بۇ بىر ئاياللار پىنھان تىۋىشلار ئارامگاھى!
«پىنھان تىۋىشلار» ئاياللارنىڭ سىردىشى بولسا؛ «ئاياللار گۈلزارى» ئاياللار لاتاپىتىنىڭ جىلۋىلىنىشى؛ «تۇرمۇش ساۋاتلىرى» سىزنى تۇرمۇشقا يېقىنلاشتۇرسا؛ «ئاياللار ساقلىقى» ئائىلىڭىزنىڭ بەختىنى كاپالەتكە ئىگە قىلىدۇ!
قىزچاڭ، بۇلارنى چوقۇم بىلىشىڭىز كېرەك
-
قىزچاڭ، بۇلارنى چوقۇم بىلىشىڭىز كېرەك
ۋاقتى: 2016-08-02 ئاۋاتلىقى: 7545 قېتىميانفوندا كۆرۈش
قىزچاڭ، بۇلارنى چوقۇم بىلىشىڭىز كېرەك
قىزچاق ، شۇ ئېسىڭىزدە بولسۇنكى، سىزگە مۇھەببەتتىن باشقا يەنە، جەمىيەتتە مەزمۇت دەسسەپ تۇرۇشىڭىز ئۈچۈن بىر ئىقتىدار كېرەك ، ئەگەر تېخىچە ئۆز كۈچىڭىزگە تايىنىپ ئۆزىڭىزنى باقالايدىغان ئىقتىدار ھازىرلىمىغان بولسىڭىز، دەرھال ھەركەتكە كېلىڭ . بۇ سىزنىڭ يىگىتىڭىزنىڭ قانچىلىك ئىقتىدارلىق ياكى قانچىلىك پۇلدار بولۇشى بىلەن مۇناسىۋەتسىز
قىزچاق ، ھىسسىياتىڭىزنى بەكلا ئەركىن قويىۋەتمەڭ ، يىغالماي قالىسىز ، چوقۇم كونتۇرۇل قىلىشنى ئۆگىنىڭ . ئەتراپىڭىزدا مۇھەببەتكە چاخچاق ئورنىدا قارايدىغان دوستلىرىڭىز بولسا دەرھال يىراقلىشىڭ ، ئىشىنىڭكى، ھىسسياتنى بەك ئەركىن قويۇۋېتىش سىزنى بەختسىزلىك پاتقىقىغا باشلايدۇ
پات - پات ئۆزىڭىدىن «مەن ھازىر زادى نىمە ئىش قىلىۋاتىمەن » دەپ سوراپ تۇرۇشنى ئۇنۇتماڭ ۋە سۇئالىڭىزغا جاۋاپ تېپىڭ . شۇ ئېسىڭىزدە بولسۇن، بىر ئۆمرىڭىز ھەرگىزمۇ سىز ئويلىغاندەك ئۇچنىلىك ئۇزۇن ئەمەس ، خۇدىڭىزنى بىلمەي غازاڭ قىلىشلارغا يىللار چىدىمايدۇ
كۆڭلىڭىز يېرىم بولغاندا ياكى ئۇۋالچىلىققا ئۇچرىغاندا چوقۇم ئاۋازىڭىزنى قويۇۋېتىپ يىغلاڭ ، ھەرگىز ئىچىڭىزگە سېلىپ ئۆتكۈزىۋەتمەڭ . يىغلاش قىز بولغانلىقىڭىزنىڭ ئالاھىدە ئىمتىيازى، بۇ ئىمتىيازدىن ھەرگىز ۋاز كەچمەڭ . بىراق يىغلاپ بولۇپ يۈزىڭىزنى يۇيۇۋېتىپ ئەينەككە قاراپ كۈلۈمسىرەڭ، كۈلۈمسىرەشنى ھەرگىز ئۇنتۇپ قالماڭ
چوقۇم تاتلىق نىشانىڭىز بولسۇن . بۇ نىشانىڭىزغا يېتىش ياكى يېتەلمەسلىك ئۇنچە مۇھىم ئەمەس، بىراق كەچلىرى ، يالغۇز چاغلىرىڭىزدا چوقۇم شۇنى خىيال قىلىپ ئۆزىڭىزنى خوشال قىلالايدىغان بولۇڭ
يىگىت تاللىغاندا ئۇنىڭ ئەتراپىدىكى دوستلىرىغا قاراڭ ، ئايال كىشىگە تۇتقان مۇئامىلىسىگە قاراڭ . ئانىسىغا ئوخشاش، ئاچىسىغا ئوخشاش ياكى تۇنجى سۆيگۈنىگە ئوخشاش قىز ئىزلەپ يۈرگەنلەرگە يېقىن كەلمەڭ.
