ئاياللار دۇنياسى يانبىلوگى

  • 	 ئەر-ئاياللار ھەققىدە قىزىقارلىق پاراڭلار

    ئەر-ئاياللار ھەققىدە قىزىقارلىق پاراڭلار

  • ئەر-ئاياللىق مۇناسىۋەتتىن كېيىن ماتكىدىن قان كېلىشنىڭ سەۋەبى نېمە؟

    ئەر-ئاياللىق مۇناسىۋەتتىن كېيىن ماتكىدىن قان كېلىشنىڭ سەۋەبى نېمە؟

  • 30 ياشلىق ئاياللار قىلىشقا تېگىشلىك 24 مەخپىيەت

    30 ياشلىق ئاياللار قىلىشقا تېگىشلىك 24 مەخپىيەت

  • بالىياتقۇ مۇسكۇل ئۆسمىسى ۋە ئۇنىڭ ئالدىنى ئېلىش

    بالىياتقۇ مۇسكۇل ئۆسمىسى ۋە ئۇنىڭ ئالدىنى ئېلىش

  • قىزچاڭ، بۇلارنى چوقۇم بىلىشىڭىز كېرەك

    قىزچاڭ، بۇلارنى چوقۇم بىلىشىڭىز كېرەك

  بۇ بىر ئاياللار پىنھان تىۋىشلار ئارامگاھى!
«پىنھان تىۋىشلار» ئاياللارنىڭ سىردىشى بولسا؛ «ئاياللار گۈلزارى» ئاياللار لاتاپىتىنىڭ جىلۋىلىنىشى؛ «تۇرمۇش ساۋاتلىرى» سىزنى تۇرمۇشقا يېقىنلاشتۇرسا؛ «ئاياللار ساقلىقى» ئائىلىڭىزنىڭ بەختىنى كاپالەتكە ئىگە قىلىدۇ!
بىلوگ ھەققىدە
بۇ بىر ئاياللار پىنھان تىۋىشلار ئارامگاھى!
«پىنھان تىۋىشلار» ئاياللارنىڭ سىردىشى بولسا؛ «ئاياللار گۈلزارى» ئاياللار لاتاپىتىنىڭ جىلۋىلىنىشى؛ «تۇرمۇش ساۋاتلىرى» سىزنى تۇرمۇشقا يېقىنلاشتۇرسا؛ «ئاياللار ساقلىقى» ئائىلىڭىزنىڭ بەختىنى كاپالەتكە ئىگە قىلىدۇ!
يازما ئىزدەش
دوستانە ئۇلىنىشلار

