ئاياللار دۇنياسى يانبىلوگى

  • بالىياتقۇدىكى ئەخلەت قالدۇقلىرى ۋە ئۇنى تازىلاش چارىسى

    بالىياتقۇدىكى ئەخلەت قالدۇقلىرى ۋە ئۇنى تازىلاش چارىسى

  • 30 ياشلىق ئاياللار قىلىشقا تېگىشلىك 24 مەخپىيەت

    30 ياشلىق ئاياللار قىلىشقا تېگىشلىك 24 مەخپىيەت

  • بالىياتقۇ مۇسكۇل ئۆسمىسى ۋە ئۇنىڭ ئالدىنى ئېلىش

    بالىياتقۇ مۇسكۇل ئۆسمىسى ۋە ئۇنىڭ ئالدىنى ئېلىش

  • ئاياللار ۋە ئانا ھەققىدە ھېكمەتلەردىن مۇھىم ئۇزۇندىلەر

    ئاياللار ۋە ئانا ھەققىدە ھېكمەتلەردىن مۇھىم ئۇزۇندىلەر

  بۇ بىر ئاياللار پىنھان تىۋىشلار ئارامگاھى!
«پىنھان تىۋىشلار» ئاياللارنىڭ سىردىشى بولسا؛ «ئاياللار گۈلزارى» ئاياللار لاتاپىتىنىڭ جىلۋىلىنىشى؛ «تۇرمۇش ساۋاتلىرى» سىزنى تۇرمۇشقا يېقىنلاشتۇرسا؛ «ئاياللار ساقلىقى» ئائىلىڭىزنىڭ بەختىنى كاپالەتكە ئىگە قىلىدۇ!
بىلوگ ھەققىدە
بۇ بىر ئاياللار پىنھان تىۋىشلار ئارامگاھى!
«پىنھان تىۋىشلار» ئاياللارنىڭ سىردىشى بولسا؛ «ئاياللار گۈلزارى» ئاياللار لاتاپىتىنىڭ جىلۋىلىنىشى؛ «تۇرمۇش ساۋاتلىرى» سىزنى تۇرمۇشقا يېقىنلاشتۇرسا؛ «ئاياللار ساقلىقى» ئائىلىڭىزنىڭ بەختىنى كاپالەتكە ئىگە قىلىدۇ!
يازما ئىزدەش
دوستانە ئۇلىنىشلار

ئەر-ئاياللىق مۇناسىۋەتتىن كېيىن ماتكىدىن قان كېلىشنىڭ سەۋەبى نېمە؟

ئەر-ئاياللىق مۇناسىۋەتتىن كېيىن ماتكىدىن قان كېلىشنىڭ سەۋەبى نېمە؟

ۋاقتى: 2016-05-29 ئاۋاتلىقى: 19945 قېتىم

يانفوندا كۆرۈش

1. بالىياتقۇ بوينى شەلۋەرەش
توي قىلغان ئاياللارنىڭ %90 دە ئاساسەن بالىياتقۇ بوينى ياللۇغى بار. بالىياتقۇ بوينى ياللۇغى بالىياتقۇ شەلۋەرەش دەرىجىسىنىڭ ئوخشىماسلىقىغا ئاساسەن يىنىك دەرىجىدە، ئوتتۇراھال دەرىجىدە ۋە ئېغىر دەرىجىدە بولىدۇ. 
ئوتتۇراھال دەرىجىلىكتىن يۇقىرى بالىياتقۇ بوينى شەلۋەرەش بولغۇچىلاردا، ئەر-ئاياللىق مۇناسىۋەت ئۆتكۈزگەندىن كېيىن، زەكەرنىڭ بالىياتقۇ بوينىغا سۈركىلىشى سەۋەبلىك، زەخمىلىنىش خاراكتېرلىق قان چىقىشنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ. بۇ خىل ئەھۋالدا قان مىقدارى ئاز بولغاچقا، دەرھال سىرتقا چىقمايدۇ-دە، ماتكا ئىچىدە يىغىلىپ قالىدۇ. بۇنىڭ بىلەن قاننىڭ رەڭگى يېڭى ھالەتتە بولماستىن، بەلكى كونىراپ كەتكەن ھالەتتە بولىدۇ، شۇڭا ئىككىنچى كۈنى چىققان قاننىڭ رەڭگى تۇتۇق قىزىل بولىدۇ. 
2. بالىياتقۇ بوينى ئۆسۈكچىسى (گۆش ئۆسۈپ قېلىش)
بالىياتقۇ بوينى ئاستا خاراكتېرلىق ياللۇغلىنىپ، ئۇزاق مۇددەت غىدىقلانغاندا، بالىياتقۇ بوينى ئۆسۈكچىسى پەيدا بولىدۇ-دە، بالىياتقۇ بوينى ئېغىزىدا بىر تال ياكى كۆپلىگەن ئۆسۈكچە توقۇلمىسى ئۆسۈپ قالىدۇ. بۇ ئۆسۈكچە قارىماققا خۇددى سېرىق پۇرچاق بىخ ياپراقچىسىمان بولىدۇ. بۇ خىل ئۆسۈكچە ناھايىتى چۈرۈك بولغاچقا، تېگىشىش بولسىلا قان چىقىدۇ، شۇڭا ئەر-ئاياللىق مۇناسىۋەتتىن كېيىن قان كېلىش ئەھۋالى كۆرۈلىدۇ. بۇ خىل قان ئادەتتە ناھايىتى يېڭى ھالەتتە كېلىدۇ.

