• ئۇيغۇر توربەتلەرنى سىتاتىستىكىلاش ھەققىدە - [ئۇيغۇرچە]

    2010-12-13

    ulinix.cn دىكى ئوڭ-سول، ئۈستى-ئاستىغا قويۇلغان ئېلانلاردىن كۆرۈۋېلىشقا بولىدۇكى، ھازىر ئۇيغۇرچە توربەت ئېلانچىلىقى خېلى راۋاجلانغان. يالغۇز ئۇلىنىش دۇنياسىلا ئەمەس نەچچە يۈزلىگەن ئۇيغۇر توربېكەتلىرى ئېلان ئورنىدىن خېلى كىرىم قىلالايدىكەن. ئەمما نۇرغۇن شىركەت-كارخانىلار ئېلانلىرىنى قايسى بېكەتكە قويسا مۇۋاپىق بولىدىغانلىقىنى بىلىپ كەتمەيدۇ. ئالايلۇق چەتئەلگە چىقىپ ئوقۇشقا ئائىت ئېلانلارنى ئۇلىنىش تورىغا قويغاندىن Jeckblog.com غا قويسا ئۈنىمى نەچچە ھەسسە يۇقىرى بولۇشى مۇمكىن........
      ئالېكسادا تەكشۈرۈشۈمچە يۇقىرى ھەقلىق ئېلان قويۇلالمىغان ئەمما زىيارەت سانى ئالاھىدە يۇقىرى تور بېكەتلەر خېلى كۆپكەن. Blogbus دىكى بارلىق ئۇيغۇرچە بلوگلارنى يىغىپ كەلسىمۇ ھەرقانداق بىر چوڭ تىپتىكى ئۇيغۇرچە تور بېكەتنىڭ زىيارەت ئېقىمىدىن ئېشىپ كېتىدۇ. ئەمما بۇ زىيارەت ئېقىمىنى ھىسابلاپ توغرا كۆرسىتىپ كارخانىچىلارغا بىلدۈرەلەيدىغان سېستىما يوق.
      ئالېكسادا رايونغا ئاساسەن توربېكەتلەرنى سېلىشتۇرغىلى بولغان بىلەن تىلغا ئاساسەن سېلىشتۇرغىلى بولمايدىكەن. ئىلگىرى گۇگولنىڭ مەخسۇس سېلىشتۇرىدىغان مۇلازىمىتى بار ئىدى، جۇڭگودىن كېتىش بىلەن توختاتتى.
      بۇنداق ئەھۋالدا بۇ ساھە ئىنتايىن چوڭ بوشلۇق. بارلىق ئۇيغۇرچە توربېكەت ۋە تورتۇرالارنى تىلىنى پەرقلەندۈرۈپ ئاپتوماك ياكى ئادەم كۈچى بىلەن قوشالايدىغان بىر ئۇيغۇرچە توربېكەت ستاتىستىكا بېكىتى بولسا..ئېلان شىركەتلىرى ياكى كارخانىلار ئېلانلارنى يالغۇز بىر ئىككىلا توربېكەتكە زورلاپ ئېسىپ قويماي، ئېقىمى يۇقىرى باشقا بەتلەرگىمۇ تەقسىملەپ بېرىشى مۇمكىن. بۇ ئۇيغۇرچە توربېكەتلەرنىڭ ساغلام ۋە مۇقىم تەرەققىي قىلىشىغا پايدىلىق.
       ئالايلۇق: باياتىن چەتكە چىقىش ھەققىدىكى ئېلانلارنى ئۇلىنىشقا قويماي Jeckblog.com غا قويسا ئۈنىمى يۇقىرى بولۇشى مۇمكىن دەپ ئۆتكەن.... ئۇلىنىش تورىغا مەيلى چەتكە چىقىدىغان، چىقمايدىغان، ئوقۇيدىغان، ئوقۇمايدىغان ھەممە ئادەم كىرىدۇ. ئېلان ئورنى باھاسىمۇ ناھايىتى يۇقىرى. ئەمما Jeckblog.com بىر نەچچە يىلدى بۇيان چەتئەلگە چىقىپ ئوقۇش ھەققىدە چەتئەلدە ئوقۇۋاتقان ئەمەلىي تەجىربىسى بارلارنىڭ ئاغزىدىن ئېلىنغان گەپلەرنى يېزىپ... بۇ ساھەدە ھەممىنىڭ دىققىتىنى تارتتى ۋە نۇرغۇن بىلىمخۇمارلارغا ياردەمدە بولغان بولۇشى مۇمكىن. ئېنىقكى چەتكە چىقىپ ئوقۇشنى ئويلىغان كىشى جېك بلوگقا كىرىپ كۆرۈپ باقىدۇ. ئۇنىڭ زىيارەت ئېقىمى چوڭ تىپتىكى توربېكەتلەردەك يۇقىرى بولمىغاچقا ئېلانغا يۇقىرى باھا قويىۋېلىشى ناتايىن. ئەمما چەتئەل چىقىرىش مۇلازىمىتى قىلىدىغانلارنىڭ ئېلانى قويۇلسا 100 پېرسەنت ئىشەنچىلىك خېرىدار مەنبەسىگە چەنلەپ تۇرۇپ ئاتقاندەك يارىشىدۇ.
