ئاياللار دۇنياسى يانبىلوگى

  • خانزادىلەر گۆھىرى -ئاياللار كىسەللىكىنىڭ يىلتىز ھۇجۇمچىسى

    خانزادىلەر گۆھىرى -ئاياللار كىسەللىكىنىڭ يىلتىز ھۇجۇمچىسى

  • 	 ئەر-ئاياللار ھەققىدە قىزىقارلىق پاراڭلار

    ئەر-ئاياللار ھەققىدە قىزىقارلىق پاراڭلار

  • 30 ياشلىق ئاياللار قىلىشقا تېگىشلىك 24 مەخپىيەت

    30 ياشلىق ئاياللار قىلىشقا تېگىشلىك 24 مەخپىيەت

  • قىزچاڭ، بۇلارنى چوقۇم بىلىشىڭىز كېرەك

    قىزچاڭ، بۇلارنى چوقۇم بىلىشىڭىز كېرەك

  • ئاياللار شىپالىق دورا

    ئاياللار شىپالىق دورا

  بۇ بىر ئاياللار پىنھان تىۋىشلار ئارامگاھى!
«پىنھان تىۋىشلار» ئاياللارنىڭ سىردىشى بولسا؛ «ئاياللار گۈلزارى» ئاياللار لاتاپىتىنىڭ جىلۋىلىنىشى؛ «تۇرمۇش ساۋاتلىرى» سىزنى تۇرمۇشقا يېقىنلاشتۇرسا؛ «ئاياللار ساقلىقى» ئائىلىڭىزنىڭ بەختىنى كاپالەتكە ئىگە قىلىدۇ!
بىلوگ ھەققىدە
بۇ بىر ئاياللار پىنھان تىۋىشلار ئارامگاھى!
«پىنھان تىۋىشلار» ئاياللارنىڭ سىردىشى بولسا؛ «ئاياللار گۈلزارى» ئاياللار لاتاپىتىنىڭ جىلۋىلىنىشى؛ «تۇرمۇش ساۋاتلىرى» سىزنى تۇرمۇشقا يېقىنلاشتۇرسا؛ «ئاياللار ساقلىقى» ئائىلىڭىزنىڭ بەختىنى كاپالەتكە ئىگە قىلىدۇ!
يازما ئىزدەش
دوستانە ئۇلىنىشلار

ئىلمىي ئۇسۇلدا كىر يۇيۇش

ئىلمىي ئۇسۇلدا كىر يۇيۇش

ۋاقتى: 2016-10-26 ئاۋاتلىقى: 4726 قېتىم

يانفوندا كۆرۈش

ھەممە ئادەم كىر يۇيالايدۇ، لېكىن سىز راستىنلا كىر يۇيالامسىز؟ كىر يۇيۇشقا ئائىت بەزى ئىنچىكە نۇقتىلارغا دىققەت قىلىپ باقتىڭىزمۇ؟ تۆۋەندە كىر يۇيۇشنىڭ توغرا تەرتىپىنى بىرلىكتە كۆرۈپ باقايلى.

كىر يۇيۇش سۇيۇقلۇقىدا كىر يۇيۇشتىن بۇرۇن كىيملەرنى توغرا سورتقا ئايرىش كېرەك.

ئالدى بىلەن ، يۇيماقچى بولغان كىيىملەردىكى يۇيۇش ماركىسىنى تەكشۈرۈپ، سۇدا يۇيۇشقا بولىدىغان ۋە قۇرۇق يۇيىدىغان كىيىملەرنى ئايرىپ چىقىش كېرەك. ئاندىن سۇدا يۇيۇشقا بولىدىغان كىيىملەرنىڭ ئىچىدىكى قولدا يۇيىدىغان ۋە كىرئالغۇدا يۇيۇشقا بولىدىغان كىيىملەرنى ئايرىپ چىقىش لازىم. قىسمەن ئېيتقاندا پاختا، تالا ۋە پارچىلانغان تالالىق كىيملەرنى ئادەتتە كىر ئالغۇدا يۇيۇشقا بولىدي، قوي يۇڭى، يىپەك، تەبىئىي تالا ، يېرىم پارچىلانغان تالا قاتارلىق كىيىملەرنى قولدا يۇيۇش، كىيملەردىكى تالانىڭ بۇزۇلۇپ ، كىيىملەردە شەكىل ئۆزگىرىش ، قىسقىراش قاتارلىق ئەھۋاللارنىڭ كۆرۈلىشىدىن ساقلىنىش كېرەك. بۇنىڭدىن سىرت، رەڭگى ئۆڭىدىغان ۋە ئۆڭمەيدىغان كىيىملەرنى ئايرىپ يۇيۇش، بولۇپمۇ قىزىل رەڭلىك كىيىملەرنى رەڭگى ئۆڭىدىغان كىيىملەردىن ئايرىپ يۇيۇش كېرەك.

