ئاياللاردىكى بەش چوڭ ئەڭگۈشتەر
-
ئاياللاردىكى بەش چوڭ ئەڭگۈشتەر
ۋاقتى: 2016-03-14 ئاۋاتلىقى: 6402 قېتىميانفوندا كۆرۈش
1. قۇرۇق خىيال قىلماي دادىل ئوتتۇرىغا قويۇڭ
كۈن بويى قۇرۇق خىيال قىلىپ، ‹‹ئۇ زادىمېنى ياخشى كۆرەمدىغاندۇ›› دەپ ئولتۇرغىنىڭىزدىن كۆرە، تەشۋىشتىن يىراق تۇرۇپ،ھېچنېمىگە پەرۋا قىلماي ئۇنىڭدىن سوراپ بىلىۋالغىنىڭىز ياخشى.
قارشى تەرەپ ئويۇن – تاماشىغا ئامراقبولسىمۇ يەنىلا ئۆزىگە تۇشلۇق ئارتۇقچىلىقى بولىدۇ. سىز ئۇنىڭدىن ھېچنېمىنىسورىمىسىڭىز قىلچە نەتىجە قازىنالمايسىز. سوراش ئۈچۈن پەۋقۇلئاددە مۇھىت ياكىكەيپىياتنى كۈتۈشىڭىزنىڭ ھاجىتى يوق. پەقەت ئادەتتە پاراڭلاشقاندەك تەبىئىيسورىسىڭىزلا بولىدۇ. مەقسىتىڭىزگە يېتەلىسىڭىز تېخى ياخشى، يېتەلمىسىڭىزمۇ ئۆكۈنۈشنىڭھاجىتى يوق.
2. جەلپكارلىقىڭىزنى ئاشۇرسىڭىز ئۇ سىزگەباشقىچە نەزەردە قارايدۇ
بەلكىم ئۇ سىزنى چىرايلىق دەپ قارىسىمۇئانچە پەرۋا قىلىپ كەتمەسلىكى، ئارىلاپ باشقا بىرىگە كۆز تاشلاپ قويۇشى مۇمكىن.بىراق، كۈنلەرنىڭ بىرىدە تۇيۇقسىز نازاكەتلىك بولۇپ ئۇنىڭ كۆز ئالدىدا پەيدابولسىڭىز، سىزگە بولغان قارىشىدا ئۆزگىرىش بولۇشىمۇ مۇمكىن. بەزى چاغلاردا ئۇزۇنۋاقىت بىللە بولۇش سەۋەبلىك ئۇ پۇرىقىڭىز، ئىش – ھەرىكەتلىرىڭىزگە كۆنۈپ قالىدۇ،بۇنداق ئەھۋالدا سىز تۇيۇقسىز نازاكەتلىك بولۇپ، روھىي – ھالىتىڭىزنى ياخشىلاپ،مۇلايىم، سىلىق – سىپايە بولۇپ ئۆزگەرسىڭىز تەبىئىيلا ئۇ سىزگە باشقىچە نەزەردەقارايدىغان بولىدۇ.
3. مۇۋاپىق ماختىسىڭىز ئۇ ئەتراپىڭىزداتېخىمۇ پەرۋانە بولىدۇ
ھەر قانداق كىشى ماختاشنى ياخشى كۆرىدۇ،ئەرلەرمۇ بۇنىڭدىن مۇستەسنا ئەمەس. ئەر كىشىنى نەچچە ئېغىز ماختاپ قويسىڭىز ئۇسىزنى ‹‹قەدرىمنى ھەقىقىي چۈشىنىدىكەن›› دەپ ئويلايدۇ. دەرۋەقە ماختاشمۇ لايىقىدابولۇشى كېرەك. بەك كۆپ ماختىۋەتسىڭىز ئۇ يالغاندىن خۇشامەت قىلىۋاتىدۇ، ھەرگىزيۈرەك سۆزى ئەمەس، دەپ ئويلاپ قالىدۇ. ئاندا – ساندا، مۇۋاپىق ماختاش ئۇنىمۇۋەپپەقىيەت خۇشاللىقىغا چۆمدۈرۈپ، كەيپىياتىنى ياخشىلايدۇ. بىر جۈملە ماختاشسۆزىنىڭ رولىغا سەل قارىماڭ، مۇشۇ بىر ئېغىز ماختىشىڭىز بىلەن ئۇ سىزنى باشقائاياللاردىن ئۈستۈن كۆرۈپ، تېخىمۇ قىزغىن مۇئامىلە قىلىشى مۇمكىن.
