بەخىتلىك قىزلار مۇنداق قىلىدۇ
-
بەخىتلىك قىزلار مۇنداق قىلىدۇ
ۋاقتى: 2016-06-28 ئاۋاتلىقى: 2282 قېتىميانفوندا كۆرۈش
بەخىتلىك قىزلار مۇنداق قىلىدۇ
قىزلار چوقۇم بىلىشى كېرەك:
1. ئەرلەرنى تاللىغاندا باشقا نەرسە ئەمەس، چوقۇم ئۆزىڭىزگە كۆيۈنىدىغاننى تاللاڭ، مەيلى ئۇ قانچە باي بولسۇن، قانچىلىك تالانتى بولسۇن، قانچىلىك كېلىشكەن بولسۇن، قانچىلىك ناتىق بولسۇن، قانچىلىك قابىلىيەتلىك بولسۇن، قانچىلىك ۋاپادار بولسۇن، سىزگە كۆيۈنمىسە ھەممىسى بىكار!
2. پىسخىك دوختۇرلىرىنىڭ ئاياللارغا بەرگەن مەسلىھەتى« مەيلى سىز قارشى تەرەپنى قانچىلىك ياخشى كۆرۈڭ، مۇھەببەتتىكى تەشەببۇسكارلىق چوقۇم ئەرلەردە بولۇشى كېرەك، ئەگەر بۇ ئەر تەشەببۇسكار بولمىسا، كېتىپ قالسا مەيلى»
3. ھەمرايىڭىز بولمىغان چاغدا، مەيلى قانچىلىك تەنھا بولۇڭ،يەنىلا خوشال بولالايسىز. بۇ ۋاقىتتا، تەنھالىق بىر مەنزىل. سىز تەنھا دۇنيانى ئايلانسىڭىز ، نۇرغۇن دوست تۇتسىڭىز بولىدۇ. سىز يەنە ئىشتىن چۈشكەندىن كېيىن، دەرھال ئۆيگە قايتىپ، ئۆزىڭىزنىڭ دۇنياسىدىن ھوزۇرلانسىڭىز بولىدۇ. بىر ئادەمنىڭ تەنھالىقى قورقۇنچلۇق ئەمەس. ئەڭ قورقۇنچلۇقى، ھەمرا بار تۇرۇپمۇ يالغۇز قېلىش.
4. بىر دادىنى قىزىغا قىلغان نەسىھىتى، بەزىلەر سىزگە ماس كېلىدۇ، لېكىن سىزنى سۆيمەيدۇ،بەزىلەر سىزنى سۆيىدۇ، لېكىن ماس كەلمەيدۇ. سۆيگەن-سۆيمىگەنلىكىنى بىلىش ئۈچۈن قۇلاق بىلەن ئاڭلاپ كۆز بىلەن كۆرۈشكە بولمايدۇ. ئۇنىڭ سىز ئۈچۈن قانچىلىك قۇربانلىق بېرەلەيدىغانلىقىغا قاراڭ.ماس كېلىدىغان كەلمەيدىغانلىقىنى بىلىش ئۈچۈن، ئۆزىڭىزنىڭ كۈلكىسى ۋە يېشىدىن سوراڭ. سىزنى داۋاملىق يىغلىتىدىغانلارنىڭ شارائىتى قانچە ياخشى بولسىمۇ بىرگە ئۆتسىڭىز بولمايدۇ، سىزنى كۈلدۈرىدىغانلار بىلەن جاپادا قالسىڭىزمۇ ئەرزىيدۇ.
5. بەزى ئەرلەر سىزنى ئۆمۈرلۈك ياخشى كۆرىدۇ. بەزى ئەرلەر سىزنى بىردەمچىلىك ياخشى كۆرىدۇ. سىزنى بىر ئۆمۈر ياخشى كۆرىدىغانلار بەك كۈچەپ كەتمەيدۇ، چۈنكى ئۇ كۈچىنى تۇرمۇشقا بېرىدۇ، بىردەملىك ياخشى كۆرىدىغانلار بار كۈچىنى بېرىدۇ، چۈنكى ئۇنىڭغا سىزنى ياخشى كۆرگەن بولسا، ئۇخلاپ باققان ۋە تاشلاپ باققان بولسىلا كۇپايە.