كىر يۇيۇش پاراشوكىنى مۇۋاپىق ئىشلىتىش كېرەك.

بەزى كىشىلەر كىر يۇيۇش پاراشوكى قانچىلىك كۆپ ئىشلەتسە شۇنچە پاكىز بولىدۇ دەپ قارايدۇ، ئەمەلىيەتتە بۇ بىر خىل خاتا كۆز قاراش. كىر يۇيۇش پاراشوكى مىقدارى بەلگىلەنگەن ئۆلچەمدىن ئېشىپ كەتكەندە ، كىر يۇيۇش سۈيى تويۇنۇش دەرىجىسىگە يەتكەن بولىدۇ، ئېشىپ قالغان كىر يۇيۇش پاراشوكى تازىلاش كۈچىنى ئاشۇرالمايلا قالماي، بەلكى چايقاش ۋاقتىنى ئۇزارتىۋېتىدۇ، شۇنداقلا ئېشىنچى كىر يۇيۇش پاراشوكى كىيىمدە ساقلىنىپ قالىدۇ. مۇۋاپىق بولغان كىر يۇيۇش پاراشوكىنىڭ مىقدارى سۈزۈك سۇنىڭ مىقدارى، يۇيىدىغان كىيىمنىڭ سانى ۋە يۇيۇش ۋاقتىدىن ئىبارەت ئۈچ نۇقتا تەرىپىدىن تەڭپۇڭلاشتۇرۇلغاندىن كېيىن ئەڭ ئۈنۈملۈك پاكىزلاش ھالىتىگە يەتكۈزۈلىدۇ. ئەنلى كىيىم تازىلاش مەھسۇلاتلىرىنىڭ ماركىسىدا كىر يۇيۇش پاراشوكىنىڭ ئىشلىتىلىش مىقدارى ئەسكەرتىلگەن بولۇپ، پايدىلىنىپ بېقىشقا بولىدۇ.

كىيىم يۇيغان ۋاقىتتىكى سۇنىڭ تېمپراتۇرىسى

ئادەتتىكى ئەھۋالدا سۇنىڭ تېمپراتۇرىسى قانچە يۇقىرى بولسا كىر يۇيۇش سۇيۇقلۇقى شۇنچە ئاسان ئېرىيدۇ، كىيىملەردىكى كىرلارمۇ ئاسان ئاجرايدۇ، بولۇپمۇ پاختا كىيىملەردىكى داغلارنى ئىسسىق سۇ بىلەن يۇيغاندا ئۈنۈمى تېخىمۇ ياخشى بولىدۇ. لېكىن قان دېغى قاتارلىق ئاقسىل تەركىبلىك داغلارنى سوغۇق سۇ بىلەن يۇيۇپ تازىلاش كېرەك، چۈنكى ئىسسق سۇ ئاقسىل داغلىرىنى كىيملەرگە تېخىمۇ مەھكەم يېپىشتۇرۇپ قويىدۇ. ئۇنىڭدىن سىرت، سۇ بەك ئىسسىق بولۇپ كەتسە قوي يۇڭى، يىپەك قاتارلىق كىيملەرنىڭ تالالىرىغا زەخمەت يەتكۈزۈپ، كىيملەرنىڭ قىسقىرىشىنى ، شەكلىنىڭ ئۆزگىرىپ كېتىشىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ. شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا ، زىيادە ئىسسق سۇ بويالغان گۈلللەرنىڭ رەڭگىنىڭ ئۆڭۈپ كېتىشىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ. ئادەتتە كىيىملەرنى يۇيغاندا سۇنىڭ تېمپراتۇرىسى 30دىن 40 سېلتسىيە گرادۇسقىچە بولسا مۇۋاپىق بولىدۇ.

