ئاياللار دۇنياسى يانبىلوگى

  • 	 ئەر-ئاياللار ھەققىدە قىزىقارلىق پاراڭلار

    ئەر-ئاياللار ھەققىدە قىزىقارلىق پاراڭلار

  • ئەر-ئاياللىق مۇناسىۋەتتىن كېيىن ماتكىدىن قان كېلىشنىڭ سەۋەبى نېمە؟

    ئەر-ئاياللىق مۇناسىۋەتتىن كېيىن ماتكىدىن قان كېلىشنىڭ سەۋەبى نېمە؟

  • 30 ياشلىق ئاياللار قىلىشقا تېگىشلىك 24 مەخپىيەت

    30 ياشلىق ئاياللار قىلىشقا تېگىشلىك 24 مەخپىيەت

  • بالىياتقۇ مۇسكۇل ئۆسمىسى ۋە ئۇنىڭ ئالدىنى ئېلىش

    بالىياتقۇ مۇسكۇل ئۆسمىسى ۋە ئۇنىڭ ئالدىنى ئېلىش

  • قىزچاڭ، بۇلارنى چوقۇم بىلىشىڭىز كېرەك

    قىزچاڭ، بۇلارنى چوقۇم بىلىشىڭىز كېرەك

  بۇ بىر ئاياللار پىنھان تىۋىشلار ئارامگاھى!
«پىنھان تىۋىشلار» ئاياللارنىڭ سىردىشى بولسا؛ «ئاياللار گۈلزارى» ئاياللار لاتاپىتىنىڭ جىلۋىلىنىشى؛ «تۇرمۇش ساۋاتلىرى» سىزنى تۇرمۇشقا يېقىنلاشتۇرسا؛ «ئاياللار ساقلىقى» ئائىلىڭىزنىڭ بەختىنى كاپالەتكە ئىگە قىلىدۇ!
بىلوگ ھەققىدە
بۇ بىر ئاياللار پىنھان تىۋىشلار ئارامگاھى!
«پىنھان تىۋىشلار» ئاياللارنىڭ سىردىشى بولسا؛ «ئاياللار گۈلزارى» ئاياللار لاتاپىتىنىڭ جىلۋىلىنىشى؛ «تۇرمۇش ساۋاتلىرى» سىزنى تۇرمۇشقا يېقىنلاشتۇرسا؛ «ئاياللار ساقلىقى» ئائىلىڭىزنىڭ بەختىنى كاپالەتكە ئىگە قىلىدۇ!
يازما ئىزدەش
دوستانە ئۇلىنىشلار

قىزلاردا زادى نىمە گۇناھ_ چوقۇم كۆرۈڭ

قىزلاردا زادى نىمە گۇناھ_ چوقۇم كۆرۈڭ

ۋاقتى: 2016-07-10 ئاۋاتلىقى: 2999 قېتىم

يانفوندا كۆرۈش

قىزلاردا زادى نىمە گۇناھ_ چوقۇم كۆرۈڭ

دۇنيا دېگەن ۋاقىتلىق پايدىلىنىدىغان نەرسىدۇر، دۇنيادىكى پايدىلىنىدىغان نەرسىنىڭ ئەڭ ياخشىسى ياخشى ئايالدۇر.
دېمەك قىزلار ئاجىز، ھەممە سەتچىلىكنى شۇلارغا ئارتىپ تۇرۇۋىلىپ كۈچلۈكرەك بولغان بىز ئەرلەر مەسئۇلىيەتتىن قىچىپ تۇرۇۋالساق تازا توغرا بولمايدىغۇ دەيمەن....... ئەسلى سۇنىڭ بېشى لاي..... باش بولسا كىمى بولىدۇ؟ بىز ئەرلەر بولىمىز. بۇرۇن ئېنتىرنېت تور تەرەققىي قىلمىغان ياكى يوق ۋاقىتلاردا قىزلىرىمىزنىڭ كوچا-كويلارنىڭ بۇلۇڭلىرىدىن مىڭىپ نومۇسىنىڭ بېشىنى يەرگە قاراتقان ناتىۋانلىرىمىزنى يوغان قورساق پۇلدارلارنىڭ، بەچچىۋازلارنىڭ ئالدىراپ سىلاپ ياكى ئۇنىمىسا زورلۇق بىلەن ئۆزىنىڭ شەھۋانى نەپسىنى قاندۇرۇش ئۈچۈن بىر ياقلارغا تارتىپ كېتىشى تالاي شۇنداق سۈزۈك سۇلىرىمىزنى يولدىن چىقارغان...... ئۇلارنىڭ ھالىنى ئېيتقۇدەك نەرى بار.