       ئەتىدىن كەچكۈچە ناخشا، ئام تى ۋى .... دىگەنلەر بىلەن كىرىشتۈرۈپ تور بېكەتلەرنى ئەخلەتلەشتۈرگەننىڭ ئورنىدا پروگراممېرلار مۇشۇ ھەقتە ئىزدىنىپ باقسا بىر قەدەر مۇۋاپىق.
      مېنىڭ تەكشۈرۈشۈمگە ئاساسلانغاندا Alexa نىڭ ئالېكسا pro مۇلازىمىتىنى سېتىۋېلىش ئارقىلىق ئادەم كۈچى بىلەن 10 مىڭدىن ئارتۇق تور بېكەتنى قوشۇپ سېلىشتۇرغىلى بولىدىكەن. ئەمما 10 مىڭدىن ئارتۇق تور بېكەتنى ئادەم كۈچى بىلەن قوشۇش، يېڭىلانمايۋاتقان، ئۆچۈرۈلگەن، تاقالغانلارنى تازىلاپ، يېڭى قۇرۇلغانلىرىنى داۋاملىق قوشۇشنىڭ ئۆزى ئىنتايىن چوڭ ئاۋارچىلىق.
       ئىلگىرى ئىلغار قاتارلىق بىر قىسىم بېكەتلەر ئادەم كۈچى بىلەن قوشۇپ بۇنداق سىتاتىستىكىنى ئاچقان. ئەمما ئۇلارنىڭ قىلغىنىدىمۇ يېڭى تور بېكەتلەر قوشۇلماي، يېڭىلانماي تاقالغانلىرى ئۆچۈرۈلمەي ئۇچۇر كونىلىقىنى كەلتۈرۈپ چىقارغان ۋە بۇ مۇلازىمەت شۇنىڭ بىلەن يوقىغان ئىدى.
      ئۇنداقتا ئۇيغۇرچە بېكەتلەرنى قانداق قىلىپ تورلار دۇنياسىدىن سۈزۈپ چىققىلى بولىدۇ؟
    مەن پروگراممېر بولمىغاچقا تەپسىلى ئىشلارنى ئۇقمايمەن. ئەمما تۆۋەندىكى پاكىتلارغا تاينىپ سۈزگىلى بولىدۇ.
    1. ئالېكسا IP ئادرېسىغا قاراپ رايون ۋە دۆلەتلەر بويىچە سۈزەلەيدۇ. ئالېكسا ياكى گۇگۇل PR ئارقىلىق شىنجاڭ رايونىدىكىنى سۈزۈپ چىققىلى بولىدۇ. ئەمما شىنجاڭنىڭ سىرتىدىكى مۇلازىمىتېرلاردا قۇرۇلغان ئۇيغۇرچە بېكەتلەر يىغىلمايدۇ ۋە شىنجاڭ ئىچىدىكى باشقا بېكەتلەر قوشۇلۇپ كېتىدۇ. شۇڭلاشقا IP ئادرېسىغا ئاساسەن سۈزۈش مۇۋاپىق ئەمەس.
    2. بارلىق توربېكەتلەر ھازىر قۇرۇلغان ھامان گۇگول ئۆزى قوشىۋالىدۇ ياكى گۇگولغا قوشۇپ قويىلىدۇ. دىمەك گۇگول ئارقىلىق بارلىق ئۇيغۇرچە تور بېكەتلەرنى ئىزدەپ تېپىش مۇمكىن. گۇگولنىڭ ئۆزلەشتۈرمە ئىزدەش ماتورى CSE نىڭ Pro سىنى ئىشلىتىش ئارقىلىق بۇ نىشانغا دەسلەپكى قەدەمدە يەتكىلى بولىدۇ.
    3. بارلىق يېزىقى ئوڭغا توغىرلانغان تور بېكەتلەرنى تاللاش....
    4. ئەگەر يېزىقى ئوڭغا توغىرلانغان توربېكەتلەر تاللانسا ئەرەبچە، پارسچە، ئوردوچە، ئىبرايچە تور بېكەتلەرمۇ قوشۇلۇپ كېتىشى مۇمكىن. شۇڭلاشقا بۇ ئۇسۇلغا يەنىمۇ ئىلگىرلىگەن ھالدا سۈزگۈچ ئورناتمىسا بولمايدۇ.
