان قويۇپ پۇل تېپىش
بۇ خىل ئۇسۇلنى قوللىنىشتىن بۇرۇن بلوگدا چوقۇم بەلگىلىك ئېقىم بولۇشى كېرەك. كۈنىگە 100 دىن ئاز ئادەم كىرىدىغان بلوگدا ئېلان قويغاننىڭ ھىچقانداق پايدىسى يوق. كۈنىگە 200 دىن ئاز كىرىدىغان بلوگدا ئېلان قويسا ھەم گۇڭ كۆتەرمەيدۇ. ئەلۋەتتە سىز مۇشۇ بلوگدىكى ئېلانغا قاراشلىق بولمىغاندىكىن.... زىيارەت ئېقىمى تۆۋەن بولسا ئېلان قويماڭ. ئەگەر زىيارەت ئېقىمى 100 دىن ئاشسا قوپ قويۇڭ. تېلفون پۇلى چىقىپ قالىدۇ. ئۇنداقتا قايسى ئېلانلارنى قويىسىز... ئېلان كىرىمى قانداق ھىسابلىنىدۇ؟
تۆۋەندىكى ئېلانلارنىڭ ھەممىسى مۇۋاپىق:
adsense.google.com
www.alimama.com
union.baidu.com
قاتارلىقلار...
يۇقارقىلار ئىچىدە بەيدۇ ئېلانىنى مەن قويۇپ باقمىغان. شۇڭلاشقا ئۇنى تەپسىلى بىلىپ كەتمەيمەن. مېنىڭ بىلىشىمچە ئېلان شىركەتلىرى ئىچىدە پۇلنى ئەڭ كۆپ بېرىدىغىنى گۇگول. بىر كۆرۈلۈشى 1 دوللارلىق ئېلانلار دائىم چىقىپ تۇرىدۇ. خەنزۇچە ئېلانلارنىڭ باھاسى سەل تۆۋەنرەك بولۇشى مۇمكىن. شۇڭا كۆپۈنچە بلوگ ئېلان تىلىنى ئېنگلىزچىگە تەڭشىۋالىمىز. كۈنىگە 200 چە ئادەم كىرىپ تۇرىدىغان بلوگدا 2 دوللار ئەتراپىدا ئېلان چېكىلىپ قېلىشى مۇمكىن. 10 دوللارلىق چېكىلسىمۇ چەكتىن ئېشىپ كەتكەن بولمايدۇ. ئەمما ساختىلىق ئىشلىتىشكە، ئۆزىنىڭ ئېلانىنى ئۆزى چېكىشكە، ئېلان بار بەت ئادرېسىنى باشقىلارغا يوللاپ، كۈشكۈرتۈپ ئېلان چەكتۈرۈشكە، بلوگدا ئېلاننى چېكىپ قويۇشنى ئۆتۈنۈپ خەت يېزىشقا بولمايدۇ. يۇقارقى ئېلان شىركەتلىرىنىڭ ھەممىسىنىڭ بىر قاتار تەكشۈرۈش سېستىمىلىرى بار. بايقالغان ھامان پۇل تۆلىمەيدۇ، ھىسابىڭىز مەڭگۈلۈك توختايدۇ، قايتا ئىلتىماس قىلالمايسىز. يۇقارقى شىركەتلەرنىڭ ھىچقايسىسى خاتالىق ئۆتكۈزگەنلەرنى كەچۈرۈم قىلمايدۇ.
بۇ يازمامدا ئېلان تىلىنى ئېنگلىزچىگە تەڭشەش دىگەن گەپنى قىستۇرۇپ ئۆتتۈم، ئۇ كودنى بۇ يەرگە يازغىلى بولمايدۇ. ئەگەر سىز تېخى ئۇنداق قىلمىغان بولسىڭىز ئېلخەت يېزىپ سوراڭ.
ئىلتىماس قىلىش ئۇسۇللىرى:
Adsense بىلەن ئەلى مومانى مۇستەقىل تور نامى بولمىسىمۇ ئىلتىماس قىلغىلى بولىدۇ. ئەمما بەيدۇنى ئىلتىماس قىلىش ئۈچۈن www.palani.com غا ئوخشاش مۇستەقىل تور نامى ۋە مۇستەقىل تور بوشلۇقى بولۇشى كېرەك. مەن ئىلگىرى ئىلتىماس قىلىپ، بېرىدىغان پۇلى بەك تۆۋەنكەن دەپ يەنىلا گۇگۇلغا كىرىۋالغانتىم.
گۇگول ئېلانى ئىلتىماس قىلىش ئۈچۈن ئاۋال Blogger.com دىن بىر بلوگ ئېلىش كېرەك. ھازىر بۇ توربەت ئېچىلمايدىغان بولغاچقا، ئېلان ئىلتىماس قىلالمىغانلار مەن بىلەن ئالاقىلاشساڭلارمۇ بولىدۇ. ياكى ئۆزۈڭلار باشقا ئامال تېپىپ ئىلتىماس قىلساڭلارمۇ بولىدۇ. گۇگول ئېلانىنى مۇستەقىل تور نامىغا ئىلتىماس قىلىش ئۈچۈن تور نامى چوقۇم 6 ئايدىن بۇيان سىزنىڭ نامىڭىزدا تۇرغان بولۇشى كېرەك. ئىلگىرى بىر قېتىم توختاپ كەتكەن نامغا ئىلتىماس قىلىشقا بولمايدۇ. ئېيتىشلارغا قارىغاندا cc نامىغا ئاسانراق بېرەرمىش. ئەمما بۇ گەپلەرنىڭ ھىچقايسىسى ئىزچىل ئاقىدىغان يول ئەمەس.
