ئاياللار دۇنياسى يانبىلوگى

  • خانزادىلەر گۆھىرى -ئاياللار كىسەللىكىنىڭ يىلتىز ھۇجۇمچىسى

    خانزادىلەر گۆھىرى -ئاياللار كىسەللىكىنىڭ يىلتىز ھۇجۇمچىسى

  • 	 ئەر-ئاياللار ھەققىدە قىزىقارلىق پاراڭلار

    ئەر-ئاياللار ھەققىدە قىزىقارلىق پاراڭلار

  • 30 ياشلىق ئاياللار قىلىشقا تېگىشلىك 24 مەخپىيەت

    30 ياشلىق ئاياللار قىلىشقا تېگىشلىك 24 مەخپىيەت

  • بالىياتقۇ مۇسكۇل ئۆسمىسى ۋە ئۇنىڭ ئالدىنى ئېلىش

    بالىياتقۇ مۇسكۇل ئۆسمىسى ۋە ئۇنىڭ ئالدىنى ئېلىش

  • قىزچاڭ، بۇلارنى چوقۇم بىلىشىڭىز كېرەك

    قىزچاڭ، بۇلارنى چوقۇم بىلىشىڭىز كېرەك

  بۇ بىر ئاياللار پىنھان تىۋىشلار ئارامگاھى!
«پىنھان تىۋىشلار» ئاياللارنىڭ سىردىشى بولسا؛ «ئاياللار گۈلزارى» ئاياللار لاتاپىتىنىڭ جىلۋىلىنىشى؛ «تۇرمۇش ساۋاتلىرى» سىزنى تۇرمۇشقا يېقىنلاشتۇرسا؛ «ئاياللار ساقلىقى» ئائىلىڭىزنىڭ بەختىنى كاپالەتكە ئىگە قىلىدۇ!
بىلوگ ھەققىدە
بۇ بىر ئاياللار پىنھان تىۋىشلار ئارامگاھى!
«پىنھان تىۋىشلار» ئاياللارنىڭ سىردىشى بولسا؛ «ئاياللار گۈلزارى» ئاياللار لاتاپىتىنىڭ جىلۋىلىنىشى؛ «تۇرمۇش ساۋاتلىرى» سىزنى تۇرمۇشقا يېقىنلاشتۇرسا؛ «ئاياللار ساقلىقى» ئائىلىڭىزنىڭ بەختىنى كاپالەتكە ئىگە قىلىدۇ!
يازما ئىزدەش
دوستانە ئۇلىنىشلار

ئەرلەرنى سىرتقا قاراتماسلىق ئۈچۈن بىلىشكە تېگىشلىك بىلىملەر

ئەرلەرنى سىرتقا قاراتماسلىق ئۈچۈن بىلىشكە تېگىشلىك بىلىملەر

ۋاقتى: 2016-11-08 ئاۋاتلىقى: 7051 قېتىم

يانفوندا كۆرۈش

ئۈرۈمچى كەچلىك گېزىتى خەۋىرى:

ئېرىڭىزنى قايتۇرۇپ كەلگىڭىز بارمۇ؟ ئۇنداقتا، تۆۋەندىكىلەرگە نەزىرىڭىزنى ئاغدۇرۇپ، قانداق قىلىش كېرەكلىكىنى ئۆگىنىۋېلىڭ.

قالايمىقان خىياللارنى قىلىپ، ئېرىڭىزدىن دائىم گۇمانلىنىپ يۈرمەي، كاللا ئىشلىتىپ ئۇنى يېنىڭىزغا ئۆزلۈكىدىن قايتىپ كېلىدىغان قىلىڭ. ئاياللار تۇرمۇشتا ئەرلەرگە قارىغاندا سەزگۈر كېلىدۇ، شۇڭا ئېرى تالاغا قارىغان ھامان، ئاياللار ناھايىتى تېزلا بۇنى سېزىۋالالايدۇ، لېكىن نۇرغۇن ئاياللار بۇنداق چاغلاردا ئېرىنىڭ نەدە تۇرۇپ، نېمە قىلىۋاتقىنىنى يىپىدىن-يىڭنىسىغىچە سۈرۈشتۈرۈپ، ئېرىنى بىزار قىلىپ قويىدۇ. تەۋسىيەم: ئەڭ ياخشىسى بۇرۇنقىدەك ئېرىڭىزگە كۆيۈنۈڭ، ئۇنىڭ بىلەن سىردىشىڭ، مەيلى ئۇ خالىسۇن خالىمىسۇن، ئۇنىڭ ھالىدىن خەۋەر ئېلىشنى توختاتماڭ، بۇخىل مېھرىبانلىق ئۇنى ھامان بىر كۈنى تەسىرلەندۈرىدۇ.

