بۇ بىر ئاياللار پىنھان تىۋىشلار ئارامگاھى!
«پىنھان تىۋىشلار» ئاياللارنىڭ سىردىشى بولسا؛ «ئاياللار گۈلزارى» ئاياللار لاتاپىتىنىڭ جىلۋىلىنىشى؛ «تۇرمۇش ساۋاتلىرى» سىزنى تۇرمۇشقا يېقىنلاشتۇرسا؛ «ئاياللار ساقلىقى» ئائىلىڭىزنىڭ بەختىنى كاپالەتكە ئىگە قىلىدۇ!
ئەرلەر شەھۋەتپەرەس بولسا ئاياللار قالتىس بولىشى كېرەك
-
ئەرلەر شەھۋەتپەرەس بولسا ئاياللار قالتىس بولىشى كېرەك
ۋاقتى: 2016-07-18 ئاۋاتلىقى: 2775 قېتىميانفوندا كۆرۈش
ئەرلەر شەھۋەتپەرەس بولسا ئاياللار قالتىس بولىشى كېرەك
بىر ئايالنىڭ ئەركىشىدىن بىزار بولىشى ئۇنىڭ تۇرمۇش ئادىتىدىن باشلىنىدۇ !ئەگەر ئەرلەر شەھۋەتپەرەس بولسا ئاياللار چوقۇم قالتىس بولىشى كېرەك .لىكىن نۇرغۇن ئاياللار ئۆزىگە ئىشىنىپ ئىنتايىن پەخىرلىنىپ تۇرۇپ :«مەن ئەزەلدىن ھۆسۈن تۈزىمەيمەن ،ھەم گىرىم قىلمايمەن دەيدۇ .» ئەمىليەتتە ،ئاياللارنىڭ قېرىپ سەتلىشىپ كىتىشى ئۆزىنى پەرۋىش قىلىشتىن ۋاز كەچكەن ۋاقىتتىن باشلىنىدۇ ،شۇڭلاشقا گۈزەللىك بىر خىل تاللاش ھىسابلىنىدۇ .
تەڭرى مۇنداق دەيدۇ :«بۇ دۇنيادا ئۈچ خىل ئاياللار بار، بىرىنچىسى ھورۇن ئاياللار. بۇ خىل ئاياللار ھەر قانداق ئىشنى قىلىشقا ھورۇنلۇق قىلىدۇ، ئەڭ ئاخىرىدا ئەرلىرى بۇلارغا بىر قاراپ قويۇشقىمۇ ھورۇنلۇق قىلىدىغان ھالەت شەكىللىنىدۇ. ئىككىنجىسى ئەقىلسىز ئاياللار، بۇنداق ئاياللار يولدىشىنى كىچىك يىگىتلەردەك ياساپ قويۇپ ئۆزىنى يولدىشىنىڭ ئاپىسىدەك ياسىۋالىدۇ. ئۈچىنجىسى ئەقىللىق ئاياللار. مەلۇم بىر ئايال بىر داڭلىق چولپاننىڭ تۆتىنجى ئايالى ئىكەن، شۇنىڭدىن تارتىپ بۇ ئەر چولپاننىڭ ھىچقانداق يامان خەۋەرلىرى چىقىپ باقماپتۇ، شۇنىڭ بىلەن مۇخپىرلار ئۇنىڭغا سىز قانداق قىلىپ يولدىشىڭىزنىڭ كۆڭلىنى ئۇتىۋالدىڭىز دىگەن ئىكەن ئايالى: «ئەرلەرنىڭ كۆڭلىنى ئۇتۇشتا سىز چوقۇم ئۆزگىرىشچان ئايال بولىشىڭىز كېرەك، تىجارەت ئىجازەتنامىسىنىمۇ يىلدا بىر قېتىم تەكشۈرۈشتىن ئۆتكۈزىمىزغۇ، شۇنداق بولغانكەن نىمە ئۈچۈن نىكاھىمىزنى يىلدا بىر قېتىم يىللىق تەكشۈرۈشتىن ئۆتكۈزۈپ باقمايمىز »دەپتۇ.
ئەرلەر ئاياللارنى تاللىغاندا ئاياللارنىڭ فىزولوگىيىلىك ئالاھىدىلىكىگە قاراپ تاللايدۇ ،شۇڭلاشقا ئۇلار ئايالارنىڭ چىرايى ۋە بەدەن شەكلىگە بەكرەك ئېتىبار بېرىدۇ. لىكىن ئاياللار ئەرلەرنى پىسخىكىلىق ھالىتىگە قاراپ تاللايدۇ ،شۇڭلاشقا ئەرلەرنىڭ ئىچكى دۇنياسىغا بەكرەك قارايدۇ .گۈزەللىك بىر خىل پوزىتىسيە، گۈزەللىك بىر خىل قابىلىيەت. بۇ دۇنيادا سەت ئايال يوق پەقەت ھورۇن ئايال بار، ئاياللار پەقەت ئۆزىنى تۈزەشتۈرۈشكە ھورۇنلۇق قىلىپلا سەتلىشىپ كېتىدۇ.
