ئەرلەر بىلەن ئاياللار پوزىتسىيەسىدىكى پەرقلەر
-
ئەرلەر بىلەن ئاياللار پوزىتسىيەسىدىكى پەرقلەر
ۋاقتى: 2016-09-23 ئاۋاتلىقى: 3529 قېتىميانفوندا كۆرۈش
تەتقىقاتلار ئارقىلىق ئەر-ئاياللارنىڭ سىرتقى دۇنياغا تۇتقان پوزىتسىيەسىدە يەتتە خىل ئوخشىماسلىق بايقالدى. 1. ئاياللار ئىنچىكە ئىشلارنى ئاسان ئېسىدە ساقلايدۇ، ئەرلەر چوڭ ئىشلارنى ئاسان ئېسىدە ساقلايدۇ ئەرلەر بىلەن ئاياللارنىڭ چوڭ مېڭىسىدىكى ئەستە تۇتۇش رايونى ئوخشىمايدۇ، ئاياللارنىڭ ھېسىيات رايونى بىر قەدەر جانلىق بولۇپ، ھېسىيات بىلەن مۇناسىۋەتلىك ئىشلار ئاسان ئېسىدە قالىدۇ. مەسىلەن، ھەرخىل خاتىرە كۈن ۋە تۇرمۇشتىكى كىچىك ئىشلار دېگەندەك. ئەمما ئەرلەرنىڭ ئەستە تۇتۇش رايونى كۆرۈش سېزىمى غىدىقلانغاندىن كېيىن جانلىنىدۇ، ئۇنىڭ ئۈستىگە ئەرلەر ئەزەلدىنلا بىر قەدەر چوڭ ئىشلارغا ئېتىبار بېرىدۇ، شۇڭا چوڭ ئىشلار ئۇلارنىڭ ئېسىدە ئاسان قالىدۇ. 2. ئاياللار بىرلا ۋاقىتتا بىر قانچە ئىشقا كۆڭۈل بۆلەلەيدۇ، ئەمما ئەرلەر پەقەت بىر ئىشقا كۆڭۈل بۆلەلەيدۇ تەتقىقىقاتلاردىن بايقىلىشىچە، ئاياللار بىر ئىش بىلەن شۇغۇللىنىش بىلەن بىرگە، يەنە باشقىلار بىلەن مۇڭدىشالايدىكەن، لېكىن ئەرلەر باشقىلار بىلەن مۇڭداشقاندا چوقۇم زېھنىنى يىغىشى كېرەككەن. چۈنكى ئەرلەر باشقىلارنىڭ سۆزىنى ئاڭلاۋاتقىنىدا، چوڭ مېڭىنىڭ بىر تەرىپى قوزغىلىدىكەن، ئاياللارنىڭ بولسا ئىككىلا تەرىپى قوزغىلىدىكەن. ئەمەلىيەتتە بۇ بىر خىل تەدرىجىي تەرەققىياتنىڭ نەتىجىسى ئىكەن، چۈنكى ئاياللارنىڭ ئەڭ دەسلەپكى ۋەزىپىسى بالا بېقىش ھەم ئۆي ئىشى قىلىش بولغاچقا، ئىككىسىنىڭ تەڭ قىلىشقا ئادەتلەنگەن. ئەرلەرنىڭ ئەڭ دەسلەپكى ۋەزىپىسى ئوۋ ئوۋلاش بولغاچقا، زېھنىنى يىغىشقا توغرا كېلىدۇ، شۇڭا ئەرلەردە بۇ خىل ھالەت شەكىللەنگەنىكەن. 3. ئاياللار كۆڭلى يۇمشاق كېلىدۇ، ئەرلەر باغرى قاتتىق كېلىدۇ ئاياللار ئەرلەرگە قارىغاندا رومان ئوقۇشقا ئامراق كېلىدۇ، رومان ئوقۇغان چاغدا پۈتۈن ۋۇجۇدى بىلەن روماننىڭ ۋەقەلىكىگە كىرىپ كېتىدۇ. پىسخولوگ سىمون مۇنداق دەيدۇ: ئاياللار ھېسسىيلاشقان چوڭ مېڭىسىنى ئىشلىتىدۇ، ئەرلەر ماشىنىلاشقان چوڭ مېڭىسىنى ئىشلىتىدۇ، بۇ خىل ئەھۋال ئاياللارنىڭ ھەرۋاقىت ئۆزىنى باشقىلارنىڭ ئورنىغا قويۇپ ئويلىيالىشىدىكى، ئەرلەرنىڭ بىر قەدەر باغرى تاش بولۇپ، باشقىلارنى ئاسان چۈشەنمەسلىكىدىكى سەۋەبتۇر. 