ئاياللار دۇنياسى يانبىلوگى

  • خانزادىلەر گۆھىرى -ئاياللار كىسەللىكىنىڭ يىلتىز ھۇجۇمچىسى

    خانزادىلەر گۆھىرى -ئاياللار كىسەللىكىنىڭ يىلتىز ھۇجۇمچىسى

  • 	 ئەر-ئاياللار ھەققىدە قىزىقارلىق پاراڭلار

    ئەر-ئاياللار ھەققىدە قىزىقارلىق پاراڭلار

  • 30 ياشلىق ئاياللار قىلىشقا تېگىشلىك 24 مەخپىيەت

    30 ياشلىق ئاياللار قىلىشقا تېگىشلىك 24 مەخپىيەت

  • بالىياتقۇ مۇسكۇل ئۆسمىسى ۋە ئۇنىڭ ئالدىنى ئېلىش

    بالىياتقۇ مۇسكۇل ئۆسمىسى ۋە ئۇنىڭ ئالدىنى ئېلىش

  • قىزچاڭ، بۇلارنى چوقۇم بىلىشىڭىز كېرەك

    قىزچاڭ، بۇلارنى چوقۇم بىلىشىڭىز كېرەك

  بۇ بىر ئاياللار پىنھان تىۋىشلار ئارامگاھى!
«پىنھان تىۋىشلار» ئاياللارنىڭ سىردىشى بولسا؛ «ئاياللار گۈلزارى» ئاياللار لاتاپىتىنىڭ جىلۋىلىنىشى؛ «تۇرمۇش ساۋاتلىرى» سىزنى تۇرمۇشقا يېقىنلاشتۇرسا؛ «ئاياللار ساقلىقى» ئائىلىڭىزنىڭ بەختىنى كاپالەتكە ئىگە قىلىدۇ!
بىلوگ ھەققىدە
بۇ بىر ئاياللار پىنھان تىۋىشلار ئارامگاھى!
«پىنھان تىۋىشلار» ئاياللارنىڭ سىردىشى بولسا؛ «ئاياللار گۈلزارى» ئاياللار لاتاپىتىنىڭ جىلۋىلىنىشى؛ «تۇرمۇش ساۋاتلىرى» سىزنى تۇرمۇشقا يېقىنلاشتۇرسا؛ «ئاياللار ساقلىقى» ئائىلىڭىزنىڭ بەختىنى كاپالەتكە ئىگە قىلىدۇ!
يازما ئىزدەش
دوستانە ئۇلىنىشلار

