بۇ بىر ئاياللار پىنھان تىۋىشلار ئارامگاھى!
«پىنھان تىۋىشلار» ئاياللارنىڭ سىردىشى بولسا؛ «ئاياللار گۈلزارى» ئاياللار لاتاپىتىنىڭ جىلۋىلىنىشى؛ «تۇرمۇش ساۋاتلىرى» سىزنى تۇرمۇشقا يېقىنلاشتۇرسا؛ «ئاياللار ساقلىقى» ئائىلىڭىزنىڭ بەختىنى كاپالەتكە ئىگە قىلىدۇ!
ئاياللار كېسەللىكلىرى توغرىسدا سوئال-جاۋابلار
-
ئاياللار كېسەللىكلىرى توغرىسدا سوئال-جاۋابلار
ۋاقتى: 2016-07-08 ئاۋاتلىقى: 2262 قېتىم1. ئاياللار كېسەللىكلىرى نېمە سەۋەبتىن كېلىپ چىقىدۇ؟يانفوندا كۆرۈش
ئادەتتە روھىي ئامىل، يېمەك-ئىچمەك، مۇھىت ۋە ئائىلە تۇرمۇش ئادىتى بىلەن زىچ مۇناسىۋەتلىك بولۇپ، ھەرخىل سەۋەبلەر تۈپەيلىدىن ئىچكى ۋە تاشقى سوغۇق مۇھىت بىلەن كۆپلەپ ئۇچرىشىش، ئادەتلەنگەن بويىدىن ئاجراش كۆپ قېتىم ھامىلە قىردۇرۇش، شەخسىي تازىلىققا ئەھمىيەت بەرمەسلىك، سۇغۇقتا ياخشى كۈتۈنمەسلىك، ناتوغرا بولغان ھامىلىدارلىقتىن ساقلىنىش تەدبىرلىرىنى كۆپ قوللىنىش، ئەر-ئاياللىق مۇناسىۋىتى كۆپ بولۇش، يەللىك غىدىقلىغۇچى، سوغۇق تەبىئەتلىك يېمەك-ئىچمەكنى كۆپ ئىستېمال قىلىش، بالياتقۇ ۋە بالياتقۇ قوشۇمچە ئەزالىرىنىڭ چېكىنىش، روھىي كەيپىياتنىڭ تۇراقسىز بولۇشى قاتارلىق سەۋەبلەردىن كېلىپ چىقىدۇ.
2. قايسى كېسەللىكلەر ئاياللار كېسەللىكلىرىگە كېرىدۇ؟
ئاق خۇن كۆپ كېلىش، غەيرى پۇراش، تاشقى جىنسىي ئەزا ياللۇغى، تۈرلۈك جىنسىي يول ياللۇغى، بالىياتقۇ بوينى ياللۇغى، بالىياتقۇ بوينى شەلۋەرەش، بالىياتقۇ بوينى خالتىلىق ئىششىش، بالىياتقۇ بوينى يەللىك ئىششىقى، بالىياتقۇ بوينى مۇنچاق گۆش ئۆسمىسى، بالىياتقۇ مۇسكۇل ئۆسمىسى، تۇربا يولى ياللۇغى، تۇربا يولى خالتىلىق ئىششىش، تۇخۇمدان ياللۇغى، تۇخۇمدان خالتىلىق ئىششىقى، داس بوشلۇقى ياللۇغى، بالىياتقۇ ئىچكى پەردە ياللۇغى، بالىياتقۇ ئىچكى پەردىسى قېلىنلاش، ھەيز ئاغرىتىپ كېلىش، ھەيز قالايمىقانلىشىش، تۇغماسلىق قاتارلىق بىرقاتار كېسەللىكلەرنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ.
3. ئاياللار كېسىلىنىڭ خەتىرى قانداق؟
ئاياللار كېسەللىكى، ئاياللارنىڭ روھى كەيپىيات ۋە نېرۋا سىستېمىسى بىلەن مۇناسىۋەتلىك بولۇپ، ۋاقتىدا داۋالاپ ئالدىنى ئالمىغاندا، رەئىس ئەزالارنىڭ ۋە ھەرقايسى خادىمىي ئەزالارنىڭ خىزمىتىنىڭ چېكىنىشى، ئاياللىق ھورمۇننىڭ تۆۋەنلەپ كېتىشىنى، ئاياللار كۆپىيىش سىستېمىسىنىڭ چىكىنىشىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىپ، ئاياللارنىڭ ۋاقىتسىز قېرىشىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ؛ ئېغىر بولغاندا تۇغماسلىقنى، ھەتتا راك كېسلىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ.
4. ئاياللار كېسەللىكلىرىنىڭ دەسلەپكى ئىپادىسى قانداق؟
ئاق خۇن غەيرى پۇراقلىق، قان يېپىنچىسى ئارىلاش، نورمالسىز كېلىپ، بەل، ئىككى يوتا ۋە توققۇزكۆز ساھەسى تېلىپ، كۆيۈشۈپ يېقىمسىزلىنىش، ئادەت قالايمىقان بولۇش، تاشقى جىنسىي ئەزا ۋە جىنسىي يول قىچىشىش، روھىي كەيپىيات زىيادە تۆۋەن بولۇش.
5. ئاياللار دورا بىلەن داۋالاشتىن سىرت نېمىلەرگە دىققەت قىلىش كېرەك؟
روھىي كەيپىياتى ياخشى بولۇش كېرەك، يېمەك-ئىچمەك ۋە تازىلىق ئادىتىگە دىققەت قىلىش كېرەك. جىنسىي مۇناسىۋەت نورمال بولۇش كېرەك، ئۆزىنى ئىسسىق تۇتۇش، بۆرەك بىلەن بالىياتقۇنى قىزدۇرۇپ بېرىش كېرەك، يەللىك تاماقلارنى ۋە لازا-ئاچچىقسۇنى قەتئىي يېمەسلىك كېرەك.
تەلەي قاپىقىدىن چىققان يازمىلار
ھەر خىل ئاياللار كېسەللىكىنىڭ ئۈنۈملۈك شىپاسى: ن
2015-05-18 16:40:0114802تۇغماسلىق ۋە ئاياللار ساغلاملىقى
2015-11-28 01:03:393139جىنسىي يول بوشاپ كېتىش دېگەن نېمە؟
2015-08-05 22:50:215754ئەقىللىق ئاياللار ئېرىنى بىزار قىلمايدۇ
2015-11-10 02:28:412523دالانچە چوڭ بەز ياللۇغى دېگەن نېمە؟
2015-11-10 03:13:541483ئاياللار ئۆز ئىرادىسى بىلەن ھەركەت قىلىشنى ئارزۇ
2015-08-12 16:50:50714ئاياللار كېسەللىكلىرى توغرىسدا سوئال-جاۋابلار
2015-10-28 22:04:012262ئاياللار ئەقىللىق ، ئەمما ئۆزلىرى ئويلىغاندەك ئۇ
2015-10-25 11:49:321926
- باھالار
-
ئىسمىڭىز:
- باھالار رېتى
-