4. ئاياللار ئەرلەرگە قارىغاندا ئاغرىقتىن بەكرەك قورقىدۇ ئاغرىپ قالغاندا، ئاياللارنىڭ چوڭ مېڭىسىدىكى ھېسسي نېرۋىسى ئادەتتىكىتىن تاشقىرى ئاكتىپ ھالەتتە بولۇپ، ئاياللارنىڭ دىققىتىنى ئاغرىۋاتقان جايغا مەركەزلەشتۈرىدۇ، شۇڭا ئاياللار ئاغرىققا نىسبەتەن ئىنتايىن سەزگۈر ھالەتتە بولىدۇ. لېكىن ئاغرىق ئەرلەرنىڭ چوڭ مېڭىسىدىكى بىلىش ۋە ئەقلىي يەكۈن چىقىرىش رايونىنى غىدىقلايدۇ، شۇڭا ئۇلار ئاغرىقنىڭ سەۋەبىنى ئىزدەيدۇ ۋە ئاغرىق توختىتىشنىڭ ئامالىنى قىلىدۇ. 5. ئاياللار بىكار بولسىلا بازار ئايلىنىشقا ئامراق، ئەرلەر ئېھتىياجى بولمىسا بازار ئايلانمايدۇ ئاياللار سېتىۋالدىغان نەرسىسىنى بېكىتمەي تۇرۇپمۇ بازار چۆگىلەيدۇ، لېكىن ياخشى كۆرگەن نەرسىسى ئۇچرىغان ھامان قارارىنى ئۆزگەرتىپلا سېتىۋالىدۇ. ئەرلەر نېمە سېتىۋېلىش توغرىسىدا چوت سوقىۋېلىپ، ئاندىن بىۋاستە شۇ نەرسە سېتىلىدىغان بازارغا بارىدۇ. 6. ئەرلەر ھاراق ئىچىۋالغاندا، كۆزىگە ئاياللار بىر قەدەر سەت كۆرۈنۈپ قالىدىكەن. لېيسېستىر ئونۋېرستېتىدىكى ئالىم مۇنداق دەيدۇ: ئەرلەر ھاراقنى كۆپ ئىچىۋالغاندا، كۆزىگە ئاياللار بىر قەدەر سەت كۆرۈنۈپ قالىدۇ، ئاياللار ھاراق ئىچكەندە، ئۇلاردا ھېچقانداق ئۆزگىرىش بولمايدۇ.
ئەسلى مەنبە: ئۇيغۇرچە خەلق گېزىتى تور بېتى
Tags:تەلەي قاپىقىدىن چىققان يازمىلار
ئىلمىي ئۇسۇلدا كىر يۇيۇش
2016-07-02 19:16:414397ئاياللارنىڭ بالىياتقۇسىغا زىيانلىق ئادەتلەر
2015-10-22 18:28:462600بالىياتقۇدىكى ئەخلەت قالدۇقلىرى ۋە ئۇنى تازىلاش
2015-08-22 18:29:30156350ئاياللار رازى بولدىغان بۇنداق ئەرنى كۆرگەنمۇ؟
2015-08-18 12:15:036778قىش پەسلىدە تېرە قۇرغاقلاشسا نېمىگە دىققەت قىلىش
2015-12-21 15:59:402118قىزلار ئۆيدە يالغۇز قالغاندا نىمە ئىشلارنى قىلىد
2015-12-04 13:31:442889بەدەن يۇيۇش سۇپۇنى ۋە بەدەن يۇيۇش سۇيۇقلۇقىنىڭ پ
2015-11-27 23:27:582832زامان ئاخىرىنىڭ ئاياللىرى [پوۋىست] (4)
2014-11-16 14:16:493953
- باھالار
-
ئىسمىڭىز:
- باھالار رېتى
-