بۇ بىر ئاياللار پىنھان تىۋىشلار ئارامگاھى!
«پىنھان تىۋىشلار» ئاياللارنىڭ سىردىشى بولسا؛ «ئاياللار گۈلزارى» ئاياللار لاتاپىتىنىڭ جىلۋىلىنىشى؛ «تۇرمۇش ساۋاتلىرى» سىزنى تۇرمۇشقا يېقىنلاشتۇرسا؛ «ئاياللار ساقلىقى» ئائىلىڭىزنىڭ بەختىنى كاپالەتكە ئىگە قىلىدۇ!
تامچە قۇرت خاراكتېرلىك جىنسىي يول ياللۇغى
-
تامچە قۇرت خاراكتېرلىك جىنسىي يول ياللۇغى
ۋاقتى: 2016-08-04 ئاۋاتلىقى: 1566 قېتىمكېسەلللىك سەۋەبى :يانفوندا كۆرۈش
تامچە قۇرت خاراكتېرلىك جىنسىي يول ياللۇغى ئاياللار جىنسىي ئەزا ياللۇغلىرى ئىچىدە ئەڭ كۆپ ئۇچرايدۇ. جىنسىي يول تۇكلۈك تامچە قۇرتىدىن يۇقۇملىنىشتىن كېلىپ چىقىدۇ.
يۇقۇش يولى:
1) بىۋاسىتە يۇقۇش: جىنسىي ئالاقە ئارقىلىق يۇقىدۇ.
2) ۋاسىتىلىق يۇقۇش: جىنسىي يول تۇكلۈك تامچە قۇرتىدىن يۇقۇملانغان كىشىلەرنىڭ ئىشلەتكەن بۇيۇملارنى ئورتاق ئىشلىتىش ھەم كوللېكتىپ پائالىيەت بىلەن شۇغۇللانغان ھەمدە بۇخىل كېسەل بىلەن ئاغرىغان بىمارنى تەكشۇرگەن سايماننى ياخشى دېزىنفىكسىيە قىلماي باشقىلارغا ئىشلىتىش سەۋەبىدىن يۇقۇشنى كۆرسىتدۇ.
كىلىنىك ئالامەتلىرى :
ئاساسلىق ئالامىتى ئاق خۇن كۆپىيىش بولۇپ تىپىك ئاق خۇن كۈلرەڭ سېرىق ياكى كۈلرەڭ كۆك رەڭلىك كۆپۈك شەكىللىك سۇيۇق سېسىق پۇراقلىق بولۇپ بەزىدە قىزغۇچ كېلىدۇ، ئارىلاشما يۇقۇملانغاندا يېرىڭلىق بولىدۇ. ئاق خۇن كۆپەيگەندە تاشقى جىنسىي ئەزاغا ئېقىپ چىقىپ تېرىنى غىدىقلاپ تاشقى جىنسىي ئەزا ياللۇغىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىپ چۈمۈلە ماڭغاندەك سىزىمنى پەيدا قىلدۇ. تاشقى جىنسىي ئەزا قىچىشىدۇ ۋە كۆيۈشىدۇ.
يەرلىك ئورۇننى تەكشۈرگەندە يەرلىك ئورۇندا قان تولغان، قىززارغان، شەلۋەرىگەن، ئىششىغان ھالىتىنى كۆرگىلى بولىدۇ. ھەمدە جىنسىي يول گۈمبىزىدە ئۇششاق ئەسۋىلەرنى كۆرگىلى بولىدۇ.
تۇغماسلىق: تامچە قۇرت ئۇرۇقنى يۇتۇپ كەتكەنلىكتىن بەزىلەردە ھامىلىدار بولماسلىق كېلىپ چىقىدۇ.
دىئاگىنوز قويۇش :
كىلىنىك ئىپادىلىرى، بەدەن بەلگىلىرى، ئاياللار بۆلۈملۈك تەكشۈرۈش، جىنسىي يولدىن سۇۋالما ئېلىپ تەكشۈرۈشكە ئاساسەن دىئاگىنوز قويغىلى بولىدۇ.
ئالدىنى ئېلىش:
تازىلىق، تەشۋىقات تەربىيەسىنى ياخشى ئشلەش، ئومۇميۈزلۈك تەكشۈرۈپ داۋالاش خىزمىتىنى قانات يايدۇرۇش، يۇقۇملىىش مەنبىيىنى يوقىتىش كېرەك .
كوللېكتىپ ياتاقلارنى باشقۇرۇش تۈزۈمىنى كۈچەيتىش، كېسەللەرنى ۋە قۇرت ئېلىپ يۈرگۈچىلەرنى پائال داۋالاش، ئايرىش تۈزۈمىنى ئورنىتىش لازىم .
يۇقۇش يولىنى ئۈزۈپ تاشلاش: (ۋاسىتىلىق يۇقۇش يولىنى كۆرسىتىدۇ) ئاممىۋى سورۇنلارنىڭ باشقۇرۇشىنى كۈچەيتىش، داۋالاش سايمانلىرنى ياخشى دېزىنفىكسيە قىلىش ۋە گىرەلەشمە يۇقۇملىنىشنىڭ ئالدىنى ئېلىش لازىم .
ئىچ داۋالاش پىرىنسىپى: جىنسىي يولنىڭ مۇھىتىنى ئاشۇرۇش، قۇرت ئۆلتۈرۇش، ياللۈغ قايتۇرۇش مەقسىتىدە دورا ئىشلىتىمىز.
كىيىملەرنى، يۇيۇنۇش لۆڭگىسىنى قايناق سۇدا يۇيۇش ۋە ئاپتاپتا قۇرۇتۇش لازىم .
داۋالاش:
تامچە قۇرت ياللۇغى بولغۇچىلار خانزادىلەر گۆھىرىنى ئىشلىتىپ بەرگەندە، ئۈنۈمى ئالاھىدە ياخشى بولۇپ، خانزادىلەر گۆھىرىنىڭ بالىياتقۇنى تازىلاش، جىنسىي يولدىكى توسالغۇلارنى چىقىرىپ تاشلاش، بالىياتقۇدىكى باشقا ياللۇغلارنىڭ ئالدىنى ئېلىش قاتارلىق جەھەتلەردە ئۈنۈمى ئالاھىدە كۆرۈنەرلىك بولىدۇ.
تېلېفون: 0991-6598750 ئۈندىدار نومۇرى: parixta05
تەلەي قاپىقىدىن چىققان يازمىلار
ئاياللار نېمە ئۈچۈن ھېسسىياتچان كېلىدۇ
2016-02-05 18:55:473791ئاياللار بۆلۈمىدىكى ياللۇغلىنىشلىق كېسەللىكلەر ن
2015-11-22 01:13:361213قىزلارغا 100 نەسىھەت: بىرىنچى نەسىھەت
2014-11-16 13:52:165165سىزنى ياخشى كۆرىدىغان ئايالنى ھەرگىز ئالدىماڭ!
2015-12-18 19:48:452626ئېرىڭىزنىڭ مۇنداق سەۋەنلىكلىرنى ئەپۇ قىلىڭ
2016-02-03 19:09:573391زامان ئاخىرىنىڭ ئاياللىرى [پوۋىست] (11)
2014-11-16 14:28:291677قانداق ئەرلەر ئاياللارغا ئەڭ بەك كۆيۈنىدۇ؟
2015-12-06 23:29:241687ئەرلەرنىڭ كۆڭلى نەدە بولسا، پۇلنى شۇ يەرگە خەجلە
2016-01-27 11:53:373731
- باھالار
-
ئىسمىڭىز:
- باھالار رېتى
-