4. ئۇنى قەستەن ئەركىن قويۇۋېتىپ،پەرۋاسىز قىياپەتكە كىرىۋېلىڭ
ئەر كىشى سىرتتا كۆڭۈل ئاچقاندا، سىزمۇئويۇن – تاماشا بىلەن كۆڭلىڭىزنى خۇش قىلىپ، ئۇنىڭ ئۇچرىشىش تەكلىپىنى مۇۋاپىق رەتقىلىڭ ياكى سۆزىگە ياق دەپ جاۋاب بېرىڭ. بەزىدە سوغۇق مۇئامىلە قىلىڭ، شۇنداققىلسىڭىز ئۇمۇ تەبىئىي ھالدا جىددىيلىشىدۇ.
5. سىرلىق بولۇۋېلىپ ئۇنىڭغا ‹‹تېپىشماق››تاپقۇزۇڭ
كىشى تېگىگە يەتمىگەن نەرسىگە بەكرەكقىزىقىدۇ، ئەكسىچە بەش قولدەك تونۇش بولۇپ كەتكەن نەرسىنىڭ ھېچقانداق ئەھمىيىتىقالمايدۇ. ئازراق سىرلىق بولۇۋالسىڭىز ھەر قېتىم ئۇچراشقاندا ئۇنىڭغا يېڭى، خۇشالتۇيغۇ ئاتا قىلىسىز، ئۇمۇ سىزنى ھەربىر كۆرگەندە يېڭىلىق ھېس قىلىدۇ – دە،ئىختىيارسىز جورا بولۇشقا ئەرزىيدىكەن، دېگەن تونۇشقا كېلىدۇ. سىزگە ناھايىتىسەمىمىي مۇئامىلە قىلىدۇ، ۋاقىتنىڭ ئۆتۈشى بىلەن سىزگە بولغان ھېسسىياتىچوڭقۇرلىشىدۇ. شۇنىڭ بىلەن ئۇنى يېنىڭىزدا ئېلىپ قېلىش ئانچە قىيىن بولمايدۇ.
كۆڭۈل ئاچىمەن دەپ يەڭگىللىك قىلماڭ،بولمىسا ۋاقتىڭىزنى ئىسراپ قىلىپ، قىممەتلىك ھاياتىڭىزنى مەنىسىز ئۆتكۈزۈۋېتىسىز.ئاياللار تەدبىرلىك، ماھارىتى ئۈستۈن بولسىلا ئەرلەرنىڭ كۆڭۈل خۇشى تىپىدىكىمۇھەببىتىنى ھەقىقىي سۆيگۈگە ئايلاندۇرالايدۇ
تەلەي قاپىقىدىن چىققان يازمىلار
قىزلىق پەردىسى زادى نىمىنى كۆرسىتىدۇ؟
2016-01-23 14:00:242437سوزۇلما بالىياتقۇ بوينى ياللۇغى
2015-10-22 18:32:211025ئەر-ئاياللىق مۇناسىۋەتتىن كېيىن ماتكىدىن قان كېل
2015-11-05 01:26:5517115بۇ تۆت خىل ئاياللار ئاسانلا باشقىلارغا ئاشنا بول
2016-01-18 16:53:482684ئاياللارنىڭ ئەۋرىتىگە قاراش
2016-02-05 19:18:178046ئەرلەر ئاياللارنى قولغا كەلتۈرۈۋالغاندن كېيىن مۇ
2015-12-26 12:26:452825ئېرىڭىزنى ئۆمۈرۋايەت رام قىلاي دېسىڭىز
2015-12-22 12:59:433474ئاياللار ياللۇغلىنىشلىق كېسەللىكلەر قايسى ئەگەشم
2015-11-28 01:30:481569
- باھالار
-
ئىسمىڭىز:
- باھالار رېتى
-