ئاۋۋال كىر يۇيۇش پاراشوكىنى سۇدا ئېرىتىپ ئاندىن كىيىملەرنى سۇغا سېلىش كېرەك.

بەزى كىشىلەر كىر يۇيغاندا ئاۋۋال كىيىملەرنى سېلىپ ئاندىن كىر يۇيۇش پاراشوكىنى تۆكۈپ كىر يۇيۇشقا باشلايدۇ، ئەمەلىيەتتە بۇنداق قىلغاندا كىر يۇيۇش پاراشوكىنىڭ ئېرىشچانلىقى تەسىرگە ئۇچرايدۇ، ۋە كىيىملەرنى پاكىزلاش ئۈنۈمى تەسىرگە ئۇچرايدۇ. ئۇنىڭدىن سىرت، تولۇق ئېرىمىگەن كىر يۇيۇش پاراشوكىنىڭ قويۇقلۇقى تەكشى ئەمەس بولۇپ، ئاسانلا كىيىملەردە ساقلىنىپ قالىدۇ ۋە كىيىملەردە داغ پەيدا قىلىپ قويىدۇ. توغرا بولغان كىر يۇيۇش ئۇسۇلى بولسا كىر يۇيۇش پاراشوكىنى ئېرىتىپ ، ئاندىن كىيىملەرنى سېلىپ بىر ئىككى مىنۇت چىلاپ قويغاندىن كېيىن ئاندىن چايقاش كېرەك.

پاسكىنا بولۇپ كەتكەن سۇنى قايتا –قايتا ئىشلىتىشتىن ساقلىنىش كېرەك.

بەزى كىشىلەر بىر داس سۇنى قايتا-قايتا ئىشلىتىپ نۇرغۇن كىيىم يۇيۇشقا ئادەتلەنگەن بولۇپ، بەزىلەر سۇ پاسكىنا بولۇپ قاپقارا بولۇپ كەتكەندىن كېيىن ئاندىن سۇنى ئالماشتۇرىدۇ. ئەمەلىيەتتە، پارچىلانغان كىر يۇيش پاراشوكىنىڭ سىرتقى يۇزىدىكى ئاكتىپلاشتۇرغۇچىنى كىر داغلىرى قاپلىۋالسىلا ئۇ كىرلەرنى چىقىرىش خۇسۇسىيتىنى يوقىتىدۇ. قىسمەن ئەھۋالدا، كىر يۇيۇش پاراشوكىدا بىر قېتىم كىر يۇيۇپ بولغاندىن كېيىن ، كىر داغلىرى بىلەن قاپلانمىغان سىرتقى يۈزدىكى ئاكتىپلاشتۇغۇچىنىڭ يەنىلا كىر چىقىرىش خۇسۇسىيىتى بولىدۇ، لېكىن كىر يۇيغان سۇنى قايتا ئىشلىتىشكە بولىدىغان بولمايدىغانلىقى كىر يۇيۇش سۈيىنىڭ پاكىزلىق دەرىجىسىگە قاراپ بېكىتىش كېرەك، ئادەتتىكى ئەھۋالدا بەك كىر بولۇپ كەتكەن كىيىملەرنى يۇيغان سۇنى قايتا ئىشلىتىشكە بولمايدۇ، بولمىسا كىيىملەرنى تازىلاش ئۈنۈمىگە تەسىر يەتكۈزىدۇ، شۇنداقلا بۇنداق قىلىش سالامەتلىككىمۇ زىيانلىق.

كىيىم بولسا ئادەم بەدىنىگە چاپلىشىپ تۇرىدىغان بۇيۇم بولۇپ، چوقۇم شەخسىي تازىلىققا ئەھمىيەت بېرىش كېرەك. شۇنداقلا كىيىم يۇيۇشتىكى ئاددىي مەشغۇلاتلارمۇ كىيىمنىڭ ساغلام ياكى ئەمەسلىكىگە تەسىر كۆرسىتىدۇ، شۇڭا ھەر بىر ئىنچىكە نۇقتىغىچە دىققەت قىلىش كېرەك.

