بۇ بىر ئاياللار پىنھان تىۋىشلار ئارامگاھى!
«پىنھان تىۋىشلار» ئاياللارنىڭ سىردىشى بولسا؛ «ئاياللار گۈلزارى» ئاياللار لاتاپىتىنىڭ جىلۋىلىنىشى؛ «تۇرمۇش ساۋاتلىرى» سىزنى تۇرمۇشقا يېقىنلاشتۇرسا؛ «ئاياللار ساقلىقى» ئائىلىڭىزنىڭ بەختىنى كاپالەتكە ئىگە قىلىدۇ!
ساغلام ئاياللار قانداق نورمالسىزلىقلار كۆرۈلسە دىققەت قىلىش؟
-
ساغلام ئاياللار قانداق نورمالسىزلىقلار كۆرۈلسە دىققەت قىلىش؟
ۋاقتى: 2016-05-18 ئاۋاتلىقى: 7907 قېتىمساغلام ئاياللار قانداق نورمالسىزلىقلار كۆرۈلگەندە جىنسى يول ئارقىلىق تارقىلىدىغان كېسەللىكلەردىن ھەزەر ئەيلىشى كېرەكيانفوندا كۆرۈش
ساغلام ئاياللار جىنسى يول ئارقىلىق تارقىلىدىغان كېسەللىكلەرگە گىرىپتار بولغاندىن كېيىن،ئاساسلىقى جىنسى يولدا ئاجرالمىلار كۆپىيىش،جىنسى ئەزا سىرتقى قىسمىنىڭ تېرىسى زەخمىلىنىش ۋە سۈيدۈك يولى غىدىكلىنىشتەك ئالامەتلەر كۆرۈلىدۇ،ئەمما خېلى كۆپ ئايالاردا بۇ ئالامەتلەر ئانچە روشەن ئىپادىلەنمەيدۇ،شۇڭا ھۇشيار بولۇش كېرەك.جىنسى يولدىكى ئاجرالمىلارنىڭ كۆپىيىشى ۋە ئۇنىڭ خۇسۇسىيەتلىرى ھەر خىل كېسەللىكلەردىن بىشارەت بېرىدۇ:پىشلاقسىمان ئاق خۇن كېلىش بىلەن بىرگە جىنسى ئەزا قىچىشىش ئاق تەسۋىسىمان زامبۇرۇغدىن يۇقۇملانغانلىقتىن بولۇشى مۈمكىن؛كۆپ مىقتاردىكى سېسىق،يىرىڭلىق جىنسى يول ئاجرالمىلارنىڭ كۆپ ھەمدە كۆپۈكسىمان ئاق ھەتتا يېشىل كېلىشى تامچە قۇرۇت كېسىلىنىڭ بىشارىتى بولۇشى مۈمكىن؛جىنسى يولدىن سېسىق بېلىقتەك پۇرايدىغان كۈل رەڭ ياكى ئاقۇش ئاجرالمىلار كېلىش غەيرى خاس جىنسى يول ياللۇغىنىڭ بىشارىتى بولۇشى مۈمكىن؛قان ئارىلاش يىرىڭلىق ئاق خۇننىڭ كۆپىيىشى سۆزنەكنىڭ بىشارىتى بولۇشى مۈمكىن.جىنسى يول ئۆتكۈر ياللۇغلانغاندا،سىرتقى جىنسى ئەزادا يارا پەيدا بولغاندا،بەزى چاغلاردا قان ئارىلاش ئاجرالمىلار چىقىپ كۇسارنى بۇلغىۋېتىدۇ.سىرتقى جىنسى ئەزا تېرىسى ۋە شىللىق پەردىسىنىڭ زەخمىلىنىشى،جۈملىدىن قىزىل داغ،دۆڭچە ئەسۋە،قاپارتما،قاتتىق تۈگۈن،مۈنەك،شەلۋەرەش،يارا،پىگمىنىت ئۆزگۈرۈش،تاتۇق قاتارلىقلار دىلچىق ۋە دىلچىق بېغىشى،چوڭ-كىچىك جىنسى يول ئېغىزى،قىيىقسىمان ئويمان،ئارىلىق،دوۋسۇن دۆڭى،شۇنداقلا يىرىق رايۇنى قاتارلىق ئورۇنلاردا كۆرۈلىدۇ.سۆزنەك ۋە تامچە قۇرۇت كېسىلىگە گىرىپتار بولغاندا سىرتقى جىنسى ئەزا ئەتراپى روشەن قىزىرىپ ئىشىيدۇ؛ئۇچلۇق ھۆل سۆگەل سىرتقى جىنسى ئەزادا ئەمچەك توپچىسىغا ۋە چېچەكسەيگە ئوخشاش نەرسە پومپۇيىپ چىقىش ئارقىلىق ئىپادىلىنىدۇ.