30 ياشلىق ئاياللار قىلىشقا تېگىشلىك 24 مەخپىيەت

30 ياشلىق ئاياللار قىلىشقا تېگىشلىك 24 مەخپىيەت

ۋاقتى: 2016-07-28 ئاۋاتلىقى: 17441 قېتىم

يانفوندا كۆرۈش

 1.كۆڭۈلدىكىدەك كەسىپ بىلەن شۇغۇللىنىش. چۈنكى ئاياللار 30 ياشتىن ئاشقاندىن كېيىن خالىغانچە كەسىپ ئالماشتۇرۇشى قىيىن بولىدۇ.
 2.ئائىلىنىڭ مۇھىملىقىنى تونۇپ يىتىش. مەيلى سىز سىرتتا قانچىلىك كۆڭۈلسىزلىككە ئۇچراڭ، يەنىلا ئۆزىڭىزنى سىغدۇرغۇدەك بىر ئىللىق ماكانىڭىز بولۇشى كېرەك.
 3.ئۆزىنى ياساشقا ماھىر بولۇش. ئۆزىگە ئەڭ مۇۋاپىق كېلىدىغان ئۆزىنى ياساش ماھارىتىنى ئىگىلەش 30 ياشلىق ئاياللار ئۈچۈن ئىنتايىن مۇھىم.
 4.تېرىنى ياخشى ئاسىراش كېرەك. يىللار ئادەمگە باقمايدۇ. ياشلىق باھارىنى ساقلاش ئۈچۈن تېرە قېرىشنىڭ ئالدىنى ئېلىپ، تېرىنى مۇھاپىزەت قىلىشنى بالدۇر باشلاش كېرەك.
 5.ئۆزىگە خاس خاراكتېر يىتىلدۈرۈش. باشىقلارنى دورىماي، ئۆزىنىڭ خاراكتېرىگە ئاساسەن ئىش قىلىش كېرەك.
 6.زىلۋا بەدىنىنى ساقلاش. 30 ياشتىن كېيىن ماي بەدەنگە يىغىلىشقا باشلايدۇ. مايلار يىغىلشىنىڭ ئالدىنى ئېلىش، زىلۋا بەدەننى ساقلاپ قېلىشقا تىرىشىش كېرەك.
 7.تەنھا ياشاشنىڭ تەمىنى تېتىپ بېقىش كېرەك. ياشلىق مەزگىلىدىن پايدىلىنىپ، ئۆزىگە مەنسۇپ بولغان ۋاقىتتىن بەھرلىنىش، كۆپ پىكىر قىلىش، ئۆزى ياخشى كۆرگەن ئىش بىلەن شۇغۇللىنىش كېرەك.
 8.ئاتا-ئانىسىغا كۆيۈنۈش. ئاتا-بالىلار بارغانسېرى قېرىيدۇ. 30 ياشقا كىرگەندە ئاياللار ئۆزىنى مۇھەپىزەت قىلىشتىن سىرت، ئاتا-ئانىسىغا كۆپرەك كۆيۈنۈشى ھەم ئۇلانى دائىم يوقلاپ تۇرۇشى كېرەك.
 9.نىشان بەلگىلەش. نىشاننى بەلگىلەپ بولغاندىن كېيىن، شۇ نىشاننى ئەمەلگە ئاشۇرۇش ئۈچۈن تىرىشىش كېرەك.
 10.بىر خىل چەتئەل تىلىنى ئۆگىنىش. 30 ياش ئانچە چوڭ ھېسابلانمايدۇ. بۇ ۋاقىتتا چەت ئەل تىلىنى كۆپرەك ئۆگىنىش تۇرمۇش ۋە كەسىپكە پايدىلىق.
 11.بىلىم ئاشۇرۇش. 30 ياشتىن بۇرۇن ئادەمنىڭ ئەستە تۇتۇش قابىليىتى يۇقىرى بولىدۇ. شۇڭا ۋاقىتىنى چىڭ تۇتۇپ،ئۆزىنى بىلىم بىلەن قوراللاندۇرۇشى لازىم.
 12.ئاشپەزلىك ماھارىتىنى ئىگىلەش. ئەگەر جورىڭىز بولسا، مەززىلىك تاماقلىرىڭىز بىلەن ئۇنىڭ سىزگە بولغان غەمخورلۇقىنى قايتۇرۇڭ. ناۋادا يالغۇز بولسىڭىز تېخىمۇ ياخشى تاماقلىنىپ، ئۆزىڭىزنى ئاسىراڭ.
 13.چاچ پاسونى بىلەن گىرىم قىلىش جەھەتتە كۆپرەك ئىزدىنىش كېرەك. 30 ياشتىن ئىلگىرى چېچىڭىزنى قانداق پاسوندا ياساتسىڭىز بولىدۇ. ئەمما يىشىڭىز چوڭايغاندا، ئويلىنىپ ئىش قىلىمىسىڭىز كۈلكىگە قالىىسز.
 14.بانكىغا قويۇقلۇق مۇقىم مەبلىغىڭىز بولسۇن. ئىگىلىك تىكلەش، توي قىلىش، جىددىي ئىش چىقىپ قالغاندا ئىشلىتىدىغانغا مۇقىم مەبلەغ بولمىسا بولمايدۇ.
 15.بىر پارچە گىرىمىسىز رەسىمگە چۈشۈپ قويۇش كېرەك. بەدەن زىلۋا، فىگۇرا چىرايلىق ۋاقىتتا بىر پارچە خاتىرە سۈرئەتكە چۈشۈپ قويۇش ناھايتى مۇھىم. بەللەر يوغىناپ تېرىلەر بوشاپ كەتكەندە كېچچىكەن بولىسىز.
 16.مەبلەغ سېلىپ مالىيە باشقۇرۇشنى ئۆگىنۋېلىڭ. ئائىلىنىڭ ئۆزى بىر كىچىك شىركەت، چىقىم بىلەن كىرىم ئوتتۇرىسىدىكى نىسبەتنى بالدۇرراق ئۆگىنىۋېلىڭ.
 17.ئاغىزىڭىزغا ھېزى بولۇڭ. 30 ياشتىن كېيىن ئاياللارنىڭ ئۇششاق-چۈششەك ئىشلىرى كۈنسېرى كۆپىيىدۇ. بۇ تەرەپتىن قاتتىق دىققەت قىلىڭ. چۈنكى ئەرلەر كوت-كوت ئاياللاردىن بەك بىزار.
 18.ساۋاقداش ھەم دوستلار ئارا يىغىلىشلارغا كۆپرەك قاتنىشىڭ. 30 ياشتىن ئىلگىرى ئائىلە تېخى مۇستەھكەم يىلتىز تارتمىغان بولىدۇ. بۇ چاغدا دوستلۇق ئېلىپ كەلگەن خوشاللىقتىن كۆپرەك بەھرىمەن بولۇش كېرەك.
 19.ھەم ئەسلىنى ئۇنتۇماسلىق ھەم زامانغا ماسلىشىپ تۇرۇش كېرەك. ئەنئەنىۋىي پەزىلەتكە ۋارسىلىق قىلىش بىلەن ئائىلە كەيپىياتىنى ياخشىلاپ، ئۆزىنى كۆرسىتىپ تۇرۇش كېرەك.
 20.ئۆزىدە بىر خىل ھەۋەس يېتىلدۈرۈش كېرەك. بۇ مەزگىلدە ئادەمنىڭ زېھنى ئۆتكۈر بولۇپ، بىرەر خىل ھەۋەسنى يىتىلدۈرۈش ناھايىتى ئاسان. بۇنىڭ بىلەن ئادەم بىرەر ئىشقا يولۇقسا ئۆزىنى ئەركىن تۇتالايدۇ.
 21.بالا تەربىيەلەش بىلىملىرىدىن ساۋاتى بولۇش. توي قىلىپ بولغاندىن كېيىن قۇلىقىڭىزنى تەشتۈرسىڭىزمۇ كېچىكمەيسىز، ئەمما بالا تۇغۇلۇپ بولغاندىن كېيىن بۇ توغرىدا كىتاب ۋاراقلىسىڭىز كېچىككەن بولىسىز.
 22.كۆپرەك سۇ ئۈزۈپ بېرىش كېرەك. ئېيتلىشىچە، سۇ ئۈزۈپ بەرگەننىڭ بەدەن گۈزەللىكىنى ساقلاپ قېلىشقا پايدىسى بار ئېكەن. بەدەن سەمىرىپ، ئىسكەت بۇزۇلغاندىن كېيىن سۇدىن چىقماي يېتىۋالغان بىلەنمۇ پايدىسى يوق.
 23.بىر نەچچە قېتىم لاتارىيە بېلىتى سېتىۋېلىڭ. ئاياللار 30 ياشتىن ئىلگىرى تەلەيگە ئىشىنىدۇ. 30 ياشتىن كېيىن تەقدىرگە ئىشىنىدۇ.
 24.بىر قۇر شوخ رەڭلىك ئىچ كىيىم بولۇشى كېرەك. بولمىسا 30 ياشتىن كېيىن ئۇنداق رەڭنى كېيىشكە خىجىل بولىسىز.
بايانات