كىيىملەردىكى قان داغلىرىنى قانداق تازىلاش كېرەك

قان داغلىرى كۈندىلىك تۇرمۇشتا كۆپ ئۇچرايدىغان بولۇپ، تازىلاش ئۇسۇلى تۆۋەندىكىچە:

قوراللار:

ناترىي تىئوسۇلفات، سوپۇن، كىر يۇيۇش پاراشوكى

قەدەم –باسقۇچلار:

1.يېڭى قان دېغىنى سۈزۈك سۇ بىلەنلا يۇيۇپ تازىلىۋەتكىلى بولىدۇ. يۇيغان ۋاقىتتا ئاۋۋال پاكىز سوغۇق سۇ بىلەن يۇيۇپ، ئاندىن سوپۇن ياكى كىر يۇيۇش پاراشوكى بىلەن يۇيۇش كېرەك. ئىسسق سۇ بىلەن يۇيغاندا ، تازىلاش مەقسىتىگە يەتكىلى بولمايلا قالماستىن ، يەنە كىيىملەردە يۇيۇپ چىقارغىلى بولمايدىغان داغ قېلىپ قالىدۇ.

2. كىيىملەردىكى بىر قەدەر كونا بولغان قان داغلىرىنى بوراكس ئىككى ئۈلۈش، قويۇقلۇقى 10% بولغان ئاممىياك سۈيىدىن بىر ئۈلۈش ۋە يىگىرمە ئۈلۈش سۇنى ئارىلاشتۇرۇپ سۈرتۈپ يۇيۇش كېرەك. قان داغلىرىنى يۇيۇپ تازىلىغاندىن كېيىن، پاكىز سۇ بىلەن چايقىۋەتسىلا بولىدۇ. كونا قان داغلىرىنى يەنە لىمون سۈيى ۋە تۇز سۈيى بىلەن يۇيۇپ تازىلىۋېتىشكىمۇ بولىدۇ.

3. يېپەك توقۇلما كىيىملەردىكى قان داغلىرىنى تازىلاشتا كراخمال بىلەن سۇنى ئارىلاشتۇرۇپ مەلھەم ھالىتىگە كەلتۈرگەندىن كېيىن ، مەلھەمنى قان دېغىغا سۈرۈپ، قۇرۇتۇش كېرەك. قۇرىغاندىن كېيىن ، كراخمالنى قىرىۋېتىپ، سوپۇن بىلەن يۇيۇپ، ئاندىن پاكىز سۇ بىلەن چايقىغاندىن كېيىن ، ئەڭ ئاخىرىدا 15گرام ئاچچىقسۇنى بىر لېتىر سۇدا تەڭشەپ ، مۇشۇ سۇيۇقلۇقتا چايقىۋەتسە ئۈنۈمى ياخشى بولىدۇ.

ئاق رەڭلىك كىيىملەردىكى قان داغلىرىنى تازىلاشتا ، بىر ئۈلۈش ناترىي تىئو سۇلفاتنى 50 ئۈلۈش سۇدا ئېرىتىپ، ئاندىن 35 سېلتسىيە گرادۇسقىچە قىزىتقاندىن كېيىن، ئاق رەڭلىك كىيىملەرنى بۇ سۇيۇقلۇققا قان داغلىرى ئېرىپ يوقىغىچە چىلاپ قويۇش ، ئاندىن پاكىز سۇ بىلەن چايقىۋېتىش كېرەك. ئاق رەڭلىك كىيىملەردىكى قان داغلىرى سەل كونا بولۇپ، شۇنداقلا ئىسسق سۇدا تۇرغۇزۇش سەۋەبىدىن كىيىملەرگە يېپىشىپ قالغان بولسا، " رەڭ ئۆڭدۈرۈش ئۇسۇلى " ئارقىلىق تازىلاش كېرەك. يەنە قويۇقلۇقى 5% بولغان كۆيدۈرۈلگەن سودا ئېرىتمىسى ياكى ئاممىياك سۈيىگە بىر كېچە چىلاپ قويغاندىن كېيىن، قان دېغىنى ئاقارتىش سۇيۇقلۇقىغا(ئاقارتىش پاراشوكى بىر ئۈلۈش، سۇ ئون ئۈلۈش) چىلاپ، ئاندىن ئەستايىدىل ھالدا پاكىز چايقىۋېتىش كېرەك. ئاق رەڭلىك كىيىملەردىكى قان داغلىرىنى تازىلاشتا ، يەنە كىيىمنى قويۇقلۇقى 3% بولغان ئاچچىقسۇ ئېرىتمىسىگە 12 سائەت چىلاپ قويغاندىن كېيىن ، پاكىز سۇدا چايقىۋەتكەندە ئۈنۈمى تېخىمۇ ياخشى بولىدۇ.

