ئەرلەرنى 7 تىپقا بۆلۈنىدۇ دەيدۇ، ئېرىڭىز قايسى تىپقا تەۋە؟ كۆرۈپ بېقىڭ
-
ئەرلەرنى 7 تىپقا بۆلۈنىدۇ دەيدۇ، ئېرىڭىز قايسى تىپقا تەۋە؟ كۆرۈپ بېقىڭ
ۋاقتى: 2016-10-11 ئاۋاتلىقى: 1857 قېتىميەتتىنچى دەرىجىدىكى ئەر: سىزنى قۇل قىلغان + سىزنى قىينايدىغان + سىزنى پۈتۈنلەي ئىگىۋالالايدۇيانفوندا كۆرۈش
ئالغا ئىنتىلىشنى خالىمايدۇ، تەرتىپسىزلىكتە ياشايدۇ، تۇرمۇشتا سىزگە تايىنىدۇ. سىزنى ئۇرىدۇ، پۇلىڭىزنى ئېلىپ قىمار ئوينايدۇ، قىزلارنى ئوۋلايدۇ، يەنە تېخى سىزنى پۈتۈنلەي ئىگىۋالالايدۇ، سىزنى ئەركىلىتىدۇ، ئالدايدۇ، قورقۇتىدۇ، ھەم شۇنداقلا سىزنى تەسىرلەندۈرەلەيدۇ، ئۇ ئاياللارنى قاماللىۋېلىشنىڭ بارلىق ئامال-چارىلىرىغا پۇختا، سىزگە زادىلا ئارام بەرمەيدۇ، ئامالسىز قالدۇرىدۇ، سىز بىلىپ-بىلمەي ياشلىقىڭىز، ئۆمرىڭىز ۋە مۇھەببىتىڭىزنى ئۇنىڭغا ئاتىۋېتىسىز. بۇنداق ئەر ئادەم ئەمەس، بەلكى شەيتاندۇر، يۈزنىڭ ئىچىدە بىرى چىقامدۇ-يوق. قىزچاق، ئەگەر بۇنداق ئادەمگە يولۇقسىڭىز دەرھال قېچىڭ، كېيىن قاچالماسلىقىڭىزدىن پەخەس بولۇڭ.
ئۇنى بېقىشىڭىز كېرەك، چۈنكى ئۇ ئازراقمۇ ئالغا ئىنتىلىشنى خالىمايدۇ. ئەمما ئۇنداق بۇنداق ئارتۇقچىلىقى سىزگە تەسەللىي بولالايدۇ. بۇنداق ئەر ئادەم ھېسابلىنىدۇ-يۇ، ئەر ھېسابلانمايدۇ.
بەشىنچى دەرىجىدىكى ئەر: سىز بىلەن بىللە تۇرمۇش كەچۈرىدۇ + پەقەتلا مۇشۇنداق خالاس
سىز بىلەن تۇرمۇش كەچۈرەلەيدۇ، پەقەتلا مۇشۇنچىلىكلا. بۇ خىل ئەر ئەر ھېسابلىنىدۇ، ئەمما ناچار دەرىجىدىكى ئەر تىپىغا كىرىدۇ.
تۆتىنچى دەرىجىدىكى ئەر: سىز بىلەن بىللە تۇرمۇش كەچۈرىدۇ + سىزگە بىخەتەرلىك تۇيغۇسى بىرەلەيدۇ
سىزگە بىخەتەرلىك تۇيغۇسى بىرەلەيدۇ، مەسئۇلىيەت ئېڭى بار. بۇنداق ئەر ئەڭ نورمال، ئەڭ ئادەتتىكى ئەر ھېسابلىنىدۇ، ئەگەر سىز ئانچە بەك تويماس بولۇپ كەتمىسىڭىزلا، بۇ خىل ئەرلەرمۇ بولۇپ قالىدۇ.
