• ulinix.cn دىكى ئوڭ-سول، ئۈستى-ئاستىغا قويۇلغان ئېلانلاردىن كۆرۈۋېلىشقا بولىدۇكى، ھازىر ئۇيغۇرچە توربەت ئېلانچىلىقى خېلى راۋاجلانغان. يالغۇز ئۇلىنىش دۇنياسىلا ئەمەس نەچچە يۈزلىگەن ئۇيغۇر توربېكەتلىرى ئېلان ئورنىدىن خېلى كىرىم قىلالايدىكەن. ئەمما نۇرغۇن شىركەت-كارخانىلار ئېلانلىرىنى قايسى بېكەتكە قويسا مۇۋاپىق بولىدىغانلىقىنى بىلىپ كەتمەيدۇ. ئالايلۇق چەتئەلگە چىقىپ ئوقۇشقا ئائىت ئېلانلارنى ئۇلىنىش تورىغا قويغاندىن Jeckblog.com غا قويسا ئۈنىمى نەچچە ھەسسە يۇقىرى بولۇشى مۇمكىن.