ئاياللارنىڭ تېرىسى قانداق ئالاھىدىلىكلەرگە ئىگە
-
ئاياللارنىڭ تېرىسى قانداق ئالاھىدىلىكلەرگە ئىگە
ۋاقتى: 2016-07-27 ئاۋاتلىقى: 6609 قېتىميانفوندا كۆرۈش
ئاياللارنىڭ 15-25 ياش چېغىدىكى مۇسكۇل-تېرىلىرى ئەڭ چىرايلىق بولىدىغان ۋاقتى بولۇپ، 20 ياش ۋاقتى ئەڭ ئېسىل دەۋر ھېسابلىنىدۇ. بۇ گورمون ئاجرىتىپ چىقىرىش بىلەن مۇناسىۋەتلىك بولىدۇ. گورمون ئاجرىتىپ چىقىرىشنىڭ ئاز-كۆپلىكى تېرىگە ناھايىتى چوڭ تەسىر كۆرسىتىدۇ. ئاياللارنىڭ جىنسىي گورمون ئاجرىتىپ چىقىرىشنىڭ كۈچىيىشىگە ئەگىشىپ، تېرە ئاستى مايلىرى تەرەققىي قىلىدۇ، تېرىسى سىلىق، پارقىراق، ئېلاستىك بولىدۇ، بەدىنى بارا-بارا تولۇپ گۈزەللىشىدۇ. لېكىن ئاياللارنىڭ گورمون ئاجرىتىپ چىقىرىش مىقدارى ياشنىڭ چوڭىيىشىغا ئەگىشىپ ئازىيىپ كېتىدۇ، 40 ياشتىن كېيىن، تېخىمۇ ئازىيىدۇ. لېكىن ئەرلەرنىڭ گورمون ئاجرىتىپ چىقىرىش مىقدارى تا قېرىغانغا قەدەر ئانچە چوڭ ئۆزگەرمەيدۇ. بۇمۇ ئەرلەرنىڭ تېرىسىنىڭ ئاسان قېرىپ كەتمەسلىكىدىكى سەۋەبدۇر.
ئاياللار بولۇپمۇ ھەيز كېسىلىش دەۋرىگە كىرگەندىن كېيىن، ئۇلارنىڭ ئەسلىدىكى سىلىق تېرىلىرى قېتىشقا باشلايدۇ، يۈزىنىڭ سىلىقلاش دەرىجىسى ئاجىزلاپ، ئاسانلا قوڭۇر داغ ۋە قورۇقلار پەيدا بولىدۇ، بۇ خىل مۇسكۇل ۋە تېرىلەر «ئوتتۇرا ياشلىق مۇسكۇل، تېرە» دەپ ئاتىلىدۇ. بۇنداق مۇسكۇل ۋە تېرىلەر پەرۋىش قىلىشقا ھەممىدىن بەك مۇھتاج بولىدۇ. لېكىن ئاياللارنىڭ تېرىسىنىڭ ئۆزگىرىشنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدىغان ئامىللار ياش قۇرامىدىن باشقا، يەنە ئاياللاردىكى ئۆزگىچە فىزىئولوگىيىلىك ئالاھىدىلىكلەر بىلەنمۇ مۇناسىۋەتلىك بولىدۇ. مەسىلەن، ھەيز كۆرۈش دەۋرىدە كۆز ئۇۋىسى قارىيىپ كېتىدۇ، تېرىسى يىرىك، ئانچە سەزگۈر بولمايدۇ؛ تۇىم ئاجرىتىپ چىقىرىش دەۋرىدە بولسا، مۇسكۇل ۋە تېرىلىرى تولىمۇ چىرايلىق بولىدۇ؛ ھامىلىدار بولغاندا، تېرىسى يىرىكلىشىپ، سېرىق، قوڭۇر داغلار ئاسان پەيدا بولىدۇ؛ بالا ئېمىتىۋاتقان مەزگىلدە بولسا، تېرىسى يەنە چىرايلىقلىشىپ كېتىدۇ.
تەلەي قاپىقىدىن چىققان يازمىلار
دادىسى باققان بالا بىلەن ئانىسى باققان بالىنىڭ پ
2015-12-02 05:25:483610ھەر خىل ئاياللار كېسەللىكىنىڭ ئۈنۈملۈك شىپاسى: ن
2015-05-18 16:40:0114805ئاياللار چىرايلىق بولغاندىن كۆرە چىرايلىق ياشىغا
2015-08-18 12:23:542151قىزلاردا زادى نىمە گۇناھ_ چوقۇم كۆرۈڭ
2016-01-26 13:40:342928قىزلار كىم ئۈچۈن بەدەل تۆلىشى كېرەك؟
2015-11-08 22:22:391743بېسىم ئاياللارنى ئاسانلا ھاڭۋاقتى قىلىپ قويىدىكە
8778سائەت ئىلگىرى2174ھامىلدار بولالماسلىقنىڭ ئالدىنى ئېلىشنى كىچىك قى
2016-01-05 17:05:581835سوزۇلما بالىياتقۇ بوينى ياللۇغى
2015-10-22 18:32:211692
- باھالار
-
ئىسمىڭىز:
- باھالار رېتى
-