بۇ بىر ئاياللار پىنھان تىۋىشلار ئارامگاھى!
«پىنھان تىۋىشلار» ئاياللارنىڭ سىردىشى بولسا؛ «ئاياللار گۈلزارى» ئاياللار لاتاپىتىنىڭ جىلۋىلىنىشى؛ «تۇرمۇش ساۋاتلىرى» سىزنى تۇرمۇشقا يېقىنلاشتۇرسا؛ «ئاياللار ساقلىقى» ئائىلىڭىزنىڭ بەختىنى كاپالەتكە ئىگە قىلىدۇ!
ئېرىڭىزنىڭ مۇنداق سەۋەنلىكلىرنى ئەپۇ قىلىڭ
-
ئېرىڭىزنىڭ مۇنداق سەۋەنلىكلىرنى ئەپۇ قىلىڭ
ۋاقتى: 2016-08-06 ئاۋاتلىقى: 3627 قېتىميانفوندا كۆرۈش
ئېرىڭىزنىڭ مۇنداق سەۋەنلىكلىرنى ئەپۇ قىلىڭ
ئېرىڭىز سىزگە قارىغاندا ئاتا-ئانىسىغا بەكرەك كۆيۈنسە رەنجىمەڭ. چۈنكى ئۇنىڭ بۇ دۇنياغا كۆز ئېچىپ تۇنجى كۆرگىنى سىز ئەمەس بەلكى ئاتا-ئانىسى. يەنە كىلىپ ئاتا-ئانىسىغا كۆيۈنۈشنى بىلگەن ئادەم، خوتۇنىغىمۇ كۆيۈنۈشنى بىلىدۇ.
ئېرىڭىز سىزدىن يوشۇرۇنچە ئاتا-ئانىسىغا سوۋغات بەرسە، بىلمەسكە سىلىڭ. چۈنكى ئۇنىڭ ئاتا-ئانىسىغا ئۇقتۇرماي سىزگىمۇ سوۋغات بەرگەن چاغلىرى كۆپقۇ؟ ئېرىڭىز دوستلىرىنى ئەزىزلىسە، ئۇلارغا پۇل خەجلەپ بەرسە، چەكتىن ئاشۇرۋەتمىسىلا رەنجىمەڭ. چۈنكى دوستلۇقنى قەدىرلەيدىغان ئادەم مۇھەببەتنىمۇ قەدىرلەيدۇ.
ئېرىڭىز ئۆيگە ھېرىپ-ئېچىپ كېلىپ، نەرسە-كېرەكلەرنى قالايمىقان تاشلىسا، ئۇنى ئەيىبلىمەڭ. چۈنكى ئۇ ئۆيدە «ئۆز ئۆيۈمنىڭ خوشلۇقى، پۇت-قولۇمنىڭ بوشلۇقى» نى ھەقىقىي ھېس قىلالىشى كېرەك. بولمىسا قالايمىقان يوللارغا مېڭىپ قىلىشى مۇمكىن.
ئېرىڭىز سىزنىڭ كىيىم-كېچەك ۋە گىرىم بۇيۇملىرى سېتىۋېلىشىڭىزغا پىخسىقلىق قىلىپ، خەير-ساخاۋەت ئىشلىرىغا سېخىيلىق قىلسا، ئۇنىڭدىن رەنجىمەي ئۇنى قەدىرلەڭ.
ئۇ چىرايلىق ئاياللارغا نەزەر سالسا، ئالدىڭىزدا باشقا ئاياللارنىڭ ياخشى گىپىنى قىلسا رەنجىمەڭ. ئارتۇقچە كۈنلىمەڭ. بولمىسا ئېرىڭىزنىڭ يادىغا بەزى ئىشلارنى كەلتۈرۈپ قويىسىز.
ئېرىڭىز ئۆيگە كەچ كەلسە رەنجىسە، يات ئەرلەر بىلەن باردى-كەلدى قىلىشىڭىزنى توسسا رەنجىمەڭ. بۇ ئۇنىڭ سىزنى ئاسرىغىنى ۋە ئائىلەڭلارنى قوغدىغىنى.
ئېرىڭىز خىزمەت بىلەن دائىم ئالدىراش يۈرىدىغان، كەسىپچانلىقى كۈچلۈك ئەر بولسا ئوي ئىشلىرىغا ياردەملىشىپ بىرەلمىسە رەنجىمەڭ. كۈنلەرنىڭ بىرىدە مۇۋەپپەقىيەت قازانغان ئەرنىڭ كەينىدىكى تۆھپىكار ئايال بولۇپ قىلىشىڭىز مۇمكىن.
خانىم ئېرىڭىزنىڭ يۇقۇرقىدەك سەۋەنلىكلىرىنى ئەپۇ قىلىڭ ھەم چىۋەرلىكىڭىز، گۈزەل خۇلقىڭىز بىلەن ئېرىڭىزنىڭ سۆيۈملۈك خوتۇنى، ئۆمۈرلۈك جۈپتى بولۇپ ئائىلە ئىللىقلىقىدىن بەھىر ئالغايسىز.
مەنبە: شىنجاڭ رادىيو-تېلېۋىزىيە گېزىتى
Tags:تەلەي قاپىقىدىن چىققان يازمىلار
بالىياتقۇ تۆۋەنلەش ۋە ئاياللار ساغلاملىقى
2015-10-27 15:59:582651كۆك چاينىڭ ئاياللارغا بولغان شىپالىق رولى
2016-01-07 01:48:492082بىر ئادەمنى بەك ياخشى كۆرۈپ قالماڭ
2016-02-05 18:18:493765[نەزىرە مۇھەممەد سالىھ] ئايالدىن باشلانغان قىسمە
2015-10-27 13:21:4210899ئاياللارنىڭ بالىياتقۇسىغا زىيانلىق ئادەتلەر
2015-08-18 12:30:466790شارپىنى ھەرخىل ئارتىش ئۇسۇللىرى، مودا قىزلار ئۆگ
2016-01-21 16:51:202818نېمە ئۈچۈن خانزادىلەر گۆھىرىنى ئىشلەتكەنلەرنىڭ ھ
2015-11-05 02:15:203589تامچە قۇرت خاراكتېرلىك جىنسىي يول ياللۇغى
2015-11-07 15:16:271649
- باھالار
-
ئىسمىڭىز:
- باھالار رېتى
-