ئەمدىلىكتە ئۇچۇرلىشىشنىڭ بۇ زامانىۋى ئەبتى-بەشىرىمىزنى بىر ياققا قايرىپ قويۇپ، ئۇنداق بۇزۇق، بۇنداق بۇزۇق دېيىشلىرىمىز ئۆزىمىزنىڭ ئەرلىك ۋىجدانىغا دۇرۇس كىلەمدۇ؟ بىر ئوغۇل بىلەن بىر قىزنى سوقۇشقا سىلىپ قويسا قىز تاياق يەپ كېتىشى مۇمكىن. ئۇنداقتا بۇ يەردە ئوغۇل كۈچلۈك دېگەن مەنا چىقتى. سىز بىر ئاجىزنى كۈچلۈك قوللىرىڭىز بىلەن تارتىپ ئۆزىڭىزنىڭ شەھۋانى نەپسىڭىز ئۈچۈن ئاستىڭىزغا باسقىنىڭىزدا سىزنىڭ كاللىڭىزغا ئاتا-ئانىسى كىچىكىدىن تەربىيەلەپ، نۇرغۇن ئارزۇ-ئۈمىدلەر بىلەن بېقىپ چوڭ قىلغان بىر مەزلۇمنىڭ ھاياتىنى نابۇت قىلىۋاتقانلىقىڭىز كەلدىمۇ؟
ياق.....ئۇنىڭ تىپچەكلىگەنلىكىنى، يىغلاپ يالۋۇرۇشلىرى سىزنىڭ مۇز باسقان دىۋانىنىڭ قېتىپ كەتكەن خۇرجۇنىدەك بولۇپ كەتكەن قەلبىڭىزنى ئېرىتەلمەيدۇ.


ئالىي مەكتەپ بوسۇغۇسىغا ئەمدىلا قەدەم باسقان كەلگۈسىدە ياخشى ئوقۇپ، دوكتور، ياكى ئالىم بولۇشتىن ئىبارەت يۈكسەك ئارزۇنى كۆڭلىگە پۈككەن بىر ئاجىزنىڭ قېشىغا «مەڭگۈلۈك مۇھەببەت» ئۈچۈن بىر يىگىت كىلىپ قۇلىقىغا ئاستا پىچىرلىدى. ئۇ يىگىتنىڭ بىرلا ئويى بار ئىدى، ئۇ بولسىمۇ بۇ قاماققا چۈشكەن بىلىقنى راسا بىر مەززە قىلىپ يەۋىلىش ئىدى. بۇ ئىشلار ئۇنىڭغا ئادەت بولۇپ كەتكەن، كۆنگەن خۇي ئىدى.

ئېيتىڭە سىزچە ئۇ قىز شۇنچە يىراقتىن مۇھەببەت ئۈچۈن كەلگەنمىدى، ياكى ئۇ قىز باشتا بىرەر يىگىتنى كۆزلەپ ئۇنى قولغا كەلتۈرمەكچىمىدى؟ بۇنىڭغا چوقۇم قىزلار ياق دەپ جاۋاب بېرىدۇ. ئوغۇللار بەز يىمەيدىغان مۈشۈك بارمۇ دەپ جاۋاب بېرىدۇ. يالغۇز بىر ئوغۇل ئورمانلىقنىڭ قىشىدىن كېتىپ بارسا، ئۇنى بىر قىز كىلىپ ئورمانلىقنىڭ ئىچىگە تارتىپ ئەكىرىپ كېتەرمۇ؟ بۇنى نەدىن ئاڭلىدىڭىز؟ سىز شۇ بەزنى يىمىسىمۇ يىگۈسى يوق بولسىمۇ زورلاپ تاڭدىڭىز. ئامال چارە قىلدۇق، ئالداپ سىلاپ سورۇنلارغا ئاپاردۇق. ئىچمىسە زورلىدۇق، ئىچىملىكىگە ئۇخلىتىش دورىسى ياكى باشقا دورىلارنى قاتتۇق، شۇنداق قىلىپ ئۆزىمىزنىڭ رەزىل مەقسىتىمىزگە يەتتۇق. ئويلاپ باقايلى قىزلار مۇشۇنداق قىلارمىدى، بىزنى ئالداپ ئەكىلىپ، ئىچىملىكىمىزگە سورا قوشۇۋىتەرمىدى.