يالغان قىزلىق بىلەن ئېرىنى ئالدىغان قىز

يالغان قىزلىق بىلەن ئېرىنى ئالدىغان قىز

ۋاقتى: 2016-10-18 ئاۋاتلىقى: 9754 قېتىم

يانفوندا كۆرۈش


ئوقۇش پۈتتۈرۈپ بۇ يىل باش باھاردىلا ناھىيىلىك ئوتتۇرا مەكتەپكە تەقسىم قىلىنغان ئائىشە شۇ تاپنىڭ ئۆزىدە كېلىش ئالدىدا تۇرغان توي كۈنىنىڭ ھەلەكچىلىكىدە ئالدىراش يۈرسىمۇ لېكىن نىمدىندۇر ئەنسىرىگەندەك تولىمۇ خامۇش يۈرەتتى. ئەمەليەتتە تويى بولىدىغان قىز خۇشال يۈرسە بولاتتى، بىراق ئاشۇ ئىش، ئەينى يىلى ئونۋېرسىتىت قوينىدىكى ھەسەل يالتىلغان شېرىن - شېكەر سۆزلەرنىڭ كاساپىتىدىن ئەقلىدىن ئېزىپ قىلغان ئاشۇ ئىش ئۇنىڭ يۈركىگە پىچاق بولۇپ تىقىلۋاتاتتى.
- مەن سېنى ئالىمەن جېنىم، سەن بىلەن توي قىلىمەن، چوقۇم... رەپقەتنىڭ تولىمۇ ئەستايىدىللىق بىلەن ئېيتقان ئاشۇ سۆزلىرى ئۇنىڭ قۇلاق تۈۋىدە ھېلىھەم ياڭراپ تۇراتتى. بىراق ھازىر ئالىدىغان ئادەم رەپقەت ئەمەس ناھىيلىك ئىتتپاق كومىتېتىدىكى كېلىشكەن ئوتتۇرا بوي، بەستلىك يىگىت ئالىم ئىدى. ئۇ ئائىشە ئوقۇش پۈتتۈرۈپ كېلشىگىلا ئۇنىڭغا كانىدەك يېپىشۋالغان ئىدى، ئائىشە دەسلەپتە ئانچە كۆڭۈل بەرمىدى، بىراق رەپقەتنىڭ قىلغۇلۇقنى قىپ قويۇپ ھاڭگا ئىشەكتەك ئۈنسىزلا يوقاپ كەتكىنىنى ئويلاپ ئالىمغا بارا - بارا كۆنۈپ قالدى. ئەمما تۇنجى پاكلىقىنى ئۆمۈرلۈك ئىشىنىپ رەپقەتكە بېغىشلىۋەتكىنىنى ئويلىغىنىدا ئۆزىگە باشچىلاپ بېرىلىپ كەتكەن ئالىمغا ئىچى ئاغرىيتتى، رەپقەتنى ئىچىدە مىڭنى تىللايتى، ئەمدى نىمىلا قىلغان بىلەن قىز ئەمەس چوكاندە. ھەي بىچارە ئالىم ...
توي يېقىنلاشقانسىرى توي كېچىسىنى ئويلاپ ئائىشەنىڭ كۆزلىرىدىن ياش قۇرىمىدى، ئەگەر شۇ كۈنى ئۇنىڭ پاك ئەمەسلىكى سېزىلىپ قالسا ئۇ تۈگىشەتتى. ئالىم بولدى قىلۋەتسە ئۇ باشقا گەپ ...
شەنبە كۈنى ئىدى. ھاۋا خېلىلا ئوچۇق بولۇپ ئەتىيازنىڭ ئىزغىرىن شامىلى كىشىگە ھوزۇر بېغىشلايتتى. سەھەردىلا ئورنىدىن تۇرۇپ كەتكەن ئائىشە تۇيۇقسىزلا ئۇنۋېرسىتىتتا ئوقۇۋاتقان چېغىدا بىر دوستىنىڭ قىزلىق سالدۇرغىنىنى ئەسكە ئالدى -دە، بىردىنلا تېتىكلىشىپ كەتتى. سومكىلىرىنى ئېلىپ ئۆزىنى تۈزەشتۈرۈپ شەھەرگە قاراپ يول ئالدى. ناھىيە شەھەرگە يېقىن بولغانلىقتىنمۇ ياكى ئابتۇبۇس ئىتتىك ماڭدىمۇ ئەيتاۋۇر كۆزنى يۇمۇپ ئاچقۇچە شەھەرگە يېتىپ كەلدى. سۈرۈشتۈرۈپ يۈرۈپ ئاغرىتماي قىزلىق سالىدىغان ھېلىقى دوختۇرخانىنى تاپتى...
ئارىدىن ئىككى ئاي تىزلا ئۆتۈپ كەتتى. مانا، ئەتە ئالىم بىلەن ئائىشەنىڭ تويى. مەھەللە كوي، تونۇش - بىلىشلەرنىڭ ھەممىسگە باغاق تارقىتىلىپ بولۇندى. ھەممە توينىڭ تەييارلىقىدا پايپېتەك بولۇشۇپ يۈرۈشەتتى. لېكىن ئائىشە يەنە نىمىگىدۇر خاتىرجەم بولالمايۋاتاتتى.كەچكى شەپەقنىڭ تۇمانلىرى ئارىسغا پېتىپ كېتىۋاتقان قوياشقا قاراپ ئۇھسىنىۋاتاتتى. ئۇنىڭغا نېمىلا ئامال ئىشلەتكەن بىلەن سېزىلىپ قالدىغاندەك. ئۆگۈنلۈككە ئەتىگەندە ئالىم (ئىلگىرى كىم بىلەن؟؟؟) دەپ سوراق قىلىپ ئۇرۇپ يۈز -كۆزىنى قانغا بويىۋېتىدىغاندەك، سۆرەپ تالاغا تاشلىۋېتىدىغاندەك، ھوجرىسدىن ھەيدەپ چىقىرۋېتىدىغاندەك تۇيۇلۋاتاتتى. ئەنە شۇ دىلىغۇللۇق ھەم گۇماننىڭ ئىسكەنجىسدە تاڭ ئېتىپ، قاق سەھەردە نىكاھ ئوقۇلۇپ قىز ۋە يىگىتنىڭ ئۆيىدە تەڭلا توي باشلاندى .
ئائىشە قاچانلاردا ئالىملارنىڭ ئۆيىگە ئېلىپ كېلىنگىننىمۇ سەزمىدى. دوستلىرى ئۇنىڭ ئەتراپىدا پەرۋانىدەك تىپىرلىشىپ يۈرىشەتتى. بىر چاغلاردا ئۇلارمۇ تارقاپ كېتىشتى. ئۆيدە ئالىم بىلەن ئائىشەلا ئېلىكتىر لامپۇچكىنىڭ كېچە قاراڭغۇسىنى يورۇتۇپ تۇرغىنىغا نارازى بولغاندەك ئۈنسىز ئولتۇرىشاتتى. ئاخىرى ئالىم نەپسىگە ھاي بېرەلمەي ئېغىز ئاچتى.
- مەن بەختىمنى تاپتىم، سىزچۇ؟- ئائىشە ئۈندىمىدى .
- سىز بىلەن توي قىلالىغانلىقىم مېنىڭ مۇشۇ دۇنيادىكى ئەڭ بەختلىك ئەر ئىكەنلىكىمنىڭ ئىسپاتى. شۇنداقمۇ؟ گەپ قىلىڭە جېنىم...
- ئائىشە ئۈنسىز يەردىن بېشنى ئۈزمەي ئولتۇراتتى. ئۇنىڭ نېمىلەرنى ئويلاۋاتقانلىقى بىر ئۆزىگە ئايان ئىدى. ئالىم ئاستا - ئاستا ئۇنىڭغا يېقىنلىشىشىشقا باشلىدى ...
شۇنداق قىلىپ ئائىشە ئەنسىرىگەن توي كېچسىمۇ تېنچ ئامان ئۆتۈپ كەتتى. ئۇ ئويلىغاندەك ئىشلارمۇ يۈز بەرمىدى. يىگىتلەرنىڭ يۈرەك تارىنى تېترىتىدىغان، شېرىن ئاينىڭ تۇنجى كېچىسىنى ئانچە قىينالمايلا ئۆتكۈزگەن ئالىممۇ خېلىلا روھلۇق كۆرۈنەتتى.
سۈنئى قىزلىقمۇ تەبئىي تۇيغۇ بەردىمۇ ياكى بۇ ھېچكىمگە ئايدىڭ بولمىغان بىر سىر بولۇپ قالدى.
ئاھ! قۇرۇق ئۆستەڭگە مىراب بولۇپ قالغان بايقۇش ئالىم. ئارىمىزدا ئىسمى نامەلۇم قانچىلىغان ساننى تەشكىل قىلىدىغانسەن! قانچىلىغان ئالىملار باشقىلار يالاپ تاشلىۋەتكەن يالاق تاۋاقدىن ھوزۇرلىنىپ يۈرىدىغانسەن
مەنبە: شىنجاڭ ياشلىرى ژورنىلى
بايانات