بۇ بىر ئاياللار پىنھان تىۋىشلار ئارامگاھى!
«پىنھان تىۋىشلار» ئاياللارنىڭ سىردىشى بولسا؛ «ئاياللار گۈلزارى» ئاياللار لاتاپىتىنىڭ جىلۋىلىنىشى؛ «تۇرمۇش ساۋاتلىرى» سىزنى تۇرمۇشقا يېقىنلاشتۇرسا؛ «ئاياللار ساقلىقى» ئائىلىڭىزنىڭ بەختىنى كاپالەتكە ئىگە قىلىدۇ!
مەزكۇر يانبىلوگدىكى مەزمۇنلار خەنزۇچە نوپۇزلۇق تور بېكەتلەردىن تەرجىمە قىلىش ياكى بىر قىسىم تورداشلار ھەمبەھرلىنىش ئاساسىدا تەمىنلەنگەن، پەقەت پايدىلىنىش ئۇچۇرى قىلىشقا بولىدۇ، ئەمما ئەڭ ئاخىرقى دىئاگنۇز قىلىشقا بولمايدۇ، كونكرېت ئىشلاردا يەنىلا دوختۇرنىڭ كۆرسەتمىسىنى ئاساس قىلىشىڭىز كېرەك!
ھەر قانداق ئاياللار كېسەللىكى جەھەتتە مەسلىھەت سورىماقچى، مەھسۇلات سېتىۋالماقچى بولسىڭىز 6598750-0991 غا تېلېفون قىلسىڭىز بولىدۇ. ئۈندىدار نومۇرى: 1489941616

تەلەي قاپىقىدىن چىققان يازمىلار

باھالار

ئىسمىڭىز:

باھالار رېتى