بۇ مۇمكىنمۇ؟ سورۇنلاردا قىزلارنى يەنە شۇ مەرت ئوغۇللار مېھمان قىلىدۇ، شۇنداق سورۇن قۇرۇپ كۈندە كەچتە ئۇ يەردە ئۇچرىشايلى، بۇ يەردە ئۇچرىشايلى دەپ قىزلارنى ئاتا-ئانىلىرىغا يالغان سۆزلەتكۈزۈپ يىنىڭىزغا ئەكىلىپ خالىغىنىڭىزنى قىلىدىغان، شۇلارنى كەيىپكە ئويۇن-تاماشىغا مەپتۇن قىلغان بىز ئوغۇللاردۇر. ياكى قىزلار بىزنىڭ ئۆيلىرىمىزگە كىلىپ ئىسقىرتىپ بىزنى ئاتا-ئانىمىزغا يالغان سۆزلەتكۈزۈپ ئالدىغا چىقىرامدۇ؟ شۇلارنى جەمئىيەتكە كوچىغا كۆندۈرگەن بىز ئۆزىمىز، شۇنداق ئىپادىگە كۆنگەن قىزلىرىمىز بىزگە چىرايلىق كۆرۈنۈش ئۈچۈن بىزنى ئىسقىرتقۇزۇش ئۈچۈن، سورۇنغا، ئۆگەنگەنلىرىمىز تاماشىغا، ئويۇنغا چاقىرتقۇزۇش ئۈچۈن تار كىيدى، نىپىز كىيدى، بىلىنى كۆرسەتتى، مەيدىسىنى ئاچقىلى تۇردى.

ھەممە ئادەم باشقىلارنى ئۆزىگە جەلىپ قىلىشنى ئويلايدۇ. بۇ بىز ئوغۇللاردىن قىزلارنىڭ بەكرەك ئىپادىلىنىدۇ. ئەرلەرنىڭ قەلبى بۇرۇندىنلا بۇزۇلۇپ، كونىراپ كەتكەن، يېڭىلىقنى ماراپ تۇرىدۇ. قولىدىكى سېسىق پۇلىنى كۆز-كۆز قىلىپ مال ئالماشتۇرۇپ تۇرىدىغان بىز بۇزۇق ئەرلەر تۇرغان يەردە بىچارە ئاجىزلار نېمە قىلماقچى؟

ئۇلار شۇنداق بولغاندىن كېيىن ياسىنىمەن، گىرىم قىلىمەن، ئېسىل كىيىنىمەن دەيدۇ. ئۇنىڭغا پۇل كېرەكتە، چۈنكى بىز ئوغۇللار ياسانغاننى، غىلجىڭلاپ تۇرغاننى ماشىنىمىزغا سىلىپ، ئوينىتىپ كىلىدىغان تۇرساق. قىرىلىقىمىزغا باقماي نەۋرىمىزنى ئالداپ-سىلاپ مېھمانخانىلاردا يۆتىلەپ يۈرسەك گۇناھ زادى كىمدە؟ تىللىغانغا ئۇلار ئوڭشىلىپ قالامدۇ؟ بىر ئوبدان ئۆسۈپ-يىتىلگەن گۈلنى ئۆزىڭىز سۇندۇرۋېتىپ ئاناڭنى سېسىق گۈل دەپ تىللىسىڭىز ئاقامدۇ؟ ئۇلاپ قويۇش بىزنىڭ قىنىمىزدا يوق. نەگىلا بارسا پۇلىنى داملاپ، ھىجىيىپ بىر يەرلىرىنى غىدىقلاپ قىرىلار بۇ يەردە يۈرسە ئەلۋەتتە بىزدىن نەپرەتلەنگەنلىرى باردۇ. شۇڭا ئوغۇللار كۆزگە يالماۋۇزدەك كۆرۈنىدىغاندۇ.

