بۇ بىر ئاياللار پىنھان تىۋىشلار ئارامگاھى!
«پىنھان تىۋىشلار» ئاياللارنىڭ سىردىشى بولسا؛ «ئاياللار گۈلزارى» ئاياللار لاتاپىتىنىڭ جىلۋىلىنىشى؛ «تۇرمۇش ساۋاتلىرى» سىزنى تۇرمۇشقا يېقىنلاشتۇرسا؛ «ئاياللار ساقلىقى» ئائىلىڭىزنىڭ بەختىنى كاپالەتكە ئىگە قىلىدۇ!
ئاياللار نېمە ئۈچۈن ھېسسىياتچان كېلىدۇ؟
-
ئاياللار نېمە ئۈچۈن ھېسسىياتچان كېلىدۇ؟
ۋاقتى: 2016-08-06 ئاۋاتلىقى: 2283 قېتىميانفوندا كۆرۈش
ئاياللار نېمە ئۈچۈن ھېسسىياتچان كېلىدۇ؟
ئامېرىكىدا ئېلىپ بېرىلغان تەكشۈرۈشكە قارىغاندا، ئامېرىكىدا غەمكىنلىكنىڭ دەردىنى تارتىپ كېلىۋاتقان قۇرامىغا يەتكەنلەر 19 مىليوندىن ئاشقان بولۇپ، ئۇلارنىڭ كۆپ قىسمى ئاياللار ئىكەن. تۇغما غەمكىنلىك ئەرلەرگە قارىغاندا ئاياللاردا ئېغىر بولىدىكەن، ئاياللار بىر ئىشنى ئىچىگە بەك ئېلىپ كېتىپ، ھەر قانداق ئىشنىڭ يامان تەرىپىنى بەكرەك ئويلاپ غەمكىن، گۇمانخور بولۇپ قالىدىكەن. ئاياللاردا بۇنداق خاراكتېرنىڭ يېتىلىپ قېلىشىدا ئۇلاردىكى فىزىئولوگىيىلىك ئالامەت ھەل قىلغۇچ رول ئوينايدىكەن. ئۇلاردا ئەندىشە كۆرۈلگەندە، چوڭ مېڭىسىنىڭ ھېسسىياتنى باشقۇرىدىغان قىسمى ئانچە ئىشلىمەي، تىل ۋە ئابىستراكت تەپەككۇر قىلىشنى باشقۇرىدىغان قىسمى جانلىنىپ كېتىدىكەن. چوڭ مېڭىسى ھېسسىياتىنىڭ پەرقىنى ئانچە پەرق ئېتەلمەيدىكەن. چوڭ مېڭىسى ھېسسىياتىغا ھۆكۈم قىلالمىغاندا، غەمكىنلىك تېشىغا تېپىپ، ئىچكى ئەزالىرىدا غىدىقلىنىش خاراكتېرلىك قوشۇمچە ئىنكاس كۆرۈلىدىكەن، يەنى ئىچكى ئەزالىرى ئۆزلۈكىدىن جىددىيلىشىشكە باشلاپ، ۋاقىتنىڭ ئۆتۈشىگە ئەگىشىپ ئۈچىيىنىڭ ئىقتىدارى قالايمىقانلىشىپ، ھەزىم قىلىش ئىقتىدارى ناچارلىشىش ئالامەتلىرى كۆرۈلۈپ، غەمكىنلىكى تېخىمۇ كۈچىيىپ كېتىدىكەن. مۇشۇنداق ئەھۋال قايتىلىنىۋەرسە، ئاياللارنىڭ غەمكىنلىكى تېخىمۇ ئېغىرلاپ كېتىدىكەن.
پسىخولوگلار ئاياللاردىكى غەمكىنلىكنى تۈگىتىشنىڭ مۇنداق ئىككى ئامالىنى تونۇشتۇردى: بىرىنچى، كۈندىلىك خاتىرە تۇتۇش. ئاياللار ئۆزى غەم قىلىۋاتقان ئىشلارنى ھەر كۈنى خاتىرە دەپتىرىگە يېزىپ قويۇپ، بىر مەزگىل ئۆتكەندىن كېيىن يېزىپ قويغانلىرىنى ئوقۇپ كۈلۈپ كېتىشى مۇمكىن–دە، غەمدىن قۇتۇلۇشى مۇمكىن. ئىككىنچى، روھىي كەيپىياتىنى تەڭشەپ، ئۇتۇق ۋە مەغلۇبىيەتنى چوڭ بىلمەي، ئەندىشىگە سالغان مەسىلىنىڭ ھازىرقى نەتىجىسىنى كۆرۈپ، ۋەسۋەسىدىن نېرى تۇرۇپ، كەلگۈسىگە بولغان تەلپۈنۈشىنى يېتىلدۈرۈشى كېرەك.
مەنبە: كۆزنەك سالونىTags:تەلەي قاپىقىدىن چىققان يازمىلار
نىكاھ قاچىغا مۇھاببەت تاماققا ئوخشايدۇ
2016-01-05 17:25:071009بۇ دەل ئاياللار ئارزۇلايدىغان تۇرمۇش
2015-11-12 15:18:382313ئەرلەر مەڭگۈ ئەسلەيدىغان ئاياللار مۇنداق بولىدۇ
2016-01-01 15:59:585421بۇلارنىڭ ئەمەلىيەتتە تورت ئىكەنلىكىگە ئىشىنەمسىز
2015-12-02 05:14:461376ئاياللارنىڭ تەلىپىنى مۇنداق قاندۇرۇڭ
2015-10-18 11:43:374456قىزلارنىڭ ئوغۇللارغا كۆڭلى بار بولسا بۇنداق قىلى
2015-12-18 19:37:593980قىزلارغا 100 نەسىھەت--ئاۋازلىق 1-سان
2016-03-19 20:22:031265ئاياللار ئەقىللىق ، ئەمما ئۆزلىرى ئويلىغاندەك ئۇ
2015-10-25 11:49:321935
- باھالار
-
ئىسمىڭىز:
- باھالار رېتى
-