كاناپنى قانداق تازىلاش كېرەك؟

كاناپ بولسا زىغىر، ئاق كەندىر، سېرىق كەندىر، تالالىق ئاگاۋا، مانىلا كەندىرى قاتارلىق كەندىر تۈرىدىكى ئۆسۈملۈك تالالىرىدىن ياسالغان رەخت بولۇپ، بىر خىل ساپ تەبىئىي تالا. كاناپ تۈرىدىكى ماتېرىياللاردىن تىكىلگەن كىيىملەر تەر سۈمۈرۈشچانلىقى، ھاۋا ئۆتكۈزۈشچانلىقىنىڭ ياخشى بولۇشى، ئادەم بەدىنىگە، تېرىگە زىيانسىز بولۇشى سەۋەبىدىن ، نۆۋەتتە بارغانسېرى ئومۇملاشماقتا. لېكىن كاناپ رەختلەردىن تىكىلگەن كىيىملەر راھەت بولسىمۇ ، سىرتقى كۆرۈنۈشى قوپال ۋە قاتتىق. بۈگۈن جۇڭگو كىر يۇيۇش سۇيۇقلۇقى سودا تورى سىزگە كاناپ كىيىملەرنى يۇيغاندا دىققەت قىلىشقا تېگىشلىك بەزى نۇقتىلارنى تونۇشتۇرىدۇ:

بىرىنچى نۇقتا: كاناپ تۈرىدىكى كىيىملەر ئاقسىللىق ساقلىق ساقلاش تالالىرىدىن ياسالغان بولۇپ، كۈچەپ ئۇۋۇلاپ يۇيۇشقا ۋە كىرئالغۇدا يۇيۇشقا بولمايدۇ. يۇيغاندا ئاۋۋال كىيىمنى سوغۇق سۇغا 5_ 10 مىنۇتقىچە چىلاپ قويغاندىن كېيىن ئاندىن يىپەك كىيىملەرنى يۇيۇشقا مەخسۇس ئىشلىتىلىدىغان كىر يۇيۇش پاراشوكى ياكى نېترال سوپۇن بىلەن يۇيۇش كېرەك.( ئەگەر يىپەك ياغلىق قاتارلىقلارنى يۇيماقچى بولسىڭىز، ياخشىراق چاچ يۇيۇش سۇيۇقلۇقىنى ئىشلەتسىڭىزمۇ بولىدۇ)

ئىككىنچى نۇقتا: بويالغان كاناپ كىيىملەرنىڭ رەڭگى ئاسان ئۆڭىدۇ، شۇڭا يۇيغاندىن كېيىن ئەڭ ياخشىسى سۈزۈك سۇدا قايتا –قايتا چايقىۋەتسىلا بولىدۇ. چايقىغاندىن كېيىن كۈچەپ سىقماسلىق ، يېنىك سىلكىپ، ئىچىنى سىرتىغا ئۆرۈپ تەكشى يېيىپ قۇرۇتۇش كېرەك. 7-8 دەرىجە قۇرىغاندىن كېيىن دەزماللاشقا بولىدۇ.

ئۈچىنچى نۇقتا: بىنەپشە نۇر كاناپ كىيىملەرنىڭ رەڭگىنىڭ سارغىيىپ. ئۆڭۈپ ۋە كونىراپ كېتىشىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ. شۇڭا يۇيغاندىن كېيىن ئاپتاپقا قاقلاپ قۇرۇتماسلىق ، بەك ئىسسق بولغان قۇرۇتۇش ماشىنىسىدا قۇرۇتماسلىق ، ھاۋا ئۆتۈشىدىغان ، سالقىن جايغا يېيىپ قۇرۇتۇش كېرەك.