6. ئەرلەرنىڭ ئاياللارغا بولغان ئازابى، چوقۇم باشقىلارنى ياخشى كۆرۈپ قېلىشى بولۇشى ناتايىن، بەلكى ئۇ ئايالى ئۇنىڭدىن ئۈمىد كۈتكەن چاغدا ئۇنى ئۈمىدسىزلەندۈردى، ئۇ ئاجىز چاغدا ئۇنىڭغا تەسەللىي بەرمىدى.
7. قىزچاقلار ئېسىڭلاردا بولسۇن: ئانچە پۇلى يوق، لېكىن سىلەر ئۈچۈن پۇل خەجلەشكە كۆزى قىيىدىغان ئادەمنى تېپىڭلار، شۇنچە باي تۇرۇپ كىچىك نەرسىلەردىمۇ زىغىرلاپ كېتىدىغان ئادەملەرنى ئەمەس. ئەرلەرنىڭ كارتىسىدىكى سان مۇھىم ئەمەس، مۇھىمى قانچە پۇلنى سىز ئۈچۈن خەجلىشى. مەڭگۈ ئۆزىڭىزنى مۇھەببەت مەنىۋى بايلىقتۇر دەپ ئويلىماڭ. ھازىرقى بۇ پۇلغا سەزگۈر جەمئىيەتتە، سىز ئۈچۈن ئۆزىنىڭ قان-تەرى بىلەن تاپقان پۇلىنى سەرپ قىلىدىغانلارلا سىزنى ھەقىقىي ياخشى كۆرىدىغانلاردۇر.
8. ئاياللار: سىز ئۆزىڭىزگە ياخشى بولغاندىلا ئاندىن تېخىمۇ قىممەتلىك بولىسىز. باشقىلار ئۈچۈن بەك قۇربانلىق بېرىپ كەتسىڭىز، ئۆزىڭىز ئىززەتسىز بولۇپ قالىسىز، سىزنىڭ پايدىلىنىش قىممىتىڭىز قالمىغان چاغدا، سىزنىڭ كېرىكىڭىز بولمايدۇ. شۇڭلاشقا، سىز ھەمىشە باشقىلارغا ياخشىچاق بولۇشنى ئويلىغانسىرى، تېخىمۇ ئەرزىمەس بولۇپ قالىسىز. پەقەت ئۆزىڭىزگە ياخشىچاق بولغىنىڭىزدىلا ئاندىن سىز تېخىمۇ قىممەتلىك بولىسىز. بىر ئۆمۈر ئۇنچە ئۇزۇن ئەمەس، ئۆزىڭىزگە چوقۇم ياخشى مۇئامىلە قىلىڭ!
مەنبە: پىسخىكا سالونىتەلەي قاپىقىدىن چىققان يازمىلار
ئاياللار ۋە ئاچچىقسۇ
2015-08-10 00:38:136253داس بوشلۇقى ياللۇغى ۋە ئۇنىڭ ئالدىنى ئېلىش
2015-10-27 15:26:102599قىزچاق 2.14 كېچىسى سىزنىڭ توي كېچىڭىز ئەمەس! دىق
2016-02-08 14:19:306440ئەرلەرنى 7 تىپقا بۆلۈنىدۇ دەيدۇ، ئېرىڭىز قايسى ت
2015-12-02 05:19:241659بۇلارنى تاقاپ ياتقىنىڭىز ئۆزىڭىزنى ئۆلۈمگە ئىتتى
2015-08-15 19:34:593151نېمىشقا ئىش ئۇقىدىغان ئاياللارنىڭ كۆپىنچىسى بەخت
2016-02-01 13:41:432846ئەرلەرنىڭ كۆڭلى نەدە بولسا، پۇلنى شۇ يەرگە خەجلە
2016-01-27 11:53:373753بەدەن يۇيۇش سۇپۇنى ۋە بەدەن يۇيۇش سۇيۇقلۇقىنىڭ پ
2015-11-27 23:27:582731
- باھالار
-
ئىسمىڭىز:
- باھالار رېتى
-