دالانچە چوڭ بەز ياللۇغى دېگەن نېمە؟
-
دالانچە چوڭ بەز ياللۇغى دېگەن نېمە؟
ۋاقتى: 2016-07-13 ئاۋاتلىقى: 1505 قېتىمدالانچە چوڭ بەز بولسا چوڭ جىنسىي لەۋ قىسىمىغا جايلاشقان، ئېغىزى كىچىك جىنسىي لەۋنىڭ ئىچكى تەرىپىگە جايلاشقان، مەقئەت يولى ۋە ماتكىغا يېقىن، شۇڭا جىنسىي مۇناسىۋەت ئۆتكۈزۈپ، يەڭگىپ ياكى باشقا ئەھۋاللار ئاستىدا سىرتقى جىنسىي ئەزا يۇقۇملانسا كېسەللىك مەنبەسى ئاسانلا كىرىپ دالانچە چوڭ بەز ياللۇغىنى قوزغايدۇ. بۇ كېسەللىك كۆپىنچە تۇغۇت يېشىدىكى ئاياللاردا يۈز بېرىدۇ، ئۈزۈمسىمان شارچە باكتېرىيە، چوڭ ئۈچەي ئېشېرىخىيە باكتېرىيەسى، سترېپتوكوككى باكتېرىيەسى ۋە سۆزنەك باكتېرىيەسى قاتارلىقلار بۇ كېسەللىكنى قوزغايدۇ.يانفوندا كۆرۈش
چۈنكى باكتېرىيە بەز نەيچىگە ھۇجۇم قىلغانلىقى ئۈچۈن دائىرىلىك جىددىي خاراكتېرلىك دالانچە چوڭ بەز ياللۇغلىنىشى يۈز بېرىپ دائىرىلىك ئورۇننىڭ قىزىرىپ، ئىششىپ، ئاغرىپ بەز نەيچە ئېغىزى توسۇلۇپ قېلىش يۈز بېرىدۇ، بەز تەنچە ئاجرىتىپ چىققان ماددا ھەم يىرىڭلىق ماددا سىرتقا چىقالماي دالانچە چوڭ بەز ئىششىپ قېلىش ياكى يىرىڭلىق ئىششىق يۈز بېرىدۇ، يوغىناپ 5 سانتىمېتىر ئەتراپىغا بارىدۇ، تەگسە ئاغرىش ياكى دولقۇنلىشىش تۇيغۇسى پەيدا بولىدۇ. ئادەتتە بۇ ۋاقىتتا قىزىتىش ۋە پۈتۈن بەدەندە نورمالسىزلىق ئالامىتى كۆرۈلىدۇ، دائىرىلىك ئورۇننىڭ ئاغرىشى ئېغىرلاپ كېتىدۇ. ئەگەر يىرىڭلىق ئىششىق داۋاملىق يوغىنىسا سىرتقى يۈزىدىكى تېرە ۋە شىللىق پەردىسى نىپىزلاپ كېتىپ ئۆزلۈكىدىن تېشىلىپ كېتىدۇ. ئەگەر يېرىلىش ئېغىزى چوڭ، چىقىپ كېتىشى توسالغۇسىز بولسا كېسەللىك ئالامىتى ئۆزلۈكىدىن يېنىپ ساقىيىدۇ؛ ئەگەر يېرىلىش ئېغىزى كىچىك، ئېقىپ چىقىش توسالغۇغا ئۇچرىسا ياللۇغلىنىش قايتماي قايتا-قايتا جىددىي خاراكتېرلىك قوزغىلىدۇ. بۇ ۋاقىتتا يېرىلىش ئېغىزىنى چوڭايتىش ئوپېراتسىيەسى ئېلىپ بارسا بولىدۇ. قىزىتىش ۋە پۈتۈن بەدەن خاراكتېرلىك كېسەللىك ئالامىتى ئېغىر بولسا ئانتىبىيوتىك ئىشلىتىپ داۋالاش ئېلىپ بارسا بولىدۇ.
ئاياللار يانبىلوگى خاس يازمىسى (ئاياللار يانبىلوگى «ئاياللار جىنسىي يول كېسەللىكىدىن 85 سوئال» ناملىق كىتابتىن تەرجىمە قىلىپ تەييارلىدى)
تەلەي قاپىقىدىن چىققان يازمىلار
بىر بەختلىك ئەر-ئايالنىڭ مۇھەببەت كېلىشىمى
2016-01-18 16:59:421546قانداق ئەرلەر ئاياللارغا ئەڭ بەك كۆيۈنىدۇ؟
2015-12-06 23:29:241705دالانچە چوڭ بەز ياللۇغى دېگەن نېمە؟
2015-11-10 03:13:541505ئەرلەر تۆۋەندىكىدەك ئاياللارغا بەك كۆيۈنىدىكەن
2015-11-10 02:26:342368ئاسانلا باشقىلارنىڭ ئاشنىسىغا ئايلىنىپ قالىدىغان
2015-12-15 17:18:342929قىزلارغا سۆز
2015-12-14 13:37:531395قىزلارنىڭ ئوغۇللارغا كۆڭلى بار بولسا بۇنداق قىلى
2015-12-18 19:37:594018ئاياللارنىڭ دائىم چارچىغاندەك ھېس قىلىشىدىكى سەۋ
2016-02-04 19:28:162497
- باھالار
-
ئىسمىڭىز:
- باھالار رېتى
-