بالىياتقۇ زىدىسى
-
بالىياتقۇ زىدىسى
ۋاقتى: 2016-08-08 ئاۋاتلىقى: 2876 قېتىميانفوندا كۆرۈش
بالىياتقۇ زېدىسى
كېسەللىك تونۇشى :
بالىياتقۇ بوينى زېدىسى بولسا ئاستا خاراكتېرلىك بالىياتقۇ بوينى ياللۇغىدا كۆپ ئۇچرايدىغان بىر خىل پاتولوگىيىلىك كېسەللىك ئۆزگىرىشى ،سىرتتىن كۆزەتكەندە ئۈستۈنكى تىرە ئاستىدىكى ئۇششاق قان تومۇرلار ئاشكارىلىنىپ توق دانچىسىمان قىزىل رەڭگە كىرىدۇ،بۇ خىل ئەھۋال بالىياتقۇ بوينى زېدىسى دەپ ئاتىلىدۇ.
كېسەللىك سەۋەبى: بالىياتقۇ بوينى زىدىلىنىشى بالىياتقۇ بوينى ئاجرالمىلىرى كۆپەيگەندە تەڭگىسىمان ئۈستۈنكى تىرە ناھايىتى تىزلا ئۇنىڭ ئورنىنى باسىدۇ .نەتىجىدە شەلۋەرەشنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ ياكى غەيرىي تەبىئىي ئۆزگەرگەن خىلىتلار يەرلىك ئۇرۇن توقۇلمىسىنى چىرىتىپ تەڭگىسىمان ئۈستۈنكى تىرىنىڭ تۆكۈلۈشىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ. ئۇندىن باشقا تۇغۇت ،بويىدىن ئاجراش، ھامىلىنى سۈنئىي ئۇسۇلدا قىرىپ چۈشۈرۈش،بالىياتقۇ چۇقۇقى قاتارلىقلاردا زەخمىلىنىشتىنمۇ زېدىلىنىش پەيدا بولىدۇ.
ئالامەتلىرى : ئاق خۇن كۆپىيىدۇ .رەڭگى سۈت رەڭ ،شىلىمشىق ،قويۇق بولىدۇ بەزىدە يىرىڭلىق ۋە قان ئارلاش كېلىدۇ. ئاق خۇننىڭ كۆپىيىشى بىلەن بۇنىڭغا قوشۇلۇپ بەل، توققۇزكۆز قىسمى سىرقىراپ ئاغرىيدۇ. قورساق تۆۋەنگە قاراپ چىڭقىلىدۇ بۇ خىل ئەھۋال ھەر قېتىملىق ھەيز مەزگىلىدە جىنسى مۇناسىۋەت قىلغاندىن كىيىن ئېغىرلىشىدۇ .بەزىدە تېگىش خاراكتېرلىك قاناش كۆرۈلىدۇ ،يەڭگىللىرىدە ھېچقانداق يېقىمسىزلىق كۆرۈلمەيدۇ. كلىنىكىدا شەلۋەرەش كۆلىمىنىڭ چوڭ كىچىكلىكىگە ئاساسەن بالىياتقۇ بوينى زېدىسى ئۇچ دەرىجىگە بۆلىنىدۇ .
يېنىك دەرىجىسى : شەلۋەرەش بالىياتقۇ بوينى كۆلىمىنىڭ ئۇچتىن بىر قىسمىدىن كىچىك بولىدۇ .
ئوتتۇرا دەرىجىسى : شەلۋەرىگەن ئورۇن پۈتۈن بالىياتقۇ بويى كۆلىمىنىڭ ئۇچتىن بىر قىسمىدىن چوڭ بولىدۇ ياكى ئۇچتىن ئىككى قىسمىغا تەڭ بولىدۇ .
ئېغىر دەرىجىسى : شەلۋەرىگەن ئورۇن پۈتۈن بالىياتقۇ بوينى كۆلىمنىڭ ئۇچتىن ئىككى قىسمىدىن كۆپ قىسمىنى ئىگىلىگەن بولىدۇ. شەلۋەرەشنىڭ چوڭقۇر يۈزەكى دەرىجىسىگە قاراپ يەككە خاراكتېرلىك تەنچىسىمان خاراكتېرلىك ،ئۆسۈكچىسىمان خاراكتېرلىك دەپ ئۇچ تۈرگە بۆلىنىدۇ.
ئالدىنى ئىلىش : جىددىي خاراكتېرلىك بالىياتقۇ بوينى ياللۇغىنى ئاكتىپلىق بىلەن داۋالاش،ئاياللار بۆلۈمىدە قەرەللىك تەكشۈرتۈپ تۇرۇش،پىلانلىق تۇغۇش،ھەيز،ھامىلىدارلىق،تۇغۇت ۋە چىللە مەزگىلدىكى تازىلىققا دىققەت قىلىش. تۇغۇت جەريانىنى مۇۋاپىق بىر تەرەپ قىلىپ بالىياتقۇ بوينىنىڭ يىرىلىپ زەخىملىنىشىدىن ساقلىنىش،يىرىلىپ زەخىملەنگەن بولسا ئۆز ۋاقتىدا تىكىش لازىم .
داۋالاش : بالىياتقۇ بوينى شەلۋەرەشنى داۋالاشتىن ئىلگىرى بالىياتقۇ بوينىنى قىرىپ نۇسخا ئىلىپ تەكشۈرۈپ دەسلەپكى دەۋرىدىكى بالىياتقۇ بوينى راكىنى ئىنكار قىلىش لازىم.
مەنبەسى: xipagar سالونى
تەلەي قاپىقىدىن چىققان يازمىلار
ئەر بىلەن ئايالنىڭ پەرقى
2016-01-06 18:26:111079ئاياللاردىكى بەش چوڭ ئەڭگۈشتەر
8763سائەت ئىلگىرى7117زامان ئاخىرىنىڭ ئاياللىرى [پوۋىست] (4)
2014-11-16 14:16:493569بالىياتقۇدىكى ئەخلەت قالدۇقلىرى ۋە ئۇنى تازىلاش
2015-08-22 18:29:30154376قىزلىق پەردىسى زادى نىمىنى كۆرسىتىدۇ؟
2016-01-23 14:00:245426قىزلارغا 100 نەسىھەت: ئۈچىنچى نەسىھەت
2014-11-16 13:55:572279ئەقىللىق ئاياللار ئەرلەرنىڭ بەش خىل ئېھتياجىنى چ
2015-12-30 17:18:595874بىرى سىزنى سۆيىدىغان يەنە بىرى سىز سۆيىدىغان ئەر
2016-01-25 18:38:432229
- باھالار
-
ئىسمىڭىز:
- باھالار رېتى
-