بۇ بىر ئاياللار پىنھان تىۋىشلار ئارامگاھى!
«پىنھان تىۋىشلار» ئاياللارنىڭ سىردىشى بولسا؛ «ئاياللار گۈلزارى» ئاياللار لاتاپىتىنىڭ جىلۋىلىنىشى؛ «تۇرمۇش ساۋاتلىرى» سىزنى تۇرمۇشقا يېقىنلاشتۇرسا؛ «ئاياللار ساقلىقى» ئائىلىڭىزنىڭ بەختىنى كاپالەتكە ئىگە قىلىدۇ!
بالىياتقۇ مۇسكۇل ئۆسمىسى ۋە ئۇنىڭ ئالدىنى ئېلىش
-
بالىياتقۇ مۇسكۇل ئۆسمىسى ۋە ئۇنىڭ ئالدىنى ئېلىش
ۋاقتى: 2016-07-28 ئاۋاتلىقى: 12068 قېتىمبالىياتقۇ ئوسمىسى ئاياللاردا كۆپ كۆرۈلىدىغان ئۆسمىسى، بولۇپ پىشىپ يېتىلمىگەن بالىياتقۇدىكى سېلىق مۇسكۇل ھۈجەيرىلىرىنىڭ ئۆسۈشىدىن كىلىپ چىققان بولۇپ، كۆپىنچىلىرى شار شەكىللىك، ئۇيۇل ماددىلىق ئۆسمە.يانفوندا كۆرۈش
بالىياتقۇ مۇسكۇل ئۆسمىسىنىڭ ئادەتتە ئىپادىسى ئىپادىلەنمەيدۇ. كېسەلنىڭ ئېغىرلىشىشىغا ئەگىشىپ تۆۋەندىكى كېلىنلىك ئالامەتلىرى ئىپادىلىنىدۇ.
1. جىنسى يولىدىن قان كېلىش: ئەگەر نېكروزلىشىش، يارلىنىش، يۇقۇملىنىش ئەھۋاللىرى كۆرۈلسە جىنسى يولىدىن توختىماي قان كېلىدۇ ھەيز مىقدارى كۆپىيىپ كېتىدۇ، ھەيز دەۋرى ئوڭايلا قالايمىقانلىشىپ كىتىدۇ.
2. قورساق قىسمىدا مۇنەك پەيدا بولۇش: قورساقنىڭ تۆۋەنكى قىسمىدا تۇيۇقسىز مونەك پەيدا بولۇپ قالىدۇ. قورساق چىڭقىلغاندا، مونەكنىڭ يۇقىرغا كۆتۈرۈلىشى روشەن بولىدۇ.
3. بېسىلىش ئالامەتلىرى كۆرۈلۈش: ئۆسمە چوڭايغاندىن كېيىن، تېگىشىپ تۇرغان ئەزالارنى بېسىپ، ھەر خىل ئالامەتلەرنى كەلتۇرۇپ چىقىرىدۇ. مەسىلەن بالىياتقۇ ئالدى دىۋار ئۆسمىسى بىمارنىڭ دوۋسىقىنى بېسىۋالغانلىقتىن، تەرەت قېتىم سانى كۆپىيىپ كىتىدۇ. كەڭ تارمۇش ئىچى مۇسكۇل ئۆسمىسى سۈيدۈك تۇشۇش نەيچىسىنى بېسىۋالساسۈيدۇك تۇشۇش نەيچىسىگە، بۇرەك جامىغا سۇ يىغىلىپ قېلىپ بەل ئاغرىشنى كەلتۇرۇپ چىقىرىدۇ.
4. ئاغرىش: شىرىلىك پەردە ئاستى مۇسكۇل ئۆسمىسىنىڭ بېغى تولغىشىپ قالسا، ئۆتكۈر قورساق ئاغرىشنى كەل تۇرۇپ چىقىرىدۇ.: شىرىلىك پەردە ئاستى مۇسكۇل ئۆسمىسى بالىياتقۇنى غىدىقلاش سەۋەبىدىن ئاغرىشنى كەلتۇرۇپ چىقىرىدۇ.
5. ئاق خۇن كۆپىيىش: ئاق خۇن كۆپىيىش سەۋەبىدىن ئىككىلەمچى قان ئازلىق پەيدا بولۇپ باش قېيىش، چارچاش، يۈرەك سېلىش پۈتۈن بەدەن ماغدۇرسىزلىنىش قاتارلىق ئالامەتلەرئىپادىلىنىدۇ.