ئاسانلىقچە « ئەر كىشىنىڭ ياخشىسى يوق » دېگەندەك گەپلەرنى قىلماڭ . بۇ پەقەتلا ياخشى تەسىر بەرمەيدۇ . سىز دۇنيادىكى قانچىلىك ئەر كىشىنى كۆرۈپ باقتىڭىز ؟ ئىشىنىڭ، ياخشى ئەرلەر ساماندەك ، سىزنىڭ يەنە بىر جۈپىڭىز ھامان سىزنى تاپىدۇ.
پۇلنى ياخشى كۆرسىڭىز بولىدۇ ، بىراق چېكى بولۇشى كېرەك . ھەرگىزمۇ قىزلىق غۇرۇر ۋە ۋىجدانىڭىزنى تېگىشكۈدەك دەرىجىدە بولمىسۇن . ئىشىنىڭكى ، بۇنداق كەلگەن پۇل ھامان بىر كۈنى سىزنىڭ غۇرۇرىڭىزنى دەپسەندە قىلىدۇ.
بەك تاۋى نازۇكلۇق قىلماڭ : توپا يەرنى مەينەت كۆرۈپ قاچماڭ . ئۇنۇتماڭ ، تۇپراق ئىنساننىڭ جېنى ؛ تەر پۇرىقىنى زاڭلىق قىلماڭ ، چۈنكى ئۇ ھالال مېھنەتنىڭ سىمۋولى ؛ ئىقتىسادى سىزدىن تۆۋەن كىشىلەرنى كۆزگە ئىلماي چوڭچىلىق قىلماڭ ، چۈنكى سىزنىڭمۇ شۇنداق ئۇرۇق - تۇققانلىرىڭىز چوقۇم بار ؛ پۇرسەت يار بەرسە ئۇلارنىڭ دەردىگە يېتىڭ
ھەرگىزمۇ ئاز پۇلنى ياراتمايدىغان ئىشنى قىلماڭ . كۆپ پۇل ئاشۇ ئاز پۇللارنىڭ يىغىندىسى
مىجەزىڭىز ئوچۇق بولسۇن ، مىھرىبان بولۇڭ ، قەيسەر بولۇڭ ، باشقىلارغا بوزەك بولماڭ ، بىراق ھەرگىز ئاداۋەت ساقلىماڭ
خاپىلىقلارغا دۇچ كەلسىڭىزمۇ تۇرمۇشنى سۆيۈشنى ھەرگىز ئۇنتۇپ قالماڭ . قىيىنچىلىقتا ياكى بەختسىزلىكتە ئۆزىڭىزنى تاشلىۋەتمەڭ . باشقىلار سىزنى قەدىرلىمىسە ھىچقىسى يوق ، ئىت كۆزى ئادەم تونۇمايدىكەن ، بىراق سىز ئۆز - ئۆزىڭىزنى چوقۇم قەدىرلىشىڭىز كېرەك
قىزچاق، مانا مۇشۇلار چوقۇم ھەرۋاقىت ئېسىڭىزدە تۇرسۇن
مەنبە: ئەلى مۇئەللىم سالونى
Tags:تەلەي قاپىقىدىن چىققان يازمىلار
نورمالسىز ئاق خۇندىن قايسىلار بار؟
2015-11-22 01:26:593529ئىلمىي ئۇسۇلدا كىر يۇيۇش
2016-07-02 19:16:412140خانىم-قىزلار ئۈچۈن 13 خىل مودا شارپا ئوراش ئۇسۇل
2015-12-13 18:21:049151دادىسى باققان بالا بىلەن ئانىسى باققان بالىنىڭ پ
2015-12-02 05:25:483645ئاياللار بۆلۈمىدىكى ياللۇغلىنىشلىق كېسەللىكلەر ن
2015-11-22 01:13:361226تاشقى ماتكا ئوزۇقلۇقى ياخشى بولماسلىق كېسەللىكىن
2015-11-12 15:00:325386ئەرلەر شەھۋەتپەرەس بولسا ئاياللار قالتىس بولىشى
2016-01-19 12:52:192806نىكاھ قاچىغا مۇھاببەت تاماققا ئوخشايدۇ
2016-01-05 17:25:071017
- باھالار
-
ئىسمىڭىز:
- باھالار رېتى
-