2. ئېرىڭىزنىڭ ئالدىدا ئۆز بېشىمچى، ھاكاۋۇر بولۇشتىن ساقلىنىڭ.

ئاياللار كىچىكىدىن تارتىپ تاكى توي قىلغۇچە، ئائىلىسىدىكىلەرنىڭ ئاسرىشى، كۆپرەك كۆڭۈل بۆلۈشى ئاستىدا چوڭ بولىدۇ، شۇڭا كۆپلىگەن ئاياللار توي قىلغاندىن كېيىنمۇ ئېرىنىڭ دائىم كۆڭۈل بۆلۈشىنى، ئۆزىدىن باشقا ئىشنى مۇھىم دەپ بىلىمەسلىكىنى ئۈمىد قىلىدۇ. ئېسىڭىزدە بولسۇنكى، ئەرلەرنىڭ ئويلايدىغىنى ئاياللارنىڭكىدىن كۆپ بولىدۇ، شۇڭا سىز ئۇنىڭدىن كۆيۈنۈشنى تەلەپ قىلسىڭىز، ئالدى بىلەن سىز ئۇنىڭغا كۆيۈنۈشنى بىلىڭ. شۇنداق قىلسىڭىز ئۇ ئائىلىنىڭ ئىللىقلىقىنى ھەقىقىي ھېس قىلىدۇ، ھەرگىزمۇ سىرتقا قارىمايدۇ.


3. مۇھەببىتىڭىزنى ئېرىڭىزدىن ئايىماڭ.

نۇرغۇن ئاياللاردا ئېرىگە ئۆزىنىڭ ئۇنى سۆيىدىغانلىقىنى بىلدۈرۈپ قويسا ھەدىدىن ئېشىۋالىدۇ، شۇڭا ئۇنى مەڭگۈ تېڭىرقاش ئىچىدە ئۆتكۈزۈش كېرەك، دەيدىغان قاراش بار. مېنىڭچە، بۇ قاراش بىر تەرەپلىمىلىك. سۆيگەنىكەنسىز، قارشى تەرەپكە بىلدۈرۈشىڭىز، ئۇنىڭغا قانچىلىك دەرىجىدە كۆيۈنىدىغانلىقىڭىزنى، ئائىلىنىڭ ئۇنىڭغا موھتاج ئىكەنلىكىنى ھېس قىلدۇرۇشىڭىز كېرەك. شۇندىلا ئۇ ئۆزىنىڭ بۇ ئائىلە ئۈچۈن قانچىلىك مۇھىم ئىكەنلىكىنى بىلىدۇ ۋە ئاستا ئاستا يېنىڭىزغا قايتىپ كېلىدۇ.

4. ھەممە ئىشتا ئېرىڭىزگە يۆلىنىۋالماڭ.

كۆپلىگەن ئاياللار بىر ئىش قىلماقچى بولسا گەرچە شۇ ئىشنى قىلىش ئۇنىڭ قولىدىن كەلسىمۇ، ئېرىنىڭ ئالدىدا قەستەن قىلالمايدىغان قىياپەتكە كىرىۋالىدۇ. ئېسىڭىزدە بولسۇنكى، بۇنداق قىلىۋەرسىڭىز ئېرىڭىز تەبىئىي سىزدىن بىزار بولىدۇ، سىزدىن يىراقلىشىشقا باشلايدۇ.