    5 . بىر قانچە خىل ئۇيغۇرچە خەت نۇسخىسىنىڭ بىرەرسىنى توربېكەت ئەسلى كودىدىن ئىزدەش ئارقىلىق ئۇيغۇرچە خەت نۇسخىسى ئىشلىتىلگەن تور بېكەتلەرنى ئۇيغۇرچە تور بېكەت دەپ ھۆكۈم قىلىش.
    ئەگەر تور بېكەت ئەسلى كودىدىن ئىزدەش ئېلىپ بارغىلى بولسا... بۇ ئىش ناھايىتى ئوڭايلا ئەمەلگە ئاشىدۇ.
    ھەرقانداق بىر ئۇيغۇرچە بېكەت كەم دىگەندە بىر ئۇيغۇرچە خەت نۇسخىسى ئىشلىتىدۇ. ھازىر مودا بولىۋاتقان ئۇيغۇرچە خەت نۇسخىلىرى : UKIJ تۈز توم، Microsoft Uighur ، ئەلپىدا يۇنىكود، ئۇيغۇر ئېكران، ئالپسوفت ئېكران قاتارلىقلار... ئىشقىلىپ ئۇيغۇرچە توربەت يۈزىدە ئىشلىتىلگەنلىكى خەت نۇسخىسىنى ئىزدەشنىڭ ئۆلچىمى قىلسا... ناھايىتى ئاسانلا ئۇيغۇرچە توربېكەتلەرنى چەكسىز تور دۇنياسىدىن سۈزۈپ چىقىش مۇمكىن.
    6 . ئەگەر تور بېكەت ئەسلى كودىنى ھەرقانداق ئامال بىلەن ئىزدىگىلى بولمىسا 85 پېرسەنت ئىشەنچىلىك ئۇسۇل ‹باش بەت› سۆزى ئارقىلىق ئىزدەش. مەيلى تورتۇرا ياكى چوڭ تىپتىكى توربېكەت بولسۇن.. ھەرقانداق بىرى باش بەت سۆزىنى ئىشلەتكەن. مەن تەكشۈرۈپ باقسام باش بەت دىگەن بۇ سۆز ھىچقانداق باشقا تىل بىلەن ئورتاقلىق ھاسىل قىپ قالمايدىكەن. باش بەت سۆزى بار بېكەتلەرنى گۇگول CSE ئارقىلىقلا ناھايىتى ئاسان تاپقىلى بولىدۇ.
         تەكلىماكان بلوگدا ئىشلىتىلگەن ئىزدەش ماتورىمۇ گۇگول CSE دىن پايدىلىنىپ ئۆزلەشتۈرۈلگەن. ناھايىتى قولايلىق. كودنى ئۆزگەرتمەيلا خالىغان بېكەتنى قوشقىلى ۋە چىقىرۋەتكىلى بولىدۇ.... (تەكلىماكان بلوگدىكى موللا تاپقاقتىن كۆرۈڭ.)
      ئەمدىكى گەپ يىغىلغان، سۈزۈلگەن بۇ ئۇيغۇرچە بېكەتلەرنى قانداق قىلىپ ستاتىستىكا قىلىدىغان، تۈرلەيدىغان، زىيارەت قېتىمىغا ئاساسەن رەتكە تىزالايدىغان بىر پروگراممىنىڭ بولۇشىدا. مېنىڭچە رۇسچە كىنوغا مۇقامنى كىرگۈزۈپ، ھىندى ئۇسۇلىغا نازىركومنى تەڭكەش قىلدۇرۇپ ۋاقتنى ئىسراپ قىلۋاتقان پروگراممېرلارنىڭ قولىدىن بۇ ئىشلار كېلىدۇ..
      ماقالىنى ئىشلەتكەندە تەكلىماكان بلوگدىن ئېلىنغانلىقىنى ئەسكەرتىڭ.





ئىنكاس يېزىش رامكىسى كۆرۈنمىسە F5 نى بېسىڭ.

    评论

  • سىز ئەۋەتىپ بەرگەن ئۇسلۇبنى قاچىلىغانتىم ،بلوگنىڭ ھەممە يىرى يىشىل چىقىپ قالدى ،شۇڭا سىز كىرىپ قاچىلاپ بەرسىڭىز .سىزنى باشقۇرغۇچىلىققا تەكلىپ قىلىپ قويدۇم.
    تەكلىماكان回复بارخان说:
    بولىدۇ. ئەتە ياكى ئۆگۈنلۈككە قاچىلاپ بېرەي
    مېنىڭ بلوگباستا ئىشلەتكەن نامىم teklimakan
    2010-12-14 01:29:31
  • ستاتىستىكا ھەرقانداق بىر ساھە ئۈچۈن مۇھىم بولغان تۈر. تور دۇنياسىدىمۇ ھەم شۇنداق. بۇماقالە ناھايىتى ياخشى يېزىلىپتۇ.