3. بالىياتقۇ بوينى راكى
جىنسىي مۇناسىۋەتتىن كېيىن قان چىقىش ئومۇمەن ئەڭ ئاۋۋالقى كېسەللىك ئالامىتىدۇر. راك كېسەللىكى ئەتراپىدا ئۇششاق قان تومۇرلار نىسبەتەن كۆپ بولغاچقا، توقۇلمىلار نىسبەتەن نازۇك بولىدۇ. شۇڭا جىنسىي مۇناسىۋەت ئۆتكۈزگەن ۋاقىتتا، قىل تومۇرلار زەخمىلىنىش خاراكتېرلىق قان كېلىدۇ. ئەگەر راك ئىششىقى ئېغىرلىسا تېخىمۇ ئاسان قان كېلىش ئەھۋالى كۆرۈلىدۇ.

4. بالىياتقۇ ئىچكى پەردىسى ئالمىشىپ قېلىش كېسەللىكى
بەزى بالىياتقۇ ئىچكى پەردىسىنىڭ ئورنى ئالمىشىپ قالغانلىقتىن، بالىياتقۇ بوينىدا ئۆسىدۇ-دە، كۆكۈچ بىنەپشە رەڭلىك تۈگۈنچە ھالەتتە بولىدۇ. جىنسىي مۇناسىۋەت ئۆتكۈزگەندە، ئەگەر بۇ خىل كۆكۈچ بىنەپشە رەڭلىك تۈگۈنچىگە تېگىشىپ كەتسە، شۇ ھامانلا قان چىقىدۇ. ئومۇمەن قان مىقدارى ئازراق، رەڭگى تۇتۇق قىزىل رەڭدە بولىدۇ. جىنسىي مۇناسىۋەتتىن كېيىن دائىم قورساق قىسمى ئاغرىش ئەھۋالى كۆرۈلىدۇ. 

5. داس بوشلۇقى ياللۇغى
داس بوشلۇقى ياللۇغى داس بوشلۇقىغا قان تولدۇرىدۇ. ئەگەر بالىياتقۇ ئىچكى پەردىسىگە قان تولۇپ ئىششىپ كەتسە، جىنسىي مۇناسىۋەت ئۆتكۈزگەندىن كېيىن، قان تولۇپ قالغان ئىچكى پەردە تەپچىپ چىقىدۇ. ئەمما بۇ خىل ئەھۋال ناھايىتى ئاز كۆرۈلىدۇ. 

ئەگەر يۇقىرىقى ئەھۋاللار كۆرۈلگەن بولسا، سىزگە يەنىلا خانزادىلەر گۆھىرىنى تەۋسىيە قىلىمىز. چۈنكى خانزادىلەر گۆھىرى ئەڭ دەسلەپكى ماكتىنى، بالىياتقۇنى تازىلاشتىن باشلاپ، تېخى تولۇق ئىپادىلەنمىگەن جىنسىي يول ياللۇغى، بالىياتقۇ بوينى ياللۇغى، بالىياتقۇ شەلۋەرەش، داس بوشلۇقى ياللۇغى، تامچە قۇرت ياللۇغى دېگەندەك ئاياللار كېسەللىكىنىڭ ئالدىنى ئېلىپ، سىزنى بىھۇدا ئازاب ۋە ئەندىشىدىن خالاس قىلىدۇ. ئىشىنىمىزكى، خانزادىلەر گۆھىرى سىزگە سىز ئويلاپ باقمىغان تۇرمۇش ھوزۇرى ئاتا قىلىدۇ!

ئىشلىتىپ باقمىغانلار ئۇنىڭ ھوزۇرىنى ھېس قىلالمايدۇ، ئەمما ئىشلىتىپ كۆرگەنلەر بولسا نېمە ئۈچۈن ئۇنى بالدۇرراق ئىشلەتمىگەنلىكى ئۈچۈن پۇشايمان-ئۆكۈنۈشتە قالىدۇ!

مەھسۇلات سېتىۋېلىش تېلېفون نومۇرى: 6598750-0991 ياكى ئۈندىدار نومۇرى: parixta05

ئاياللار يانبىلوگى خاس يازمىسى

بايانات

بۇ بىر ئاياللار پىنھان تىۋىشلار ئارامگاھى!
«پىنھان تىۋىشلار» ئاياللارنىڭ سىردىشى بولسا؛ «ئاياللار گۈلزارى» ئاياللار لاتاپىتىنىڭ جىلۋىلىنىشى؛ «تۇرمۇش ساۋاتلىرى» سىزنى تۇرمۇشقا يېقىنلاشتۇرسا؛ «ئاياللار ساقلىقى» ئائىلىڭىزنىڭ بەختىنى كاپالەتكە ئىگە قىلىدۇ!
مەزكۇر يانبىلوگدىكى مەزمۇنلار خەنزۇچە نوپۇزلۇق تور بېكەتلەردىن تەرجىمە قىلىش ياكى بىر قىسىم تورداشلار ھەمبەھرلىنىش ئاساسىدا تەمىنلەنگەن، پەقەت پايدىلىنىش ئۇچۇرى قىلىشقا بولىدۇ، ئەمما ئەڭ ئاخىرقى دىئاگنۇز قىلىشقا بولمايدۇ، كونكرېت ئىشلاردا يەنىلا دوختۇرنىڭ كۆرسەتمىسىنى ئاساس قىلىشىڭىز كېرەك!
ھەر قانداق ئاياللار كېسەللىكى جەھەتتە مەسلىھەت سورىماقچى، مەھسۇلات سېتىۋالماقچى بولسىڭىز 6598750-0991 غا تېلېفون قىلسىڭىز بولىدۇ. ئۈندىدار نومۇرى: 1489941616

تەلەي قاپىقىدىن چىققان يازمىلار

باھالار

ئىسمىڭىز:

باھالار رېتى