ئۈچىنچى دەرىجىدىكى ئەر: سىز بىلەن بىللە تۇرمۇش كەچۈرىدۇ + سىزگە بىخەتەرلىك تۇيغۇسى بىرەلەيدۇ + سىزگە خوشاللىق بىرەلەيدۇ
سىزگە بىخەتەرلىك تۇيغۇسى بىرەلەيدىغان، مەسئۇلىيەت ئېڭى بار ھەم سىزنى خوشال قىلالايدىغان ئەر. بۇ خىل ئەر خېلىلا يامان ئەمەس ئەر ھېسابلىنىدۇ، ياخشىراق قەدىرلەڭ جۇمۇ!
ئىككىنچى دەرىجىدىكى ئەر: سىز بىلەن بىللە تۇرمۇش كەچۈرىدۇ + سىزگە بىخەتەرلىك تۇيغۇسى بىرەلەيدۇ + سىزگە خوشاللىق بىرەلەيدۇ + سىزنى چۈشىنىدۇ + سىزنى ھۆرمەتلەيدۇ
سىزگە بىخەتەرلىك تۇيغۇسى بىرەلەيدىغان، مەسئۇلىيەت ئېڭى بار ھەم سىزنى خوشال قىلالايدىغان، يەنە تېخى سىزنى چۈشىنىدىغان ھەم ھۆرمەت قىلىدىغان ئەر. بۇ خىل ئەر تەستە تېپىلىدىغان ياخشى ئەر ھېسابلىنىدۇ، بۇنداق ئەرگە يولۇقسىڭىز تەلىيىڭىزنىڭ كەلگىنى شۇ!
بىرىنچى دەرىجىدىكى ئەر: سىز بىلەن بىللە تۇرمۇش كەچۈرىدۇ + سىزگە بىخەتەرلىك تۇيغۇسى بىرەلەيدۇ + سىزگە خوشاللىق بىرەلەيدۇ + سىزنى چۈشىنىدۇ + سىزنى ھۆرمەتلەيدۇ + سىزگە ئوزۇق بولىدۇ + سىزنى مۇكەممەللەشتۈرىدۇ
سىزگە بىخەتەرلىك تۇيغۇسى بىرەلەيدىغان، مەسئۇلىيەت ئېڭى بار، سىزنى خوشال قىلالايدىغان، سىزنى چۈشىنىدىغان ھەم ھۆرمەت قىلىدىغان، يەنە تېخى ئۆزىڭىزمۇ بايقىيالمىغان ئارتۇقچىلىقىڭىزنى بايقىيالايدىغان، يىتەرسىزلىكىڭىزنى يېڭىشىڭىزغا ياردەم بىرەلەيدىغان، سىزنى ئۈزلۈكسىز مۇكەممەللەشتۈرىدىغان، ئۆزىڭىزگە بولغان ئىشەنچىڭىزنى ئاشۇرالايدىغان ۋە كۈچەيتەلەيدىغان ئەر. غايىۋى تىپتىكى بۇ خىل ئەر غايىۋى تىپتىكى ئەر ھېسابلىنىدۇ، يۈزنىڭ ئىچىدە بىرىمۇ چىقماسلىقى مۇمكىن، ئۇنىڭغا يولۇقۇپ قالسىڭىز، لاتارىيە بېلىتىدە ئۇتۇۋالغىنىڭىزغا باراۋەر!
مەنبە: ئايجامان سالونى
تەلەي قاپىقىدىن چىققان يازمىلار
ئۇيغۇر تارىخىدىكى مەشھۇر ئاياللار
2015-12-30 17:10:102848قىزلارنىڭ ئوغۇللارغا كۆڭلى بار بولسا بۇنداق قىلى
2015-12-18 19:37:594263ئىگىز پاشىنلىق ئاياغ ئۆزىڭىزگە دۈشمەن
2016-01-05 16:10:571751ئاياللارنىڭ تېرىسى قانداق ئالاھىدىلىكلەرگە ئىگە
2015-12-06 13:58:507571ئاياللارنىڭ ئەۋرىتىگە قاراش
2016-02-05 19:18:1718408ئاياللار قان تولۇقلاشقا ئەھمىيەت بېرىشى كېرەك
2015-08-12 17:00:092064بالىياتقۇ زىدىسى
2015-10-22 18:21:433396قىزلارغا 100 نەسىھەت--ئاۋازلىق 5-سان
2016-03-19 20:24:415577
- باھالار
-
ئىسمىڭىز:
- باھالار رېتى
-