شىر چىغىدا ئۇ بىر ھايۋان، ئۆز دائىرسىدىكىنى جان-جەھلى بىلەن قوغدايدۇ، قارشى تەرەپنىڭ بىرەر يات ھايۋاننى كۆرگەن ھامان ئالدىغا چىقىپ ئۇنىڭ بىلەن ئىلىشىدۇ. چىشى شىرلارنىڭ ھاياتىغا نومۇسىغا كىپىللىك قىلىدۇ، ئۇ بىر ھايۋان بىزچۇ؟ بىز قوغدىيالىدىقمۇ؟ ھەممە ئوغۇللىرىمىزنىڭ ئاغزىدا كۆيدۈم-پىشتىمدىن باشقا گەپ يوق. بىز ئۆز ۋاقتىدا گۈلدەك ئىچىلغان سۆيۈملۈك، پاك قىزلىرىمىزنى قەدىرلىيەلىدۇقمۇ؟ چىن يۈرىكىمىزدىن سۆيەلىدۇقمۇ؟ ياق، پۇرسەت بولسىلا ۋۇجۇدۇمنى قودىن بېرىپ قويمىدۇق، ئۆگىتىپ قويۇپ يىرىم يولدا كوچىغا تاشلاپ قويدۇق. ئەمدى تىگەي دېسە ئىپپىتى بۇزۇلغان، بالىسى بارغا يا تەگكۈسى كەلمەيدۇ. ئەمما سىز خاتىرىجەم ھېچ ئىش بولمىغاندەك يەنە بىر غۇنچىنىڭ قىشىدا ئۇچۇپ يۈرىسىز. چۈنكى سىزنىڭ ئىپپىتىڭىزنىڭ بۇزۇلغانلىقىنى مۇنداقلا بىلگىلى بولمايدۇ. پۇلى يوق يىگىتلەر پۇلى بار خېنىملارغا ئامراق شۇڭا ئۇلار مەيلى ئىچكىرلىك بولسۇن مەيلى چەتئەللىك بولسۇن پوش دېمەي ئۆزىنىڭ ھاياتىنى دوغا تىكتى. جىنسىيەت دېگەن ئۇمۇ زەھەرگە ئوخشاش خۇمارلىق، ئۇ مەزلۇم شۇنىڭغا خۇمار بولغان.

ئاتىلاردىمۇ گۇناھ بار، چۈنكى ئۇ بىر ئۆينىڭ تۈۋرۈكى. ئۆينىڭ تۈۋرۈكى دېگەن گەپ ھەممىگە گىپى ئۆتىدۇ دېگەن گەپ. ئۇنداقتا قىزىڭىزغا ئۆتكىدەك تەربىيە قىلالمىغان سىز ئاتا بولغۇچى بەلكىم بۇرۇنقى ۋاقىتتىكى شۇنداق ياخشى بولۇشى مۇمكىن، بولمىسا چوقۇم توسايدۇ. كەچ تالاغا چىقارمايدۇ. ياغلىق چەگكۈزىدۇ، ياخشى ئىشلىرىدىن نېرى قىلمايدۇ. مەن بۇلارنى كۆرۈپ تۇرۇۋاتىمەن. لېكىن بەزى ئاتىلار بار قىزى بىلەن كارى يوق نېمە كىيىپ نەدە يۈرۈشى بىلەن كارى يوق. ئانىنىڭ ئەسلا كارى يوق، چۈنكى دادا بولغۇچى ئۆزىنىڭ دادىلىق بۇرچىنى ئۇنتۇپ قىلىۋاتقان يەردە ئايال كىشى نېمە بولماقچى؟