داۋالاش ئۇسۇللىرى -1. دۇرا ئارقىلىق داۋالاش ؛ئۆسمە چوڭ بولمىسا ھەمدە بىئارام قىلىدىغان باشقا كېلىنكىلىق ئالامەتلەر كۆرۈلمىسە، دوختۇرنىڭ كۆرسەتمىسى بويىچە جۇڭيى تېبابەت ۋە غەرب تېبابەت دۇرىلىرىنى بىرلەشتۇرۇپ داۋالاش كېرەك.
2. رادىئوئاكتىپلىق نۇردا داۋالاش: كېسەلنىڭ يېشى چوڭراق بولۇپ، ئېغىر ئەگەشمە كېسەللىكلەر تۈپەيلىدىن ئوپراتسىيە قىلىشقا بولمىسا، تۆخۇمدانغا نۇر چۈشۇرۈپ ھەيزتوختىتىش ئارقىلىق، مۇسكۇل ئۆسمىسىنى بالىياتقۇنىڭ قىسقىرشىغائەگىشىپ يىگلىتىش ئارقىلىق داۋالاش لازىم.
3. ئوپېراتسىيە قىلىش: ئۆسمە چوڭراق بولۇپ، ئالامەتلىرى ئېنىق ئوپراتسىيە قىلماي داۋالاش ئۈنۈمى كۆرۈلمىسە، ئوپراتسىيە قىلىپ داۋالاش كېرەك.
بۇ تېمىنى يېزىشتىكى مەقسەت 1. خانىم قىزلاردا ھەر خىل جىنسى كېسەللىكىنىڭ نىسبىتى ئېشىۋاتقان شارائىتتا ھوشيار بۇلىشى، شۇنداقلا ئالدىنى ئىشلىش تەدبىرلىرىنى ياخشى ئىگىلەشتىن ئىبارەت.
2. بالدوربايقاش - بالدۇر دىئاگنوز قويۇش: كېسەللىك ئۆزگىرىشىنى بالدۇر بايقىغاندا، داۋالاش ئارقىلىق كېسەللىكنىڭ يەنىمۇ ئېغىرلىشىپ كېتىشتىن ساقلانغىلى بولىدۇ.
3. بالدۇر داۋالاش: بالدۇر داۋالىغاندا بىمارلار ئەڭ ياخشى داۋالىنىش پۇرسىتىگەئىرشەلەيدۇ ھەمدە داۋالىنىش راسخوتىنى تېجەپ قالىدۇ، ئائىلە ۋە جەمئىيەت يۈكى يەڭگىللەش بولىدۇ.
ئالدىنى ئىلىش تەدبىرىلىرى -1)ھەيز مەزگىلدىكى ساقلىق ساقلاش.
2)كەيپىياتنى تەڭشەش -روھى ئامىل ياخشى بولۇش.
3)ئۆزىنى ئىسسىق تۇتۇش.
4)يېمەك -ئىچمەكنى تەڭشەش ؛يېمەك -ئىچمەك قۇۋۋەتلىك، يىنىڭ ئاسان ھەزىم بولىدىغان بولىشى، ئاچچىق، سۇغۇق، غىدىقلىغۇچى يىمەكلىكلەرنى يېمەسلىكى لازىم.
5)قەرەللىك ھالدا ئومۇميۈزلۈك تەكشۈرتىشى كېرەك.
6)ھامىلىدار بولۇشتىن ساقلىنىش.
7)ھورمون تۈردىكى دورىلارنى ئىچمەسلىك لازىم.
تەلەي قاپىقىدىن چىققان يازمىلار
ئاياللار دىققەت قىلىشقا تىگىشلىك 9خىل كىسەللىك ئ
2015-08-10 00:11:322289ئىپپىتىنى ساتقان قىز - (ئىبرەتلىك ھىكايە)
2015-10-25 12:07:132282ئۇنىڭ قەلبىنى ئۆزىڭىزگە مايىل قىلىشقا سەل قارىما
2015-12-10 19:35:253157ئەر بىلەن ئايالنىڭ پەرقى
2016-01-06 18:26:111071بىرى سىزنى سۆيىدىغان يەنە بىرى سىز سۆيىدىغان ئەر
2016-01-25 18:38:432179ئاياللار بىلىشكە تېگىشلىك ئۇخلاشتىن بۇرۇنقى ئالت
2015-08-10 00:46:396489دىققەت: ھەيز بىنورماللىقىنىڭ 6 خىل ئاگاھ سېگنالى
2015-12-12 13:37:235146بۇلارنىڭ ئەمەلىيەتتە تورت ئىكەنلىكىگە ئىشىنەمسىز
2015-12-02 05:14:461377
- باھالار
-
ئىسمىڭىز:
- باھالار رېتى
-