لېكىن تۆۋەندىكى ئۇسۇل ئاقىدۇ. ئەگەر سىزنى جۇڭگودىكى Adsense گۇرۇپپىسى تەستىقلىمىسا سىز گۇگول ئېلانىنىڭ ئاۋسترالىيە ياكى ئەنگىليە بېتىگە كىرىپ ئىلتىماس قىلسىڭىز بولىدۇ. تەستىقلايدىغان گۇرۇپپا ئوخشاش بولمىغانچقا تەلەپلىرى ئوخشاش بولۇشى ناتايىن. گۇگولنىڭ ئاۋستىرالىيە بېتىنڭ ئادرېسىنى تېپىش ئۈچۈن ئەسلى ئادرېسنىڭ ئارقىغا چېكىت قويۇپ، au نى يېزىپ قويىسىز، ئەنگىليە ئۈچۈن co.uk ... قاتارلىقلار. ئۇنىڭدىن باشقا سىنگاپور، مالايسيە، فىلىپپىن قاتارلىق بەتلىرىگە كىرىپ ئىلتىماس قىلسىڭىزمۇ بولىدۇ. مەن ئادەتتە شۇنداق قىلىمەن. چۈنكى جۇڭگو بېتىدە ئىلتىماس قىلالمىغان ھىسابنى باشقا دۆلەت بېتىدىن ئاسانلا ئىلتىماس قىلغىلى بولىدىكەن. تەستىقلاش سۈرئىتىمۇ شۇنداق تېز. يەنە توردىن ئىزدەپ باقسىڭىز ئىلتىماس قىلغىلى بولىدىغان باشقا ئۇسۇللارمۇ ئىنتايىن كۆپ.
يۇقارقى گەپلەرنى خۇلاسە قىلساق، بلوگدا پۇل تېپىش ئۈچۈن ئاشۇنداق جېق ئۇسۇللار بار. ئەگەر سىزنىڭ ھىچقانداق مەھسۇلاتىڭىز بولمىسا، ئېلان قويۇش ئەڭ ياخشى چارە. ئېلانغا پۇل بېرىدىغان شىركەتلەر ئىچىدە گۇگول ئەڭ ياخشى. يەنە ياھۇ ئېلانى، مىكروسوفت پابلىشېر دەيدىغانلار بار. ئۇلار ھازىرچە سىرىتتىن توربەت قوبۇل قىلمايدۇ. چۈنكى ئۇلار ئۆز ئىچىدە قۇرغان تور بەتلەر بەك كۆپ بولغاچقا ئېلان ئۇلاردىن ئاشمايۋاتىدۇ... بىز بۇنىڭغا دىققەت قىلىپ تۇرىۋاتىمىز .كۈنلەرنىڭ بىرىدە ئۇلارمۇ سىرىتقى تورلارغا ئېلان بېرىپ قالسا.. بۇ ھەقتە مەخسۇس تېمىلارنى يېزىشىمىز مۇمكىن.
ئېلان پۇلىنى ئېلىش ئۇسۇلى:
ئېيتىشلارغا قارىغاندا ئەلى مامادىن پۇل ئالماق ئەڭ ئاسان. پۇلنى تېز تۆلەيدۇ. ئەمما كىرىم تۆۋەن. گۇگولدىن پۇل ئېلىش بۇرۇن سەل ئاۋارچىلىقتى. ھازىر western union ئارقىلىق پۇل تۆلەيدۇ. بارلىق چوڭراق يېزا ئىگلىك بانكا تىجارەت زالى ۋە چوڭراق پوچتا تىجارەت زالىدا western union نىڭ ئىش بېجىرىش ئورنى بار.... شۇڭا بۈگۈنكى كۈندە گۇگولدىن پۇل ئېلىشمۇ ئاسان. بۇرۇنقىدەك ياۋروپا بانكىسىنىڭ چېكىنى شياڭگاڭغا ئەۋەتىپ يۈرمەيسىز.
بۇندىن كېيىن بلوگ ئېلانى ۋە بلوگ كىرىمى ھەققىدىكى يازمىلار دائىم يوللىنىپ تۇرىدۇ. بۇ ھەقتىكى تېمىلار
tag/pul غا يوللىنىشى مۇمكىن. ئۇقىمىغان ئىشلار بولسا بۇ ئورۇندا داۋاملىق سوراپ تۇرسىڭىز بولىدۇ. لېكىن يېڭى بلوگ ئاچقان، بلوگىدا ھىچقانداق زىيارەت ئېقىمى يوق دوستلارغا ئېلان ئىلتىماس قىلىشنى تەۋسىيە قىلمايمىز. ئەگەر بلوگىڭىز بولمىسا
tag/uslub غا كىرىپ قۇرالىشىڭىز مۇمكىن. ياكى
tag/mulazimet دىن ھەقسىز ئۇيغۇرچە بلوگ ئىلتىماس قىلالايسىز.
ئىنكاس يېزىش رامكىسى كۆرۈنمىسە F5 نى بېسىڭ.
评论