ئەگەر ئاياللار ئۆزىمىزنى ئۆزىمىز سۆيىدىكەنمىز گۈزەللىك بىزگە مەڭگۈ ھەمراھ بولىدۇ.
ئايال دىگەن نىمە ؟ ئايال دىگەن ئەر كىشىنىڭ يۈزى ،بۇ بىر ئوتتۇرا ياش ئەرنىڭ ئېغىزىدىن ئاڭلىغان گەپ، ئۇ ۋاقىتتا بۇ كىشى ئايالىغا بىر چاپان سېتىۋالغىلى تۇرۇپتىكەن، ئايالى بۇ چاپاننى بەك قىممەت كۆرۈپ ئالغىلى ئۇنىماپتۇ، لىكىن يولدىشى:« كىيىڭلا خوتۇن ،ئايال كىشى دىگەن ئەركىشىنىڭ يۈزى ھىسابلىنىدۇ، كىيىم سىلىنىڭ ئۇچاڭلاردا بولغان بىلەن يورۇق بولىدىغىنى مىنىڭ يۈزۈم » دەپتۇ. ئايالى بۇ گەپنى ئاڭلاپ بۇ چاپاننى كىيىپتۇ ھەم يۈزلىرىگە بەخىت كۈلكىسى يۈگىرەپتۇ.
بىر ئايالنىڭ بەختىنى بىلمەكچى بولسىڭىز ئۇنىڭ چىرايىغا قاراڭ، بەخىتلىك ئاياللار مەيلى قايسى ياشقا بارسۇن ئۇنىڭ چىرايىدىن خوشاللىق، خاتىرجەملىك ۋە بەخىت نۇرى ئۆچمەيدۇ. شۇڭلاشقا يولدىشىنىڭ مۇھەببىتى ئاياللارنىڭ ئەڭ چوڭ ھۆسۈن تۈزەش قورالى.
ئەگەر ئايال يولدىشىنىڭ مۇھەببىتىگە ئېرىشەلمىسە چوقۇم ئۇنىڭ يۈزلىرى شۇنداق قوپال ھەم يىرىك، نۇرسىز ۋە خۇنۇك بولىدۇ. ئۆزىڭىزنىڭ ئايالى بولغان ئىكەن چوقۇم باي بېقىڭ، بۇنداق بولمىسا باشقىلار سىزگە ۋاكالىتەن ئايالىڭىزنى باقىدۇ.
ئايال كىشىنى قانچە باي باقسىڭىز باشقىلار ئاسانلىقچە ئايالىڭىزغا تىكىلىپ قارىيالمايدۇ، ئەرلەر نى تەنھەركەت پاسۇنىدا نامرات باقسىڭىز ئاندىن باشقا كېپىنەكلەرنى ئۆزىگە جەلىپ قىلمايدۇ.
ئەگەر بىر ئەر سىزگە روھىي جەھەتتىن ياكى ماددىي جەھەتتىن مۇھەببەت ئاتا قىلالمىسا ئۇنداقتا بۇ ئەرنى يېنىڭىزدىن مەڭگۈ قانچە يىراق بولسا شۇنچە يىراققا يوقالدۇرۇڭ.
مەنبە: ئەتىرگۈل سالونى
Tags:تەلەي قاپىقىدىن چىققان يازمىلار
قايسى كەسىپنىڭ قىزلىرنى كەلتۈرمەك ئەڭ تەس؟
2015-12-23 17:32:343023ئەرلەر نىمىشقا ئاشنىسى بىلەن توي قىلمايدۇ؟
2015-11-22 01:57:302425ئاياللارنىڭ دائىم چارچىغاندەك ھېس قىلىشىدىكى سەۋ
2016-02-04 19:28:162438گىرىم بىلەن بۇرۇننى قاڭشارلىق كۆرسەتكىلى بولىدۇ
2016-01-20 14:26:332026داڭلىق پىسخىلوگنىڭ دۇنيا قىزلىرىغا قىلغان 5 ئېغى
2015-12-24 12:48:474950ئاياللارنىڭ كۆڭلىنى ئۇتۇشنىڭ 10 چوڭ سىرى
2015-08-18 12:35:316384قىزلارغا 100 نەسىھەت--ئاۋازلىق 4-سان
2016-03-19 20:24:101894قىزلارغا 100 نەسىھەت: بىرىنچى نەسىھەت
2014-11-16 13:52:165164
- باھالار
-
ئىسمىڭىز:
- باھالار رېتى
-