تەۋسىيەم: ئەڭ ياخشىسى ئۆزىڭىز قىلالايدىغان ئىشنى ئۆزىڭىز قىلىڭ، ئائىلىدىن خۇشاللىق ئىستىمەكچى بولسىڭىز ئەڭ ياخشىسى ئۇنى ئۆزىڭىزدىن، ۋۇجۇدىڭىزدىن ئىزدەڭ.

5. دائىم كوتۇلداپ، ئېرىڭىزنىڭ بېشىنى ئاغرىتماڭ.

تويدىن كېيىن، بىر قىسىم ئاياللارنىڭ ئېرىگە بولغان پوىتسىيەسى ئۆزگىرىدۇ، دائىم ئۇنىڭ ئىشىغا ئارىلىشىۋالىدىغان، ئۇنىڭ ئۆز ئالدىغا ئىش قىلىشقا پۇرسەت بەرمەيدىغان ئەھۋاللار مەۋجۇت. گەرچە ئەر-خوتۇنچىلىقتا ياكى ئۇنداق ياكى بۇنداق ئۇششاق-چۈششەك ئىشلار يۈز بېرىپ تۇرسىمۇ ئاياللار كەيپىياتنىڭ ئوڭشاشقا ماھىر بولمىسا، ئېغىر ئاقىۋەتلەرنىڭ كېلىپ چىقىشتىن ساقلانماق تەس. ئەلۋەتتە، ئاياللار ئائىلە ئۈچۈن ئەڭ كۆپ كۈچ سەرپ قىلىدۇ، بۇنىڭغا كۆز يۇمغىلى بولمايدۇ. لېكىن شۇنىڭلىق بىلەن ئېرىگە قوپال تېگىدىغان، ئېرىنىڭ قىلغان ئىشنى يوققا چىقىرىۋېتىش تولىمۇ ئەخمىقانىلىق. شۇڭا تەۋسىيەم: قىلغان ئىشىڭىزنى ئررىڭىزگە دەپ يۈرمەڭش ئۇ ئۆزلۈكىدىن ھېس قىلسۇن، ئارتۇق ئىشقا چېچىلماڭ، بۇ ئۆزىگىمۇ، قارشى تەرەپكىمۇ پايدىسىز. شۇنداق قىلالىسىڭىزلا، ئېرىڭىزدىن ئەنسىرەشنىڭ ھاجىتى يوق.

مەنبە: ئۈرۈمچى كەچلىك گېزىتى

بايانات

بۇ بىر ئاياللار پىنھان تىۋىشلار ئارامگاھى!
«پىنھان تىۋىشلار» ئاياللارنىڭ سىردىشى بولسا؛ «ئاياللار گۈلزارى» ئاياللار لاتاپىتىنىڭ جىلۋىلىنىشى؛ «تۇرمۇش ساۋاتلىرى» سىزنى تۇرمۇشقا يېقىنلاشتۇرسا؛ «ئاياللار ساقلىقى» ئائىلىڭىزنىڭ بەختىنى كاپالەتكە ئىگە قىلىدۇ!
مەزكۇر يانبىلوگدىكى مەزمۇنلار خەنزۇچە نوپۇزلۇق تور بېكەتلەردىن تەرجىمە قىلىش ياكى بىر قىسىم تورداشلار ھەمبەھرلىنىش ئاساسىدا تەمىنلەنگەن، پەقەت پايدىلىنىش ئۇچۇرى قىلىشقا بولىدۇ، ئەمما ئەڭ ئاخىرقى دىئاگنۇز قىلىشقا بولمايدۇ، كونكرېت ئىشلاردا يەنىلا دوختۇرنىڭ كۆرسەتمىسىنى ئاساس قىلىشىڭىز كېرەك!
ئاياللار كېسەللىكى جەھەتتە مەسلىھەت سورىماقچى، مەھسۇلات سېتىۋالماقچى بولسىڭىز 18699161170 غا تېلېفون قىلسىڭىز بولىدۇ. ئالاقىلىشىش ئۈندىدارى: 1489941616

تەلەي قاپىقىدىن چىققان يازمىلار

باھالار

ئىسمىڭىز:

باھالار رېتى