سۆزنەك،تامچە قۇرۇت كېسىلى ۋە غەيرى سۆزنەك شارچە باكتىرىيىلىك سۈيدۈك ياللۇغىدا سىيىش قېتىمى كۆپىيىش،سۈيدۈك قىستاش ۋە ئاغرىتىپ كېلىش قاتارلىق سۈيدۈك يولى غىدىقلاش ئالامەتلىرى كۆرۈلىدۇ.سۆزنەك،يۇمشاق شانكىر،جىنسى كېسەللىك مەنبەلىك لىمفا بىخلىما گۆش ئىششىقى ۋە جىنسى ئەزا قاپارتقۇسى قاتارلىق كېساللىكلەردىنمۇ يىرىق لىمفا تۈگۈنى يۇغىناپ كېتىدۇ.ھەيىز مەزگىلىدە ياكى ھامىلدارلىق مەزگىلىدە قىزىتىش،بۇغۇم ئىششىقى ئاغرىش،مىڭە پەردىسى،يۈرەكئىچكى پەردىسى ياكى يۈرەك قېپى ياللۇغلىنىش ھەمدە بۇلارغا قىزىل داغ،سۇلۇق قاپارتما،يىرىڭلىق قاپارتما ۋە سۆسۈن داغ قاتارلىقلار قوشۇلوپ كېلىش سۆزنەك باكتىرىيىسى مەنبەلىك سېپتىتىسېمىيىنىڭ ئالامىتى بولۇشى مۈمكىن.قورساقنىڭ تۆۋەنكى قىسمى ئاغرىش،ئۆتكۈر شەلۋەرلەش خاراختىرلىك بالياتقۇ بوينى ياللۇغى،چوڭ دەلىز ياللۇغى،بالياتقۇ ئىچكى پەردە ياللۇغى،تۇخۇم توشۇغۇچى نەيچە ياللۇغى،بالياتقۇ سىرتىدا ھامىلدار بولۇش،ھامىلە ئۆلۈپ قېلىش،بويىدىن ئاجراش ۋە ھامىلدار بولالماسلىق قاتارلىقلار سۆزنەك ياكى سىفلىش قاتارلىق جىنسى يول ئارقىلىق تارقىلىدىغان كېسەللىللەردىن بولۇشى مۈمكىن.بالياتقۇ بوينى راكى جىنسى ئەزا قاپارتقۇسى ياكى ئادەم زور ھۈجەيرىلىك ۋىروسىدىن يۇقۇملانغانلىقتىن بولغان بولۇشى مۈمكىن. سىرتقى جىنسى ئەزا ،مەقئەت قاسراقسىمان ئېپتىلىيە ھۈجەيرە راكى ئۇچلۇق ھۆل سۆگەلنىڭ يامان سۈپەتلىك ئۆزگۈرۈش ياسىغانلىغىنىڭ نەتىجىسى .شۇڭا ناپاك جىنسى مۇناسىۋەت بولغان ئاياللار جىنسى يول ئارقىلىق تارقىلىدىغان كېسەللىكلەرگە گىرىپتار بولغان بولمىغانلىغىنى ئايدىڭلاشتۇرۇۋېلىش ۋە ۋاقتىدا داۋالىنش ئۈچۈن يۇقۇرقى ئالامەتلەر ياكى جىنسى كېسەللىك بىلەن ئاغرىغان ئەرلەردىكىگە ئوخشاش غەيرى ئەھۋاللار كۆرۈلگەندە دوختۇرخانىغا بېرىپ تەكشۈرتىشى كېرەك.
تەلەي قاپىقىدىن چىققان يازمىلار
نىكاھنى بۇزىدىغان غەلىتە ئامىللار
2016-01-21 15:01:332059بالىياتقۇ تۆۋەنلەش ۋە ئاياللار ساغلاملىقى
2015-11-28 00:59:571929قىزلارغا 100 نەسىھەت--ئاۋازلىق 6-سان
2016-03-19 20:25:374259دىيانەتلىك ئاياللار ھەققىدە
2016-01-23 12:23:451857ئايالى ئاجراشماقچى بولغاندا، ئېرى مۇنداق دېدى
2016-01-05 16:22:403658قىزچاڭ، بۇلارنى چوقۇم بىلىشىڭىز كېرەك
2015-12-23 14:37:307441كۆزىڭىزنى چوڭ ئېچىڭ، ئەرنى خاتا تاللىسىڭىز تۈگەش
2016-01-18 17:11:392314ئاياللار تۇغۇتلۇق مەزگىلىدە تورغا چىقسا بولمايدۇ
2015-08-18 12:49:151997
- باھالار
-
ئىسمىڭىز:
- باھالار رېتى
-