بىر ئادەمنى بەك ياخشى كۆرۈپ قالماڭ
-
بىر ئادەمنى بەك ياخشى كۆرۈپ قالماڭ
ۋاقتى: 2016-07-22 ئاۋاتلىقى: 3585 قېتىميانفوندا كۆرۈش
بىر ئادەمنى بەك ياخشى كۆرۈپ قالماڭ
ئاياللار سالونىنىڭ ماقۇللىقى بىلەن ئىلىندى،باشقا سالونلار كۆچۈرسە پاش قىلىنىدۇ
بىر ئادەمنى بەك ياخشى كۆرۈپ قالسىڭىز، باشقىلار بۇرنىڭىزدىن يىتىلەپ ماڭىدۇ ،ئەگەردە بەك چەكتىن ئىشىپ كەتسە ئۆز ئەسلىڭىزنى يوقۇتۇپ قويىسىز .شۇنىڭدىن ئېتىبارەن ،سىزنىڭ ئۆزىڭىزگە خاس پىكرىڭىز يوقاپ كىتىدۇ ،ئۆزىڭىزنىڭ خوشاللىق ۋە قايغۇڭىزدىنمۇ ئايرىلىپ قالىسىز ،سىز ئۇنى ھەممىدىن ئۈستىن بىلىپ ،ئۇنىڭ بىلەن بىللە يۈرسىڭىز،سىز ئۇنىڭ دۇنياسى بولىسىز ؛ئۇنىڭ بىلەن بىللە بولمىسىڭىز دۇنيا ئۇنىڭ بولىدۇ .
بىر ئادەمنى بەك ياخشى كۆرۈپ قالسىڭىز، سۆزسىز ئۇنىڭغا بەرداشلىق بېرىسىز ،ئاستا-ئاستا ئۇ بۇ خىل يول قويۇشقا كۆنۈپ قالىدۇ، سىزنىڭ ئۇنىڭ ئۈچۈن قىلغان ئىشلىرىڭىزغا ئېتىبار بەرمەيدۇ ، ھەتتا سىزدىن زېرىكىدۇ ،خاسلىقىڭىز بولمىغاچقا ،سىزگە سەل قارايدۇ ،سوغۇق مۇئامىلە قىلىدۇ ، سىزنى ھۆرمەتلىمەيدۇ .
بىر ئادەمنى بەك ياخشى كۆرۈپ قالسىڭىز، سىز مىسالى بىر شام بولىسىز ،ھېچنىمە بىلەن ھېسابلاشماي ئۆزىڭىزنى كۆيدۈرىسىز ، پەقەت بىردەملىك يورۇقلۇق ۋە ھارارەت ئۈچۈنلا ، شام ئېرىپ تۈگىگەندە ، سىز ھەممە نەرسىڭىزدىن ئايرىلىسىز؛ ھالبۇكى قارشى تەرەپ بولسا بىر قول چىراغ ، ئۇنىڭغا ئىزچىل تۈردە باتارىيەنى ئالماشتۇرغىلى بولىدۇ ،ھاياتى كۈچى مەڭگۈ ئۇرغۇپ تۇرىدۇ ...
بىر ئادەمنى بەك ياخشى كۆرۈپ قالسىڭىز، ئۇ سىزنىڭ ئۇنىڭغا قىلغان ياخشىلىقلىرىڭىزغا كۆنۈپ قالىدۇ ، ئەمما ئۆزىنىڭمۇ سىز ئۈچۈن قۇربان بېرىشى كېرەكلىكىنى ئۇنتۇپ قالىدۇ ،سىزنىڭمۇ ئوخشاشلا جاۋابقا ئېرىشىش كېرەكلىكىڭىزنى ئەستىن چىقىرىدۇ _____ ئۇنى پۈتۈنلەي يامان ئۆگىتىپ قويىسىز .
باشقىلارنى قانچە سۆيسەم ، باشقىلارمۇ مېنى شۇنچىلىك سۆيىدۇ دەپ ئويلىماڭ، سۆيۈشنىڭ ئۆزى يولسىزلىق قىلىش .شۇڭا كۆپ ۋاقىتلاردا ، سۆيگۈ تەڭسىز بولىدۇ . باشقىلارنى ئۆزىڭىزنى ئۇنتۇغان ھالدا ياخشى كۆرمەڭ ،بۇنداق مۇھەببەت پەقەت چۆچەكلەردىلا مەۋجۇت ، بۇ جەمئىيەت ئاستا-ئاستا بۇنداق مۇھەببەتنى قۇبۇل قىلمايدۇ، قارشى تەرەپكە بوشلۇق بېرىڭ ،ئۆزىڭىزگىمۇ ئازراق ئورۇن قالدۇرۇپ قويۇڭ .
مۇھەببەتلىشىۋاتقاندا ئەلۋەتتە ھەممە نەرسە گۈزەل بىلىنىدۇ ،ئەگەر ئۇ كىتىپ قالسا ، سىز بۇ ئىشلارنى قانداق بىر تەرەپ قىلىسىز ؟ ئۆزىڭىزنى شۇنچىلىك ئاتاپ ، ئاخىرىدىكى شۇ ئېغىر ئازاپقا يۈزلىنەلەمسىز ؟
شۇڭا ، بىر ئادەمنى بەك ياخشى كۆرۈپ كەتمەڭ ، 80% پىرسەنت بولسىلا بولدى ، 20% نى ئۆزىڭىزنى سۆيۈش ئۈچۈن ئېلىپ قويۇڭ .
مەنبە: تور دۇنياسى
Tags:تەلەي قاپىقىدىن چىققان يازمىلار
بېسىم ئاياللارنى ئاسانلا ھاڭۋاقتى قىلىپ قويىدىكە
2015-08-10 00:30:242242قانداق ئەرلەر ئاياللارغا ئەڭ بەك كۆيۈنىدۇ؟
2015-12-06 23:29:241712نېمە ئۈچۈن خانزادىلەر گۆھىرىنى ئىشلىتىمىز؟
2015-10-07 12:46:113051ئاياللار كېسەللىكىنىڭ تېخىمۇ كەسپىي ھەم ئۈنۈملۈك
2015-10-04 23:17:042926ئاياللار قايسى خىل جىنسى مۇناسىۋەتكە ئەڭ ئىنتىلى
2016-01-23 14:03:588444سېمىزلىك بالىياتقۇ راكىنىڭ خەتىرىنى ئاشۇرۇۋېتىدۇ
2015-10-22 18:30:251783ئەر-ئاياللار ئاسان تالاغا قاراپ قالىدىغان مەزگىل
2015-08-10 00:43:583864قىزلارغا 100 نەسىھەت--ئاۋازلىق 3-سان
2016-03-19 20:23:332203
- باھالار
-
ئىسمىڭىز:
- باھالار رېتى
-