بۇ بىر ئاياللار پىنھان تىۋىشلار ئارامگاھى!
«پىنھان تىۋىشلار» ئاياللارنىڭ سىردىشى بولسا؛ «ئاياللار گۈلزارى» ئاياللار لاتاپىتىنىڭ جىلۋىلىنىشى؛ «تۇرمۇش ساۋاتلىرى» سىزنى تۇرمۇشقا يېقىنلاشتۇرسا؛ «ئاياللار ساقلىقى» ئائىلىڭىزنىڭ بەختىنى كاپالەتكە ئىگە قىلىدۇ!
مەزكۇر يانبىلوگدىكى مەزمۇنلار خەنزۇچە نوپۇزلۇق تور بېكەتلەردىن تەرجىمە قىلىش ياكى بىر قىسىم تورداشلار ھەمبەھرلىنىش ئاساسىدا تەمىنلەنگەن، پەقەت پايدىلىنىش ئۇچۇرى قىلىشقا بولىدۇ، ئەمما ئەڭ ئاخىرقى دىئاگنۇز قىلىشقا بولمايدۇ، كونكرېت ئىشلاردا يەنىلا دوختۇرنىڭ كۆرسەتمىسىنى ئاساس قىلىشىڭىز كېرەك!
ئاياللار كېسەللىكى جەھەتتە مەسلىھەت سورىماقچى، مەھسۇلات سېتىۋالماقچى بولسىڭىز 18699161170 غا تېلېفون قىلسىڭىز بولىدۇ. ئالاقىلىشىش ئۈندىدارى: 1489941616

تەلەي قاپىقىدىن چىققان يازمىلار

باھالار

ئىسمىڭىز:

باھالار رېتى