كارىۋاتقا چىقىپ ئاخىرى چىقمىسا ياشلىق، ئاخىرى چىقسا مۇھەببەتمۇ؟
-
كارىۋاتقا چىقىپ ئاخىرى چىقمىسا ياشلىق، ئاخىرى چىقسا مۇھەببەتمۇ؟
ۋاقتى: 2016-10-14 ئاۋاتلىقى: 8081 قېتىميانفوندا كۆرۈش
كارىۋاتقا چىقىپ ئاخىرى چىقمىسا ياشلىق، ئاخىرى چىقسا مۇھەببەتمۇ؟
بۇ كارىۋاتقا چىقسىمۇ توي قىلىش تەسكە چۈشكەن دەۋردە، ئەرلەر بىلەن كارىۋاتقا چىقىپمۇ ئاخىرىنى چىقىرالمىغان ئاياللار بۇنى ياشلىق دەپ ئاتايدۇ؛ كارىۋاتقا چىققاندىن كېيىن توي قىلالىغان ئاياللار بۇنى مۇھەببەت دەپ ئاتايدۇ؛ كۆرۈۋىلىشقا بولىدۇكى، ياشلىق ۋە مۇھەببەتنىڭ پەرقى كارىۋاتقا چىققاندىن كېيىن توي قىلىش ياكى قىلالماسلىقتا. شۇڭا توي قىلىشنى مەقسەت قىلماي تۇرۇپ ئاياللارنى ئالداپ كارىۋاتقا ئاچىققان ئەرلەرنىڭ ھەممىسى لۈكچەكتۇر.
ئەمەلىيەتتە، نۇرغۇن ئەرلەرنىڭ بىر ئايالنى ياخشى كۆرۈشى پەقەت بىردەملىق قىزغىنلىقتىن بولىدۇ، ئەڭ رەھىمسىز ئوي قارشى تەرەپنى ئىگىلىۋىلىش خىيالىدا بولۇش، ئاندىن ئۇنىڭ بىلەن ئۇخلاش، توي قىلىش قىلالماسلىققا كەلسەك، يەنە بۇ ئىككى ئادەمنىڭ قانداق ئۆتۈشىگە باغلىق. ئاياللارچۇ؟ ئۇلار ئۆزى ياخشى كۆرگەن ئەر بىلەن كارىۋاتقا چىققاندىن كېيىن ئەلۋەتتە ئۇلار بىلەن توي قىلىشنى ئويلايدۇ.
ھازىرقى جەمئىيەتتە نۇرغۇن قىز-يىگىتلەر تويدىن بۇرۇنقى بىر ئۆيدە تۇرۇشقا نىسبەتەن پەرۋاسىز مۇئامىلە قىلىدۇ، شۇنىڭ بىلەن جەمئىيىتىمىزدە نۇرغۇن مەسئۇلىيەتسىز ئەرلەر، يۈرىكى لەختە-لەختە بولغان ئاياللار بارلىققا كېلىدۇ.
دەسلەپتە ئەرلەر ئاياللارنىڭ قۇلىقىغا نۇرغۇن شېرىن-شېكەر سۆزلەرنى قىلىپ ئۇلارنى بىھۇش قىلىدۇ، ئاياللار بۇنى خاتا ھالدا ۋەدە دەپ ئويلاپ قالىدۇ.
ئۇلار ئەرلەرنىڭ قاپقىغىنىغا چۈشكەندىن كېيىن ئەرلەر قەلىب ۋە تەن بىرلەشكەندىلا ئاندىن مۇھەببەت بولىدۇ دەيدۇ، شۇنىڭ بىلەن ئاياللار يەنە رەت قىلىشنى بىلمەي ئەرلەر بىلەن بىر ئۆيدە تۇرۇشىدۇ. ئاقىۋەتتە، ئۇلار ئاخىرىدا ئەرلەرنىڭ زادى قانچىلىك ناچارلىقىنى ھېس قىلىشىپ پۇشايماننى ئالىدىغانغا قاچا تاپالماي قالىدۇ.
ئەگەر بىر ئەر داۋاملىق سىز بىلەن كارىۋاتقا چىقىشنى ئويلىسا بۇ نورمال ئىش،
بۇ ئىنساننىڭ ماھىيىتى.
سىز بىلەن كارىۋاتقا چىقىشنى ئويلىغان ئەر ئەسكى ئەر ئەمەس،
بەلكى سىز بىلەن كارىۋاتقا چىقىپ بولۇپ مەسئۇل بولۇشنى خالىمايدىغان ئەر ئەسكى ئەر.
بىر ئەرنىڭ قانچىلىك پۇلى بارلىقى مۇھىم ئەمەس،
مۇھىمى ئۇ سىزگە ئۆزىنىڭ بارلىقى بېرەمدۇ يوق؟
شۇڭا قىزلار ئۆزەڭلارغا جورا ئىزدىگەن چېغىڭلاردا، ئېسىڭلاردا بولسۇن، چوقۇم مەسئۇلىيەت تۇيغۇسىنى بىرىنچى ئورۇنغا قويۇڭلار، بىر مەسئۇلىيەت تۇيغۇسى بار ئەركەك، ھەرگىزمۇ توي قىلىشتىن بۇرۇن سىزگە ئارتۇقچە تەلەپ قويمايدۇ، چۈنكى ئۇ سىزنىڭ بەختىڭىزگە ئولتۇرۇشنى ئۆزىگە جىنايەت ھېسابلايدۇ.
Tags:تەلەي قاپىقىدىن چىققان يازمىلار
ساھىبجامال قىزلارنىڭ گىرىم قىلىش ئالدى كەينىدىكى
2015-12-23 14:23:546657بىر ئايال ئۈچۈن ئەڭ مۇھىم بولغىنى نېمە
2016-01-06 19:20:331740ئاياللار سىرتقى جىنسىي ئەزا يارىسىنى قانداق داۋا
2015-11-05 01:49:282080ياخشى ئەر ئەسكى ئايالنى ياخشى قىلدۇ، ئەسكى ئەر ي
2016-02-03 18:33:115187شارپىنى ھەرخىل ئارتىش ئۇسۇللىرى، مودا قىزلار ئۆگ
2016-01-21 16:51:203138زامان ئاخىرىنىڭ ئاياللىرى [پوۋىست] (2)
2014-11-16 14:14:593883ئاياللارنىڭ كۆڭلىنى ئۇتۇش ئۇنچە تەسمۇ ئەمەس
2015-11-10 02:24:482089ئاياللار كېسەللىكلىرى توغرىسدا سوئال-جاۋابلار
2015-10-28 22:04:012560
- باھالار
-
ئىسمىڭىز:
- باھالار رېتى
-