بۇ بىر ئاياللار پىنھان تىۋىشلار ئارامگاھى!
«پىنھان تىۋىشلار» ئاياللارنىڭ سىردىشى بولسا؛ «ئاياللار گۈلزارى» ئاياللار لاتاپىتىنىڭ جىلۋىلىنىشى؛ «تۇرمۇش ساۋاتلىرى» سىزنى تۇرمۇشقا يېقىنلاشتۇرسا؛ «ئاياللار ساقلىقى» ئائىلىڭىزنىڭ بەختىنى كاپالەتكە ئىگە قىلىدۇ!
قىش پەسلىدە تېرە قۇرغاقلاشسا نېمىگە دىققەت قىلىش كېرەك
-
قىش پەسلىدە تېرە قۇرغاقلاشسا نېمىگە دىققەت قىلىش كېرەك
ۋاقتى: 2016-07-18 ئاۋاتلىقى: 1977 قېتىميانفوندا كۆرۈش
قىش پەسلىدە تېرە قۇرغاقلاشسا نېمىگە دىققەت قىلىش كېرەك
كۈز پەسلى ۋە قىش پەسلىدە تېرە قۇرغاقلاشسا سەل قارىماسلىق كېرەك. ئېغىرراق بولغاندا تېرە قىچىشىش، قىزىرىش، مۇنەك پەيدا بولۇش ئەھۋاللىرى كۆرۈلىدۇ.
بىرىنچى: يېمەك-ئىچمەككە ئالاھىدە دىققەت قىلىش كېرەك.
مۇزلىتىلغان قايناقسۇ سۇ ئىچىش، بەك مۇزدەك بولسا بولمايدۇ، يىلمان سۇ ئىچىش كېرەك. ۋىتامىن B تولۇقلايدىغان يېمەكلىك ۋە مېۋىلەرنى يىيىش كېرەك. ئاقسىل تولۇقلاشقىمۇ ئەھمىيەت بېرىش كېرەك. ئاچچىق يېمەكلىكلەرنى ئاز يىيىش ئەڭ ياخشىسى يىمەسلىك كېرەك.
ئىككىنچى: تېرە يۇمرانلاشتۇرۇش مايلىرىنى ئىشلىتىش
ۋىتامىن A ،D ، E تولۇقلايدىغان يېمەكلىكلەرنى كۆپرەك ئىستېمال قىلىش. ھەركۈنى كەچتە ئۇخلاشتىن ئاۋۋال چوقۇم يۈزدىكى گىرىمنى يۇيۇپ ئاندىن تېرىنى يۇمرانلاشتۇرۇش، سۇ تولۇقلاش، ئوزۇقلاش ئۈنۈمىگە ئىگە تېرە ئاسراش مايلىرىنى كۆپرەك ئىشلىتىش كېرەك. قۇرغاق تېرىگە نىسبەتەن تېرە ئاسراش ئوزۇقلاش بۇيۇملىرىنى توغرا تاللاپ ئىشلىتىش كېرەك. ئەڭ ياخشىسى ماغزاپلىق يۈز يۇيۇش سوپۇنى ئىشلەتمەسلىك كېرەك.
ئۈچىنچى: قۇرغاق تېرىگە ئىشقارلىقى يۇقىرى سۇپۇن ئىشلەتمەسلىك كېرەك.
ئىشقارلىقى يۇقىرى سوپۇن ئىشلەتكەندە تېرىنى بىر ئاز يۇمرانلاشتۇرغاندەك تۇيغۇ بېرىدۇ، لېكىن تېرىنىڭ سىرتقى قىسمىنىلا يۇمرانلاشتۇرىدۇ، ئاستى قىسمىغىچە سىڭىپ كىرىپ سۇ تولۇقلىمايدۇ. چوقۇم ئىشقارلىقى تۆۋەنرەك سوپۇننى ئىشلىتىش ھەمدە يۇيۇنۇپ بولغاندىن كېيىن، يۈزنى يۇيۇپ بولغاندىن كېيىن تېرە يۇمرانلاشتۇرۇش مېيى سۈرۈش كېرەك.
تۆتىنچى: يۇقىرى خىزمەت بېسىمىمۇ تېرىنى زىيادە قۇرغاقلاشتۇرىۋېتىدۇ.
خىزمەت بېسىمى يۇقىرى ۋاقىتلاردا ئازراق ۋاقىتنى چىقىرىپ نېرۋىنى ئارام ئالدۇرۇشقا ئەھمىيەت بېرىش كېرەك. كەيپىيات ناچار، خىزمەت جىددىي بولسىمۇ تېرىنى قۇرغاقلاشتۇرىۋېتىدۇ.
ئۇنىڭدىن باشقا يەنە، ماركىلىق ياكى قىممەت پۇللۇق دەپلا تېرە ئاسراش بۇيۇملىرىنى خالىغانچە ئىشلەتمەسلىك لازىم، چۈنكى بىر خىل تېرىگە ماسلاشقان ماي يەنە بىر خىل تېرىگىمۇ ماسلىشىشى ناتايىن، تېرىنىڭ سۈپىتىگە قاراپ ئۆزىنىڭ تېرىسىگە ماس كەلگەن تېرە ئاسراش بۇيۇملىرىنى ئىشلىتىش كېرەك.
مەنبە: ئەرقال تاراتقۇسىTags:تەلەي قاپىقىدىن چىققان يازمىلار
ئوپېراتسىيە قىلدۇرۇپ يەڭگىشنىڭ ئانا بىلەن بالىغا
2016-01-07 01:55:563774ئاياللارنىڭ تېرىسى قانداق ئالاھىدىلىكلەرگە ئىگە
2015-12-06 13:58:506608قانداق قىلغاندا ئاياللار ياللۇغلىنىشلىق كېسەللىك
2015-11-28 01:40:433389ئاياللار جىنسىي يولىنىڭ ئورنى ۋە ئىقتىدارى
2015-12-06 13:59:144328ئاياللار بۆلۈمىدە كۆپ كۆرىلىدىغان ياللۇغلىنىشلىق
2015-11-12 18:46:001897ئىپپىتىنى ساتقان قىز - (ئىبرەتلىك ھىكايە)
2015-10-25 12:07:132269بىر ئادەمنى بەك ياخشى كۆرۈپ قالماڭ
2016-02-05 18:18:493448ئاياللار قاچان تۇرمۇشنىڭ راھىتىنى كۆرىدۇ؟
2016-03-08 14:06:453962
- باھالار
-
ئىسمىڭىز:
- باھالار رېتى
-