ئاياللارنىڭ تەلىپىنى مۇنداق قاندۇرۇڭ
-
ئاياللارنىڭ تەلىپىنى مۇنداق قاندۇرۇڭ
ۋاقتى: 2016-07-26 ئاۋاتلىقى: 4459 قېتىميانفوندا كۆرۈش
1. ئاياللار ئىنتايىن سەزگۈر ھەم گۇمانخور كىلىدۇ. ئەرلەردىن تەلەپ قىلىدىغىنىمۇ كۆپرەك بولىدۇ. بىراق سىز سەل ئەقىللىق بولسىڭىز ئۇنىڭ بۇ مىجەزىنى كونترول قىلالايسىز، يەنى ئىشىكتىن چىققۇچە ئۇنىڭ مەڭزىگە يىنىك سۈيۈپ خوشلاشسىڭىز، ئۆيگە كىرگەندىن كېيىن يىنىك قۇچاقلاپ قويسىڭىز، بۇ ئۇنى قەۋەتلا تەسىرلەندۈرىدۇ؛
2. ھېچ ئىشتىن ھېچ ئىش يوق ئايالىڭىزغا ھومايماڭ. بىر ئەر ئۈچۈن بۇ بەكمۇ سەت ئىش. چۈنكى سىز ئالدىراش خىزمەت قىلىۋاتقان ۋاقتىڭىزدا ئايالىڭىزمۇ ئوخشاشلا خىزمەت قىلىدۇ، ئىشتىن چۈشكەندىن كېيىن سىز ھاردىم دەپ سافادا ئولتۇرغىنىڭىزدا، ئۇ يەنىلا ئالدىراش ئۆي ئىشلىرىنى قىلىدۇ؛
3.ئەرلەر ئۈچۈن خىزمەت بىلەن كەسىپ مۇھىم، ئاياللار ئۈچۈن ئائىلە بىلەن ئەر مۇھىم. شۇڭا ئايالىڭىزنى دوستلىرى ئالدىدا چوقۇم ئۆزىڭىزنىڭ ئۇنى بەكمۇ ياخشى كۆرىدىغانلىقىڭىزنى ئىپادىلەپ تۇرۇڭ؛
4.ئەرلەر چىرايلىق قىزلارغا قاراشنى ياخشى كۆرگەنگە ئوخشاش ئاياللارمۇ قاملاشقان ئەرلەرگە قاراپ قويىدۇ، شۇڭا ئۇنى سەۋەپسىز كۈنلىمەڭ. ئېسىڭىزدە بولسۇنكى، سىزلا ئۇنى خوشال قىلسىڭىز، ئۇنى قەدىرلىسىڭىز، ئۇ ھەرگىز باشقا ئەرلەرگە كۆز قىرىنىمۇ سالمايدۇ؛
5.ئايالىڭىز كۆيۈنىشىڭىزگە مۇھتاج، ئۇ سىزنىڭ ئاچچىغىڭىزنى چىقىرىدىغان ئەرمىكىڭىز ئەمەس، شۇڭا ئۇنىڭغا ھەرگىز قول تەككۈزمەڭ. ئەگەر ئۇنى ياخشى كۆرمەس بولۇپ قالسىڭىز چىرايلىقچە ئۇنىڭدىن ئايرىلسىڭىز بولىدۇ، بىراق تىرىك تۇرۇپ ئۇنى ئازابلىماڭ؛
6.ئاياللار ئەرلەرنىڭ «ئەرلىك ئۈستۈنلۈكى»نى ياخشى كۆرىدۇ، بىراق چەكتىن ئاشۇرۋەتمەسلىكىڭىزنى ئۈمۈد قىلىدۇ؛
7.ئائىلە مەڭگۈ بىرىنجى ئورۇندا تۇرىدۇ، شۇڭا خىزمىتىڭىز ھەرقانچە ئالدىراش بولسىمۇ ئائىلىنىڭ بارلىق ئىشلىرىنى ئايالىڭىزغا يۈكلەپ قويماڭ، زادى يېتىشىپ بولالمىسىڭىز، چىرايلىق سۆزلەر بىلەن ئۇنىڭغا تەسەللىي بىرىڭ؛
ئىككى ئادەم بىرگە ياشىغاندا مۇھىمى سەمىمىيلىك، ئەپۇ قىلىش، چۈشىنىش. شۇڭا ئۇنى چۈشىنىڭ، ھۆرمەتلەڭ. چۈنكى ئۇ سىز ياخشى كۆرگەن، سىز سۆيگەن، سىزنىڭ خىزمىتىڭىزنى ۋايسىماي ئىشلەپ كېلىۋاتقان ئايال.
تەلەي قاپىقىدىن چىققان يازمىلار
ئاياللارنىڭ ئەڭ چوڭ دۈشمىنى پۇل ياكى ۋاقىت ئەمەس
2015-11-01 00:54:245371ئاياللار ياللۇغلىنىشلىق كېسەللىكلەر قايسى ئەگەشم
2015-11-28 01:30:481992ئاياللار ئۆلۈپ كىتىدىغان ئىش بولسىمۇ مۇشۇ ئىشلار
2015-12-15 17:10:375239ھامىلىدارلىق مەزگىلىدە جىنسىي مۇناسىۋەت قىلىشقا
2016-01-27 11:44:485926ئەرلەرنى سىرتقا قاراتماسلىق ئۈچۈن بىلىشكە تېگىشل
2015-12-19 16:39:016598ﺋﺎﻳﺎﻟﻼﺭﻧﯩﯔ ﻛﻮﺗﯘﻟﺪﯨﺸﻰ ﺋﻪﺭﻟﻪﺭﻧﯩﯔ ﺳﺎﻏﻼﻣﻠﯩﻘﯩﻐﺎ ﭘﺎﻳﺪﯨ
2016-01-06 13:45:171764ئايال سىرتقا قاراپ قاپتۇ، بىر كۈنى ئۇ ئېرىدىن سو
2015-12-18 19:28:206250دالانچە چوڭ بەز ياللۇغى دېگەن نېمە؟
2015-11-10 03:13:541487
- باھالار
-
ئىسمىڭىز:
- باھالار رېتى
-