بۇ بىر ئاياللار پىنھان تىۋىشلار ئارامگاھى!
«پىنھان تىۋىشلار» ئاياللارنىڭ سىردىشى بولسا؛ «ئاياللار گۈلزارى» ئاياللار لاتاپىتىنىڭ جىلۋىلىنىشى؛ «تۇرمۇش ساۋاتلىرى» سىزنى تۇرمۇشقا يېقىنلاشتۇرسا؛ «ئاياللار ساقلىقى» ئائىلىڭىزنىڭ بەختىنى كاپالەتكە ئىگە قىلىدۇ!
ئېرىڭىزنى ئۆمۈرۋايەت رام قىلاي دېسىڭىز
-
ئېرىڭىزنى ئۆمۈرۋايەت رام قىلاي دېسىڭىز
ۋاقتى: 2016-11-03 ئاۋاتلىقى: 4275 قېتىميانفوندا كۆرۈش
ئېرىڭىزنى ئۆمۈرۋايەت رام قىلاي دېسىڭىز
قۇرۇق سەپسەتە قۇلاققا ياقمايدۇ، پەقەت سەمىمىي سۆھبەتلا ئەر–خوتوننىڭ ئۆز ئارا ئىشەنچىسىنى ئاشۇرۇپ، چۈشىنىشنى چوڭقۇرلاشتۇرىدۇ. ئاياللار ئەرلىرىنىڭ كۆڭلىنى ئۆمۈرۋايەت رام قىلىشتا ئۇسۇلغا دىققەت قىلىشى زۆرۈر .
ئۇنىڭ دوستىغا ئايلىنىڭ، ئەركىنلىكىنى بوغماڭ، قىزىقىشىغا سوغۇق سۇ سەپمەڭ. ئېرىڭىزنى ئىلگىرىكى تۇرمۇش ئادىتى ۋە ئۇسلۇبىنى ئۆزگەرتىشكە قىستىماڭ، ئۇنداق قىلسىڭىز ئۇ ئۆزىگە ئوخشىماي قالىدۇ.
ئېرىڭىزنىڭ دەردىنى چۈشىنىڭ، قارىغۇنى ياردا قىستىغاندەك ئىش قىلماڭ، مۇھىمى ئۇنىڭ خوجايىنغا ئايلىنىپ قالماڭ. ئەرلەرنىڭ كەسپى ۋە شۇنىڭغا چۇشلۇق بېسىمى، ئارزۇ – ئارمىنى بولىدۇ، شۇڭا ئۆزىڭىزنى ئۇنىڭ بارلىقى دەپ ئويلىماڭ، ئىچ سىرىنى سۆزلىمىگىنىدىن رەنجىپمۇ يۈرمەڭ.
ئۇنىڭ مۇۋەپپەقىيەت قازانغان كىشىگە ئايلىنىشىغا ياردەم بېرىڭ، مۇھىمى ئۆزىڭىزنىڭ ئورنىنى توغرا تونۇڭ.
ھەممە كىشىنىڭ ئۆتمۈشى بولىدۇ، شۇڭا ئېرىڭىزنىڭ ئۆتمۈشى بىلەن قالماڭ. ئۆتمۈشتىكى ئىسمىنىمۇ بىلمىگەن ئاتالمىش «نازىنىن» بىلەن ئۆزىڭىزنى سېلىشتۇرۇپمۇ يۈرمەڭ، بولمىسا چارچاپ قالىسىز. ئۆزىڭىزنىڭمۇ ھېكايىسى بارلىقىنى ئېسىڭىزدىن چىقارماڭ.
ئەگەر ئۇ سىزنى سۆيسە، ھەردائىم دەپ يۈرۈشنىڭ ھاجىتى يوق، شۇڭا ئۇنى كۈندە نەچچە رەت «سېنى سۆيىمەن» دېيىشكە قىستىماڭ. ئاياللار تەسەللىگە موھتاج بولغاندەك ئەرلەرمۇ تەسەللى ئىستەيدۇ، شۇڭا بۇنداق شەكىلۋازلىق بىلەن ئۇنىمۇ، ئۆزىڭىزنىمۇ ھاردۇرۇۋالماڭ.
مۇستەقىل بولۇڭ، گەرچە ئاياللارنىڭ ئېرىگە بېقىنىپ ياشىشى بەرھەق بولسىمۇ، ئېرىڭىزنىڭ زېھنى ۋە ۋاقتىنى ھەر دائىم قولىڭىزدا قاماللىۋالماڭ. ئۆزىڭىزگە تۇشلۇق تەپەككۇر شەكلىڭىز ۋە كەسپىڭىز بولسۇن، شۇندىلا ئېرىڭىزنىڭ نەزىرىدىكى مۇھىم كىشىگە ئايلىنالايسىز.
ئېرىڭىزنىڭ يات جىنىستىن دوست تۇتۇشىدىن ئەنسىرەپ كەتمەڭ، بۇ نورمال ئىجتىمائىي ئالاقە، ئەگەر پەقەت خاتىرجەم بولالمىسىڭىز، قارشى تەرەپ بىلەن يېقىن دوستلاردىن بولۇپ قېلىڭ. قۇم سىقىمدىغاندەك ھالەتكە چۈشۈپ قالماڭ، قانچە چىڭ سىقىمدىسىڭىز، قۇم شۇنچە ئېقىپ كېتىدۇ. ئۇنىڭ بىلەن مەسلەكداش بولۇڭ، سىزدەك مەسلەكداش تۇرغان يەردە، ئۇ سىرتتا «دەرد تۆكۈپ» يۈرمەيدۇ.
مەنبە: نادىيە سالونىTags:تەلەي قاپىقىدىن چىققان يازمىلار
ئۈچ قىزىنى ئەرگە بەرگەن بىچارە دادىنىڭ ئاجايىپ ھ
2016-01-23 14:30:2810150[نەزىرە مۇھەممەد سالىھ] ئايالدىن باشلانغان قىسمە
2015-10-27 13:48:216792ھامىلىدارلىق مەزگىلىدە جىنسىي مۇناسىۋەت قىلىشقا
2016-01-27 11:44:487072جىنسىي ئالاقىدە ئاياللارنىڭ ئىڭرىشى
2016-01-25 16:27:331138420ياشلىق ئاياللار گىلاسقا ئوخشايدۇ، 30ياشلىق ئاي
2015-12-08 17:53:093595ئەڭ يېڭى چاچ ئۆرۈش ئۇسۇللىرى
2016-02-03 18:38:597034سىزنى ياخشى كۆرىدىغان ئايالنى ھەرگىز ئالدىماڭ!
2015-12-18 19:48:452822كارىۋاتقا چىقىپ ئاخىرى چىقمىسا ياشلىق، ئاخىرى چى
2016-02-09 18:29:138087
- باھالار
-
ئىسمىڭىز:
- باھالار رېتى
-