ئەر-ئاياللار ئاسان تالاغا قاراپ قالىدىغان مەزگىل قايسى؟
-
ئەر-ئاياللار ئاسان تالاغا قاراپ قالىدىغان مەزگىل قايسى؟
ۋاقتى: 2016-08-14 ئاۋاتلىقى: 3858 قېتىميانفوندا كۆرۈش
سىنگاپوردىكى بىر ئائىلە ئىشلىرى ۋە ئۆسمۈرلەر ئەدلىيە مەركىزىنىڭ بىر تۈرلۈك تەكشۈرۈش نەتىجىسىدىن مەلۇم بولۇشىچە، ئەر-خوتۇنلۇق مۇناسىۋەتتىن ئەرلەرنىڭ ئوتتۇرىچە يېشى 40، ئاياللارنىڭ ئوتتۇرىچە يېشى 37 گە يەتكەندە مەسىلە كۆرۈلۈپ، ھەر ئىككى تەرەپ ئېھتىيات قىلمىسا، ناھايىتى ئاسانلا «رېلىس» تىن چىقىپ كېتىدىكەن. دەل مۇشۇ ۋاقىتتا تالاغا قاراپ قالىدىغان، ھەتتا ئاجرىشىدىغان ئىشلار كۆرۈلىدىكەن. چۈنكى، بۇ ۋاقىتتا ئون يىلدىن ئاشقان شېرىن تۇرمۇشنىڭ تەمى قالمايدىغان بولۇپ، ئاسانلا ھېسسىيات جەھەتتە مەسىلە كۆرۈلىدىكەن. بۇنداق ۋاقىتتا، ئەر-ئاياللار كەلگۈسىنى ئويلىمىغاندا، سەبىي بالىلارنى يېتىم قېلىشتەك يامان ئەھۋاللار كېلىپ چىقىدىكەن.
شاڭخەي شەھەرلىك 10- دوختۇرخانىنىڭ جىنس پىسىخولوگىيەسى دوختۇرلىرىنىڭ قارىشىچە، ئەرلەر 40 ياشتا، ئاياللار 37 ياشتا خۇددى كۆرۈنۈشتە ناھايىتى ئامراقتەك تەسىر بەرگەن بىلەن ئىچكى جەھەتتىن بىر خىل بىزارلىق كەيپىياتى شەكىللىنىدىكەن.
تويدىن كېيىنكى ئۈچ يىل ئۆز ئارا سۈركىلىش مەزگىلى، يەتتىنچى يىلى كىرىزىس مەزگىلى، 10-يىلى بولسا بۇرۇقتۇرما بولۇش مەزگىلى ئىكەن. تويدىن كېيىنكى ئۈچ يىلدا ھەر ئىككى تەرەپ بىر-بىرىگە كەڭ قورساق بولۇشى، كىچىك ئىشلارنى تەگەپ يۈرمەسلىكى كېرەك ئىكەن. يەتتىنچى يىلدىكى كىرىزىس مەزگىلىدە بولسا، ھەر ئىككى بىر-بىرىگە ئېھتىيات بىلەن مۇئامىلە قىلىشى، گەپ-سۆز ۋە ھەرىكەتكە دىققەت قىلىشى كېرەك ئىكەن. ئون يىل ئۆتكەندىن كېيىن، ھەر ئىككى تەرەپ مۇھەببەتنىڭ ئەڭ مۇھىم ئىكەنلىكىنى تونۇپ يېتىپ، ئائىلىنىڭ كەيپىياتىنى تەڭشىشى كېرەك ئىكەن.
دېمەك، مۇشۇ ئارىدىكى خەتەرلىك مەزگىلدىن ئوڭۇشلۇق ئۆتۈۋالغاندىن كېيىن، نىكاھ تۇرمۇشىدا غەيرىي ئەھۋاللار ئانچە كۆپ كۆرۈلمەيدىكەن
تەلەي قاپىقىدىن چىققان يازمىلار
ئەرلەر نىمىشقا ئاشنىسى بىلەن توي قىلمايدۇ؟
2015-11-22 01:57:302441ئايالىمنىڭ «خىزمىتى يوق»...نۇرغۇن ئاياللارنى يىغ
2015-12-08 18:01:012943ئاياللارنىڭ بالىياتقۇسىغا زىيانلىق ئادەتلەر
2015-10-22 18:28:462429ئەقىللىق ئايالنىڭ 6چوڭ ئالاھىدىلىكى
2015-12-26 17:24:018956ئاياللارغا ماس كېلىدىغان ئىگىلىك تىكلەش تۈرلىرى
2015-08-18 12:21:202225ئاياللارنىڭ ئەرلەردىن كۈتىدىغىنى
2015-08-12 16:55:082748ئاياللار بۆلۈمىدە كۆپ كۆرىلىدىغان ياللۇغلىنىشلىق
2015-11-12 18:46:001920مەشھۇر كىشىلەرنىڭ ئاياللار ھەققىدە ئېيتقانلىرى
2015-08-06 01:39:071237
- باھالار
-
ئىسمىڭىز:
- باھالار رېتى
-