ياشانغان ئاياللارنىڭ سىرتقى جىنسىي ئەزاسى ۋە ماتكىسىنىڭ قايسى ئالاھىدىلىكى بار؟
-
ياشانغان ئاياللارنىڭ سىرتقى جىنسىي ئەزاسى ۋە ماتكىسىنىڭ قايسى ئالاھىدىلىكى بار؟
ۋاقتى: 2016-09-28 ئاۋاتلىقى: 8237 قېتىميانفوندا كۆرۈش
ئاياللارنىڭ كۆپىيىش ئىقتىدارى ئۇرغۇپ تۇرغان ھالەتتىن بار-بارا چېكىنىدۇ، ئاندىن ھەيز پۈتۈنلەي توختاپ ھەيز كېسىلىش دەۋرىگە قەدەم قويىدۇ، ھەيز كېسىلىش دەۋرى ھەيز توختاش دەسلەپكى مەزگىلى، ھەيز توختاش مەزگىلى ۋە ھەيز توختاش ئاخىرقى مەزگىلى قاتارلىقلارنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ، ھەيز كېسىلىش مەزگىلى بولسا ياشانغانلار چوقۇم باشتىن كەچۈرىدىغان بىر ئۇزۇن مۇددەتلىك باسقۇچ . بۇ مەزگىلدە تۇخۇمدان ئىقتىدارى بار-بارا چېكىنىپ تۇخۇم پۈۋەكچىسى پىشىپ يېتىلمەيدۇ ھەم تۇخۇم ئاجرىتىپ چىقمايدۇ. ئەگەر تۇخۇمدان ئىقتىدارى تېخىمۇ ئىچكىرىلەپ چېكىنسە ھەيز توختايدۇ. چۈنكى جىنسىي ھورمۇن ئازلاپ كەتكەندىن كېيىن كۆپىيىش ئەزاسى يىگىلەپ قالىدۇ، تاكى 60 ياش ئەتراپىغا بارغاندا بەدەن بار-بارا ياشىنىپ قېرىلىق دەۋرىگە قەدەم قويىدۇ. ياشانغان ئاياللاردا چۈنكى ئانىلىق ھورمۇن كەمچىل بولغاچقا تۆۋەندىكىلەرنى كەلتۈرۈپچىقىرىدۇ : ① سىرتقى جىنسىي ئەزا ۋە ماتكا يىگىلەش، سىرتقى جىنسىي ئەزانىڭ تېرىسى نېپىزلەپ، پارقىراق بولۇپ ئېلاستىكلىقىنى يوقىتىدۇ. ② ماتكا شىللىق پەردىسى نېپىزلەپ، ماتكا ئەگرى تۆشۈكچىسى تارىيىپ كېتىدۇ. ③ماتكا ئۈستۈنكى تېرە ھۈجەيرە گىلىكوگېنى ئازلاپ ماتكا hp قىممىتى يۇقىرى كۆتۈرۈلۈپ، دائىرىلىك ئورۇننىڭ قارشى تۇرۇش كۈچى ئاجىزلاپ كېسەللىك كەلتۈرگۈچى باكتېرىيە ئاسانلا كىرىپ ياللۇغلىنىشنى پەيدا قىلىدۇ. ئادەتتە سىرتقى جىنسىي ئەزا قىچىشىش يۈز بېرىدۇ، كۆپىنچە دىلچىق، كىچىك جىنسىي لەۋ ئىچى سىرتىدا كۆرۈلىدۇ، ئېغىر بولغاندا چاتراق ئارىلىقىدا يۈز بېرىدۇ.
چۈنكى يۇقىرىقىدەك ئالاھىدىلىك بولغانلىقى ئۈچۈن ياشانغانلار تېخىمۇ بەك شەخسىي تازىلىققا دىققەت قىلىپ، كېسەللىك ئالامىتى پەيدا بولغان ھامان دوختۇرخانىغا بېرىپ تەكشۈرتۈپ ھەم قەرەللىك ھالدا ئاياللار كېسەللىكىنى تەكشۈرتۈپ تۇرۇشى كېرەك.
ئاياللار يانبىلوگى خاس يازمىسى (ئاياللار يانبىلوگى «ئاياللار جىنسىي يول كېسەللىكىدىن 85 سوئال» ناملىق كىتابتىن تەرجىمە قىلىپ تەييارلىدى)
ئۇچۇر:
ئەگەر سىرتقى جىنسىي ئەزادا قىچىشىش ئەھۋالى يۈز بەرسە، ئاق خۇن كۆپ كېلىش، سېسىق پۇراق بولۇش ئەھۋالى كۆرۈلسە قانداق قىلىش كېرەك؟ بۇنىڭ ئەڭ ئۈنۈملۈك شىپاسى يەنىلا خانزادىلەر گۆھىرى! خانزادىلەر گۆھىرى سىزنى ھەر ۋاقىت ئاياللار كېسەللىكىدىن يىراق قىلىدۇ.
مال سېتىۋېلىش تېلېفونى: 6598750-0991
ئۈندىدار: parixta05
تەلەي قاپىقىدىن چىققان يازمىلار

داس بوشلۇقى ياللۇغى ۋە ئۇنىڭ ئالدىنى ئېلىش
2015-10-27 15:26:102805
ئۆزىنى ئېسىل داچىغا تېگىشكەن ئايال ۋەقەسى، يېقىن
2016-01-26 13:56:103960
ئاياللاردىكى بەش چوڭ ئەڭگۈشتەر
2015-08-19 12:04:217285
ئاياللار ئۇخلاشتىن بۇرۇن قىلىشقا تېگىشلىك ئىشلار
2016-01-30 18:45:294011
زامان ئاخىرىنىڭ ئاياللىرى [پوۋىست] (4)
2014-11-16 14:16:493956
زامان ئاخىرىنىڭ ئاياللىرى [پوۋىست] (6)
2014-11-16 14:19:062870
بالىياتقۇ مۇسكۇل ئۆسمىسى قانداق ئاياللاردا ئاسان
2015-12-21 16:28:241888
ئاياللارنىڭ چوڭ مېڭىسى ئەرلەرنىڭكىگە قارىغاندا ئ
2015-08-10 00:16:532543
- باھالار
-
ئىسمىڭىز:
- باھالار رېتى
-