تۆتىنچى نۇقتا: كاناپ رەختلەردىن تىكىلگەن كىيىملەرنىڭ قورۇلۇشقا قارشى تۇرۇش ئىقتىدارى ئاجىز بولۇپ، يۇيغاندىن قورۇلۇشقا باشلىغاندىن كېيىن دەزماللاش كېرەك، دەزماللىغاندا سۈزۈك سۇنى تەكشى پۈركۈپ، 3-5 مىنۇتقىچە تۇرغۇزغاندىن كېيىن دەزماللاش كېرەك. دەزمالنىڭ تېمپراتۇرىسىنى 150 سېلتسىيە گرادۇستىن تۆۋەن ساقلاش، 极光 پەيدا بولۇشتىن ساقلىنىش ئۈچۈن، دەزمالنى كىيىم يۈزى بىلەن بىۋاستە ئۇچراشتۇرماسلىق كېرەك.

ئۇنىڭدىن سىرت تۇرمۇشتا كاناپ كىيىملەرنى ساقلاشنىڭ تۆۋەندىكى ئۇسۇللىرى بار:

بىرىنچى: كاناپ كىيىملەرنى ساقلىغاندا ئەڭ ياخشىسى كامفۇرا كومىلىچى قويماسلىق، كىيىملەرنىڭ دىن ساقلىنىش كېرەك.

ئىككىنچى: دەزمال تېمپراتۇرىسى 100 گرادۇس بولسا ئەڭ مۇۋاپىق، ئەڭ ياخشىسى دەزمال ئاستىغا بىر قات رەخت قويۇپ ئاندىن دەزماللاش، بۇ ئارقىلىق كاناپ رەختنىڭ رەخت يۈزىنى ئاسراش كېرەك.

ئۈچىنچى: كاناپ كىيىملەرنىڭ ئاسانلا رەڭگى ئۆڭىدۇ، شۇڭا كىيىمنىڭ رەڭگى ئۆڭۈپ كېتىشنىڭ ئالدىنى ئېلىش ئۈچۈن كىيىم يۇيغان ۋاقىتتا ، كىر يۇيۇش پاراشوكىغا 1-2 قوشۇق يېمەكلىككە ئىشلىتىلىدىغان ئاچچىقسۇ قوشۇپ يۇيۇش كېرەك.

ئاياللارنىڭ ياخشى تاللىشى ئاياللار يانبازىرى،سىزنىڭ تۈرلۈك ھاجىتىڭىزدىن چىقىدۇ.

بايانات

بۇ بىر ئاياللار پىنھان تىۋىشلار ئارامگاھى!
«پىنھان تىۋىشلار» ئاياللارنىڭ سىردىشى بولسا؛ «ئاياللار گۈلزارى» ئاياللار لاتاپىتىنىڭ جىلۋىلىنىشى؛ «تۇرمۇش ساۋاتلىرى» سىزنى تۇرمۇشقا يېقىنلاشتۇرسا؛ «ئاياللار ساقلىقى» ئائىلىڭىزنىڭ بەختىنى كاپالەتكە ئىگە قىلىدۇ!
مەزكۇر يانبىلوگدىكى مەزمۇنلار خەنزۇچە نوپۇزلۇق تور بېكەتلەردىن تەرجىمە قىلىش ياكى بىر قىسىم تورداشلار ھەمبەھرلىنىش ئاساسىدا تەمىنلەنگەن، پەقەت پايدىلىنىش ئۇچۇرى قىلىشقا بولىدۇ، ئەمما ئەڭ ئاخىرقى دىئاگنۇز قىلىشقا بولمايدۇ، كونكرېت ئىشلاردا يەنىلا دوختۇرنىڭ كۆرسەتمىسىنى ئاساس قىلىشىڭىز كېرەك!
ئاياللار كېسەللىكى جەھەتتە مەسلىھەت سورىماقچى، مەھسۇلات سېتىۋالماقچى بولسىڭىز 18699161170 غا تېلېفون قىلسىڭىز بولىدۇ. ئالاقىلىشىش ئۈندىدارى: 1489941616

تەلەي قاپىقىدىن چىققان يازمىلار

باھالار

ئىسمىڭىز:

باھالار رېتى