بۇ بىر ئاياللار پىنھان تىۋىشلار ئارامگاھى!
«پىنھان تىۋىشلار» ئاياللارنىڭ سىردىشى بولسا؛ «ئاياللار گۈلزارى» ئاياللار لاتاپىتىنىڭ جىلۋىلىنىشى؛ «تۇرمۇش ساۋاتلىرى» سىزنى تۇرمۇشقا يېقىنلاشتۇرسا؛ «ئاياللار ساقلىقى» ئائىلىڭىزنىڭ بەختىنى كاپالەتكە ئىگە قىلىدۇ!
گىرىم بىلەن بۇرۇننى قاڭشارلىق كۆرسەتكىلى بولىدۇ
-
گىرىم بىلەن بۇرۇننى قاڭشارلىق كۆرسەتكىلى بولىدۇ
ۋاقتى: 2016-10-27 ئاۋاتلىقى: 2380 قېتىميانفوندا كۆرۈش
گىرىم بىلەن بۇرۇننى قاڭشارلىق كۆرسەتكىلى بولىدۇ
ھەممە خانىم-قىزلارنىڭ بۇرنى ئۆلچەملىك ۋە چىرايلىق بولماسلىقى مۈمكىن. بىراق ئەنسىرىمەڭ، گىرىم بىلەن بۇرۇننى قاڭشارلىق قىلىپ كۆرسەتكىلى بولىدۇ.
1، كۆپ ساندىكىلەرنىڭ بۇرۇن قىسىمدىن ئاسان ماي چىقىدۇ. شۇنىڭ ئۈچۈن گىرىم قىلىشتىن ئاۋۋال بۇرۇن ۋە پىشانە قىسىمغا تېرىنىڭ ماي چىقىرىشىنى كونتۇرۇل قىلىش ئىقتىدارىغا ئىگە تېرە ئاسراش مايلىرىنى سۈركىسەك بىرقەدەر ياخشى. ئاندىن ئاقارتىش تەگلىكىنى تەكشى سۈركەيمىز. بۇرۇن ۋە بۇرۇن ئەتراپتىكى تەر تۆشۈكچىلەر يۈزنىڭ باشقا قىسمىغا قارىغاندا سەل چوڭراق بولىدۇ، شۇنىڭ ئۈچۈن بۇ قىسىمغا تەگلىكنى ياخشى سىڭدۈرۈپ سۈركەش كېرەك.بۇرۇننىڭ ئىككى تەرىپىگە يۈزگە سۈركىگەن تەگلىكتىن بىر دەرىجە قېنىق رەڭلىك تەگلىك سۈركەيمىز.
2، تەگلىكنى ياخشى سۈركەپ بولغاندىن كېيىن، قېنىق ۋە ئۇچۇق رەڭلىك ئىۋەن تۈزەش ئۇپىسى ۋە نۇرلاندۇرۇش ئۇپىسىدىن ياخشى پايدىلىنىپ، بۇرۇننى ياساشقا چۈشىمىز. بۇرۇن ئۈستىگە ئوچۇقراق رەڭلىك ئىۋەن تۈزەش ئۇپىسىنى تىك يۆلۈنۈشتە ئۇرىمىز، كۆز چانىقى قىسىمدىن باشلاپ بۇرۇننىڭ ئىككى تەرىپىگە قېنىق رەڭلىك ئىۋەن تۈزەش ئۇپىسى بېرىمىز. بۇنداق بولغاندا قاڭشار ئېگىز كۆرۈنىدۇ. ئالدىن بىلەن ئۇچى قىيپاش كەلگەن كىچىك چوتكىدا ئۇپىلارنى سۈركەپ بولۇپ، چوقۇم چوڭراق چوتكا بىلەن بىر قېتىم تەكشى يېيىتىش، ئىككى خىل رەڭلىك ئۇپىنىڭ كىرىشكەن قىسمى تەبىئىي چىقىشى كېرەك.
3، بۇرنى قىسقىراق كەلگەن گۈزەللەر بۇرۇن ئۈستىگە بېرىلگەن نۇرلاندۇرۇش ئۇپىسىنى تاكى بۇرۇن ئۈچىغىچە تۈز ۋە تىكيۆلۈنۈشتە ئۇزارتىپراق سىزساق، بۇرۇن ئۇزۇن كۆرۈنىدۇ. بۇرنى ئۇزۇنراق كەلگەن گۈزەللەر بولسا قاڭشارنىڭ ئوتتۇرا قىسمىغا توغرىسىغا بىرنەچچە قېتىمسەل قېنىق رەڭلىك ئۇپا بەرسەك، بۇرۇننىڭ بەك ئۇزۇنلىقى قارىماققا ئۇنچە بىلىنمەيدۇ.
4، بۇرۇن چانىقى چوڭراق كەلگەن گۈزەللەر بۇرۇن ئۇچىغا ئاقۇش رەڭلىق ئۇپىدىن بېرىپ، بۇرۇننىڭ ئىككى چاناق تەرىپىگە سەل قېنىق رەڭلىك ئۇپا بەرسەك بۇرۇننى كىچىك كۆرسىتىدۇ.
مەنبە: ئايخىنىم سالونىتەلەي قاپىقىدىن چىققان يازمىلار
كۆك چاينىڭ ئاياللارغا ۋە تېرىگە بولغان شىپالىق ر
2016-01-18 17:14:222114[نەزىرە مۇھەممەد سالىھ] ئايالدىن باشلانغان قىسمە
2015-10-27 14:36:333354ئاياللارنىڭ دائىم چارچىغاندەك ھېس قىلىشىدىكى سەۋ
2016-02-04 19:28:162898تامچە قۇرت خاراكتېرلىك جىنسىي يول ياللۇغى
2015-11-07 15:16:271796يېرىم كېچىدە تورغا چىقىدىغان ئاياللار
2016-01-01 16:04:332400شەيتان ئازدۇرغان ئايال‹توي قىلغان ئاياللارغا
2015-10-25 16:35:333376ئاياللار گۈزەللىكى ۋە يېمەكلىك
2015-08-09 20:07:043134ھامىلدار ئاياللار بىلىشكە تىگىشلىك ئىشلار
2015-12-31 18:00:002288
- باھالار
-
ئىسمىڭىز:
- باھالار رېتى
-