ئەرلەر بىر خوتۇننى جۆندەپ خوتۇن قىلالماي، باشقۇرالمىدىم، يولدىن چىقىپ كەتتى دېمەكلىك بىلەن ئاجرىشىپ كېتىۋاتسا، بالىسى بىلەنمۇ كارى بولمىسا خوتۇننى باشقۇرالمىغان ئۇ بىچارە ئەرلىرىمىز قىزلىرىمىزنى باشقۇرالامدۇ؟ دادىسىنىڭ يات بىر ئايال بىلەن قىزى ئولتۇرغان سورۇنغا كىرىپ قىزى بىلەن دوقۇرشۇپ قىلىشى شۇ ناتىۋانلارغا بۇ دۇنيانىڭ نېمىلىكىنى مۇشۇنداقلا چۈشەندۈرۈپ بەرمەمدۇ. دادا قىلغان يەردە بالا نېمە قىلمايدۇ. داڭلىق كىنو چولپانلىرىمۇ نامىنى چىقىرىش ئۈچۈن پۇلدار بايۋەچچىلەرنىڭ قوينىدا ئۆزىنىڭ ئىپپىتىنى خازان قىلىدىكەن. شۇ پۇل خەجلەيدىغان بايۋەچچىلەر ئەردۇ؟ يا ئايالمۇ؟ ئۇنداقتا گۇناھ كىمدە؟ ئۇنداق بولمىغاندىن كېيىن بىز ئۇلارنى قارغۇلارچە تاغدىن-باغدىن تىللىماي چىن كۆڭلىمىزدىن شۇلاردىن كەچۈرۈم سورايلى. ئۇلارنى قەدىرلەيلى. ئۇلار چىن كۆڭلىمىزدىن سۆيۈلۈشكە ھەقلىق. ھەي ئەر كىشى خوتۇن كىشىنى تىللىسا ئاجىزنى كۈچلۈك تىللىسا بىزگە نە نومۇس. خوتۇن كىشى بىزنى تىللىسا يارىشىدۇ چۈنكى ئۇلارنىڭ بىزگە نېمە كۈچى يېتىدۇ. قىلىدىغاننى قىلىپ ئەمدى بىز ئۇلارنى تىللاپ يۈرسەك ھازىرقى ئەرلەر خوتۇننىڭ تىگىدە قاپتۇ ئەمىسە، ئادىل مىجىتمۇ ئويناپ چىقتىغۇ ئەنە چىدىماي. بولمىسا شۇنىڭغىمۇ ئابرويمۇ ئىتوت ئوينىدىم دەپ خوتۇن كىشىدەك بولۇۋىلىش. ئۇنىڭمۇ ئەل-ئاغىنىلىرى بار، چۈنكى ئايالى بار، چۈنكى مەن بىر ئەر بولۇش، يىگىت بولۇش سۈپىتىم بىلەن قىزلارغا شۇنى دەيمەنكى، سىلەرنى سۆيىدىغان چىن قەلبىدىن ياخشى كۆرىدىغانلار كۆپ، شالتاقلار پەقەت ساناقلىقلا. شۇڭا ئۆزۈڭلارنىڭ قەدىر-قىممىتىنى ئاسراڭلار، سىلەر قانچە تۆۋەن يۈزلۈك، نومۇسچان بولغانسىرى بىز شۇنچە سىلەرگە ھۆرمەت قىلىمىز. كونا بولسىمۇ كىيمىڭلارنىڭ پۈتۈن بولغىنى سىلەرنى ئاللاھنىڭ رەھمىتىگە ئېلىپ بارىدۇ. ياغلىق چەگكەن باشنىڭ قەدرىنى ئاللاھ ياخشى كىشىگە نىسىپ قىلىدۇ، يالاڭ يۈرگەن بىر قىز كوچىدا ماڭسا ئۇنىڭغا تىكىلگەن كۆزلەر ئۇنى بىر قېتىم قويىۋالسام دېگەن ئۈمىدكە ئەكىلىشتىن باشقا بولمايدۇ. ئەمما ئەسلى سىز ئېسىل قىز. ئۇلار ئۇنى بىلمەيدۇ، گۈزەللىك قەلىبتە بولغانسىرى ئۇ كونا كىيىمنىڭ تىشىغا تېپىپ ئادەمنى لال قىلىپ تۇرىدۇ. گۈزەللىك تىشىدا بولسا ئۇ قانچە قېنىق بولغانسىرى پاھىشۋازلارنى ھىجايتقان بىلەن ياخشىلارنى بىزار قىلىدۇ. خەير ۋاقىت.
مەنبە: كەڭ ساي مۇنبىرى


Tags:
بايانات

بۇ بىر ئاياللار پىنھان تىۋىشلار ئارامگاھى!
«پىنھان تىۋىشلار» ئاياللارنىڭ سىردىشى بولسا؛ «ئاياللار گۈلزارى» ئاياللار لاتاپىتىنىڭ جىلۋىلىنىشى؛ «تۇرمۇش ساۋاتلىرى» سىزنى تۇرمۇشقا يېقىنلاشتۇرسا؛ «ئاياللار ساقلىقى» ئائىلىڭىزنىڭ بەختىنى كاپالەتكە ئىگە قىلىدۇ!
مەزكۇر يانبىلوگدىكى مەزمۇنلار خەنزۇچە نوپۇزلۇق تور بېكەتلەردىن تەرجىمە قىلىش ياكى بىر قىسىم تورداشلار ھەمبەھرلىنىش ئاساسىدا تەمىنلەنگەن، پەقەت پايدىلىنىش ئۇچۇرى قىلىشقا بولىدۇ، ئەمما ئەڭ ئاخىرقى دىئاگنۇز قىلىشقا بولمايدۇ، كونكرېت ئىشلاردا يەنىلا دوختۇرنىڭ كۆرسەتمىسىنى ئاساس قىلىشىڭىز كېرەك!
ھەر قانداق ئاياللار كېسەللىكى جەھەتتە مەسلىھەت سورىماقچى، مەھسۇلات سېتىۋالماقچى بولسىڭىز 6598750-0991 غا تېلېفون قىلسىڭىز بولىدۇ. ئۈندىدار نومۇرى: 1489941616

تەلەي قاپىقىدىن چىققان يازمىلار

باھالار

ئىسمىڭىز:

باھالار رېتى